logo

trugen jacn

مىللىي ئازادلىق يولىدا ئويلىنىش – 4

mehmet-emin-.-1

مەمەت ئەمىن ھەزرەت

تۈرك تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان؛ ئەندەر قاراخانلى

 

 

 

ئالدى بىلەن نىشان ئېنىق بولىشى كېرەك -4

 

شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۆرىشىنىڭ ئەسلى مەقسىتى، قولىمىزدىن بېرىپ قويغان دۆلىتىمىزنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۇنى ياشىتىشتۇر. 1933 – يىلى 12 – نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، دۇنيادا ئىسلام نامى بىلەن قۇرۇلغان تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدۇر. دۆلەتنىڭ تۈزۈمى جۇمھۇرىيەتتۇر. جۇمھۇر دېگەنلىك، خەلق دېگەنلىكتۇر. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ئىسلام دۇنياسىدا ئىسلامنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان تۇنجى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت ئىدى. 30 ماددىدىن تەركىپ تاپقان ئاساسى قانۇنىدا دۆلەتتە بارلىققا كېلىدىغان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك     ئۈچۈن كەڭ ھەقلەر بېرىلگەن ۋە شارائىت يارىتىلغان

53dcislam

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنىنىڭ 6 – ۋە 7 –  ماددىسىدىكى بەزى تارماقلارغا قارايدىغان بولساق، نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئوتتۇرا ئەسىر قاراڭغۇلىقىغا مەھكۇم قىلىنغان خەلقنىڭ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە زامانىۋى ۋە دېموكراتىك بىر ئاساسى قانۇنغا چىڭ يېپىشىپ دەۋر تەرەققىياتىغا يېتىشىش ئۈچۈن ئورنىدىن سىلكىنىپ دەس تۇرغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز

ج. دۆلەت رەئىسى مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن سايلىنىدۇ، 4 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

بىرىنجى; دۆلەت رەئىسى باش مىنىستىرنى تەيىنلەيدۇ ھەمدە باش مىنىستىر تەيىنلىگەن ۋە دۆلەتنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئادا قىلىدىغان مىنىستىرلارنى تەستىقلايدۇ

ئىزاھات: دۆلەت رەئىسى، مىللەت مەجلىسى شەكىللەنگەندىن كېيىن باش مىنىستىر ۋە مىنىستىرلار ھەيئىتىنى تەۋسىيە قىلىدۇ ۋە مەجلىسنىڭ تەستىقىغا سۇنىدۇ.

ئىككىنجى; مىنىستىرلار كېڭىشىدىن چىققان قارارلارنى تەستىقلايدۇ. بۇ قارارلار مۇۋاپىق كۆرۈلمىسە، قايتىدىن كۆرۈپ چىقىش ئۈچۈن مىنىستىرلار كېڭىشىگە ياندۇرىدۇ ۋە تەكلىپ بېرىدۇ. دۆلەت رەئىسى ۋە باش مىنىستىر ۋەياكى مىنىستىرلار كېڭىشى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش كۆرۈلگەندە، باش مىنىستىر ئىستىپا بېرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا دۆلەت رەئىسى يېڭىدىن باش مىنىستىر تەيىنلەيدۇ

ئۈچۈنجى;  دۆلەت رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى كېڭەش ۋە مۇزاكىرىنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن، مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىشتا ھەققىدە قارار چىقارغاندا كۆپچىلىكنىڭ رايىغا مۇراجەت قىلىدۇ

يەتتىنجى ماددا; باش مىنىستىر بارلىق مىنىستىرلارنىڭ بېشىدۇر. بۇ سەۋەپتىن ھەر مىنىستىر ئىجرا قىلىۋاتقان مەسلىلەرگە ئارلىشىش ھوقوقى بار. ئۇ مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ باشلىقىدۇر. باش مىنىستىر ھەپتىدە بىر قېتىم، ئالاھىدە ئەھۋاللاردا پات – پات مىنىستىرلار كېڭىشىنى يېغىنغا چاقىرىدۇ. بۇ يىغىنلاردا ھۆكۈمەت ئالغان پۈتۈن قارار ۋە تەدبىرلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ ۋە بۇ ھەقتە قارار چىقىرىدۇ

بۇ قارارلار « مىنىستىرلار كېڭىشى قارارلىرى » نامىدا مىللەت مەجلىسىگە يوللىنىدۇ. بۇ قارارلارنى مەجلىستىكى كۆپ سانلىق قوبۇل قىلسا « قانۇن »غا ئايلىنىدۇ.

مىللەت مەجلىسى يىغىلمىسا ياكى يىغىلىش ئىمكانى بولمىسا، بۇ قارارلار بىۋاستە جۇمھۇر رەئىسىگە سۇنىلىدۇ. ئەگەر مىنىستىرلار كېڭىشى قارارلىرى جۇمھۇر رەئىسى تەرىپىدىن تەستىقلانسا، قارارلار « قانۇن »غا ئايلىنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گىرىبىدا تۆت كەلىمە يېزىلغان، يەنى- ئىسلامىيەت، ئازادىيەت ( ھۆرىيەت )، ئادالەت، ئۇخۇۋەت – قېرىنداشلىق

1933_devlet_armasi

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ئەقىل بىلەن ۋەھىينى، ئىسلام بىلەن خەلقچىلىق ( دېموكراتىيە )نى بىر – بىرىگە دۈشمەن قىلمىغان زامانىۋى ئاساسى قانۇنىنى خەلقنىڭ، زىيالى ۋە ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ مۇنازىرىسىگە قويغان. خەلقنىڭ تەنقىت ۋە تەكلىپلىرىنى ئالغاندىن كېيىن، قايتىدىن تۈزىتىپ مىللەت مەجلىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن دۆلەتنىڭ رەسمىي ئورگان گېزىتى بولغان « يېڭى ھايات » گېزىتىدا ئېلان قىلىپ، ئاساسى قانۇننى يولغا قويغان

ئىلى ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھرىدە 1944 – يىلى 12 نويابرىدا  قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، 1933 – يىلى 12 نويابىردا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ داۋامىدۇر. بۇ جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنى تېخىمۇ زامانىۋى ۋە دەۋرنىڭ شارائىتىغا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان شەكىلدە تەييارلانغان بولۇپ، ئىلگىرىكىسىگە قارىغاندا خېلى مۇكەممەلدۇر. بۇ جۇمھۇرىيەت، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن تازلانغان ئازاد رايۇنلاردا تۈرك ئېرقىغا مەنسۇپ بولغان ۋە نەچچە ئەسىردىن بۇيان قېرىنداش بولۇپ ياشاپ كەلگەن؛ بىرلىكتە ۋەتىنىنى ئازاد قىلغان موغۇل، شىۋە، روس قاتارلىق باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ھەق – ھوقۇقلارنى بەرگەن، ھەر مىللەتنىڭ تىل، مائارىپ، مەدەنىيەت، نەشرىيات ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئۆزبەك، باش مىنىستىرى ئۇيغۇر، ھەربىي ئىشلار قۇماندانى قىرغىز، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى قازاق ئىدى. مىنىستىرلىك ۋە ئارمىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك قاتلىمىدا روس، موغۇل، تۇڭگان، خىتاي، شىۋە ۋە باشقا مىللەت ئەزالىرى ياكى مىللەتلەردىن ۋەكىللەر بار ئىدى. بۈگۈن بۇ جۇمھۇرىيىتىمىزدىن قالغان ئارخىپلاردىن، ئاسيادىكى مىللەتلەر ۋە شەخسلەرنىڭ ھەق – ھوقوقى، ئەركىنلىكى نوقتىسىدىن باشقا ئەللەرگە ئۆرنەك بولالايدىغان ۋە تەرەققىي قىلغان دېموكراتىك ئەللەردە كۆرگىلى بولىدىغان ئۇسلۇب ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ

ئاللاھ نىڭ ياردىمى بىلەن قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدىغان يېڭى دۆلىتىمىز، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ داۋامى بولىدۇ. دۆلەت تۈزۈمى يەنىلا جۇمھۇرىيەت بولىدۇ. كۈنىمىزدە ئىسلام ئەللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى دېموكراتىك ئاساسىي قانۇن بىلەن باشقۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە ئىگە. قاندىشىمىز، تىلدىشىمىز ۋە دىندىشىمىز بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە ئۆرنەك قىلغىلى بولىدىغان، دېموكراتىك قىممەت – قاراش بىلەن باشقۇرۇلىۋاتقان بىر دۆلەتتۇر. تۈركىيەدە ئىسلام دىنىمىز,  تۈرك دېموكراتىيىسى ئىلھام ئالىدىغان ئەڭ مۇھىم مەنبە بولماقتا. دېموكراتىيە ھېچقاچان ئىسلامنى توسىدىغان ئامىل بولمىدى. « دىندا مەجبۇرلاش يوق »تۇر. ئىشىنىش – ئىشەنمەسلىك نوقتىسىدا ھەر قانداق بىر بېسىم بولمىغان يەردە، ئاللاھ قا چىن دىلىدىن باغلانغان ھەقىقىي مۇسۇلماننى كۆرگىلى بولىدۇ. مەن خېلى كۆپ مۇسۇلمان ئەللىرىنى كۆردۈم ۋە شۇ يەكۈنگە كەلدىم: ئاللاھ قا شەكىل جەھەتتىن ساختا باغلىنىشتىن خالىي بولغان ھەقىقىي مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن كىشىلەر جەمئىيىتى، ئانادولۇدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمان تۈركلەر جەمئىيىتىدۇر. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زامانىۋى ۋە پەن – تېخنىكا دەۋرىگە يېتىشىش ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۇتۇقى، تۈركلەرنىڭ خالىس ۋە پاك ئىمانلىرىدىن، بۇ ئىمان بەخش ئەتكەن كۈچتىن كەلمەكتە

شەرقىي تۈركىستاندا 20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مەۋجۇت بولۇپ  تۇرۇشى ئۈچۈن، 20 يىلدا ئىككى يېرىم مىليۇن ۋەتەن ئەۋلادى بۇ تۇپراقنى مۇبارەك قېنى بىلەن سۇغۇرۇپ شېھىت بولدى. شېھىتلىرىمىز سىزغان يول مۇبارەكتۇر ۋە توغرا يولدۇر

شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ۋە ئانا ۋەتىنىدە ( بۇ دۇنيادا ) جەھەننەم ھاياتى ياشاۋاتقان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بېسىم، زۇلۇم ۋە ئازابىنى تارتىۋاتقان مەزلۇم ۋە ئاجىز قېرىنداشلىرىمىز تۆۋەندىكى نوقتىلارنى چۈشۈنۈپ يېتىشىمىز لازىم

بىرىنجى; نىشانىمىز، يوقۇتۇپ قويغان مۇستەقىللىقىمىزنى دۈشمەندىن قايتۇرۋېلىشتۇر

ئىككىنجى; قۇرىدىغان دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى جۇمھۇرىيەت بولىدۇ

ئۈچۈنجى;  ئەدلىيە سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئاساسى قانۇن – نىزاملىرىمىزنى تۈزۈپ چىقشتا پايدىلىنىدىغان مەنبەئىمىز، شېھىتلىرىمىزنىڭ ئېزىز قېنى بەدىلىگە قولغان كەلگەن بۇ ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزدىن بىزگە يېتىپ كەلگەن ۋە مىراس قالغان ئاساسى قانۇن ۋە قىممەت – قاراشلاردۇر

ۋەتىنىمىزنى ئىشغال ئاستىدا تۇتىۋاتقان ۋە بىزنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچى خىتاي، چەتئەلدىكى يالاقچىلىرى، جاسۇسلىرى ۋە ئۆزلىرىگە خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق شوركىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، بىز مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى تالىبان، ئى س س ئى غا ئوخشاش شەكىلدە تەشكىلاتلىنىشقا يۈزلەندۈرىۋاتىدۇ، تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەت ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ نەزرىدە بىز مەزلۇم ئۇيغۇر تۈركلىرىنى « تېرورىست » سۈپىتىدە كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق بىزنى يوقۇتۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. بىزلەر خىتاينىڭ بۇ قىلتىقىغا چۈشمەسلىكىمىز كېرەك ۋە چۈشمەيمىز. ئاتئېسىت، دىنسىز ۋە كاپىر تاجاۋۇزچى خىتايلار بىلەن جىھاد قىلىش ۋە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن چوقۇم تالىبان، ئى س س ئى… قاتارلىقلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىش شەرت ئەمەس. ئاللاھ تائالاھ، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزگە ۋە ئۇنىڭ ئۈممىتى بولغان بىز مۇسۇلمانلارغا مەككە مۇكەررەمدىكى بەيتۇللاھ ( كەبە )نى قىبلە قىلىپ كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ سەجدە قىلىشىمىزغا بۇيرىغان. ئەجدادىمىز ۋە تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك ھۆكۈمدارىمىز ئابدۇلكېرىم ساتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋلادى بولغان بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا شەرقىي تۈركىستاننى ئانا ۋەتەن سۈپىتىدە بەرگەن ۋە بۇ تۇپراقلارنىڭ رىشتىنى قەلبىمىزگە سالغان. بۈگۈن، بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋە پۈتۈن مىللىتىمىزنىڭ ئاللاھ تائالاھنىڭ ئارغامچىسىغا چىڭ ئېسىلىپ، بىر مۇشتقا ئوخشاش بىرلىشىپ، ۋەتنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ۋە يوقۇتۇپ قويغانلىرىمىزنى قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر قايتۇرۋېلىشقا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىدىغان كۈندۇر ۋە ۋاقىتتۇر

ئۇنداقتا بىز ئۇيغۇلار , كۈنىمىز دۇنياسىدا ئىككىنچى چوڭ كۈچ بولغان تاجاۋۇزچى خىتايدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قايسى يول، ئۇسلۇب ۋە سىتىراتېگىيە بىلەن ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى كېيىنكى بۆلۈمدە ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمەن

ۋەما تەۋفىقۇ ئىللا بىللاھ ;تىرىشچانلىق بىزدىن، تەۋپىق ۋە ياردەم ئاللاھ تىندۇر

 

مەنبە
شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنى

 

MİLLİ KURTULUŞ YOLUNDA DÜŞÜNCELER -4.BÖLÜM

http://www.uyghurnet.org/milli-kurtulus-yolunda-dusunceler-4-bolum/

 

 

 

Share
3189 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.