logo

trugen jacn

سەمەن يولى قەھرىمانلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايلى

سەمەن يولى قەھرىمانلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايلى
( ئارخىۋېمدىكى ماتېرياللار تېزىملىكىدىن ئىزدەپ تېپىپ تورغا يوللۇدۇم)
…………………….
ئىككى ئۇيغۇر 32 خىتاي ئەسكىرىنى قانداق يەر چىشلەتتى؟
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا يادوس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2009-10-18 05:23

ئىككى ئۇيغۇر 32 نەپەر خىتاي ئەسكىرىنى قانداق يەر چىشلەتتى؟

ئابدۇراخمان ئازات ۋە قۇربانجان ھېمىت توغرىسىدا يېقىندا يېتىپ كەلگەن بىر مەلۇمات مېنى ئويغا سالدى.

2008 – يىلى 8 – ئاينىڭ 4 – كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن ”سەمەن يولى ۋەقەسى“نى بەزى قېرىنداشلىرىمىز ”خىتاي كوممۇنىست ئىستىلاسىدىن بۇيانقى 60 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك قارشىلىق“ دەپ باھالىغاندا، يەنە بەزى مەدەنىي ئىنقىلابچىلار، سىياسىي شۇئارۋازلار، جانباقتى ۋەتەنپەرۋەرلەر خىتاي بىلەن ئوخشاش مەۋقەدە تۇرۇپ، بۇ ھەرىكەتنى تېررورىزمغا باغلاشقا ئۇرۇنۇپ سەپسەتىلەر ساتتى ۋە قارىلاپ باياناتلار ئېلان قىلىشتى .

”سەمەن يولى ۋەقەسى“نىڭ تارىخى ئەھمىيىتى، ئۈلگىلىك رولى، تەسىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىنى ھېچقانداق بىر ئىنقىلابقا سېلىشتۇرغىلى بولماسلىقتىكى ئاددىي سەۋەبلەرنىڭ بىرقانچىسى شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدى؛

1. بۇ ۋەقە، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى خىتايغا تىكىلىپ تۇرغان بىر ۋاقىتتا، ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن 4 كۈن بۇرۇن يۈز بەردى. شۇ سەۋەبتىنمۇ دۇنيا مەتبۇئاتىنى لەرزىگە كەلتۈردى. بەزىلەر ئېيىتقانغا ئوخشاش، ”60 يىلدىن بېرى ئەمەلگە ئاشمىغان ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇش غايىسىنى بىر كۈندىلا ئەمەلگە ئاشۇردى“

2. بۇ ۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى “ شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى“دىن ئەنسىرەپ، ۋەتىنىمىزدە 1.5 مىليونلۇق ئەسكىرى ۋە قوراللىق ساقچى كۈچلىرىنى تولۇق ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ تەرتىپ ساقلاشقا تىرىشىۋاتقان ھەربىي ھالەت تۈسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتتە يۈز بەردى.

3. بۇ ۋەقە، ئاددىي خىتاي پۇقرالىرىغا ئەمەس، مەخسۇس خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمىغا قارشى ھۇجۇم بولۇشتەك ئالاھىدە خاراكتېرى بىلەن گەۋدىلەندى.

4. بۇ ۋەقەنى قانداقتۇر مۇنتىزىم تەلىم كۆرگەن ”تېررورىستلار“ ياكى مەلۇم بىر سىياسىي تەشكىلات ۋەياكى مەخپىي ھالەتتىكى يوشۇرۇن قوراللىق گۇرۇپپىنىڭ ئادەملىرى ئەمەس، بەلكى ئىككى نەپەر ئاددىي شەھەر پۇقراسى سادىر قىلدى.

5. بۇ ۋەقە، ئەڭ ئاز بەدەل بىلەن، ئەڭ كۆپ دۈشمەن يوقىتىلغان بىر ۋەقە بولدى. قەشقەر چىگرا مۇداپىئە قوراللىق ساقچى ئەترىتىنىڭ 17 خىتاي ئەسكىرى ئۆلدى ۋە 15 نەپىرى يارىلاندى.

بۇنىڭدەك زور قىممەتكە ۋە ئۈلگە خاراكتېرىگە ئىگە ئىنقىلابنى قارىلاش ئەمەس، تەشۋىق قىلىشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى بۈگۈن´گە قەدەر تونۇماي ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ھېچقانداق قىلىپمۇ ئەقلىمدىن ئۆتكۈزەلمەيمەن.

يېقىندا ۋەتەن زىيارىتىدىن قايتقان بىرسىنىڭ سوتتىكى پاراڭلارنى نەقىل قىلىپ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئابدۇراخمان ئازات ۋە قۇربانجان ھېمىت بۇ قېتىمقى جەڭ ئۈچۈن بىر يېرىم يىل تەييارلىق قىلغان.

بۇ ئىككى قەھرىمان ئۇيغۇر، سوت مەيدانىدا ئۆزلىرىنى بۇ كۈرەشكە بەل باغلاشقا مەجبۇر قىلغان بىر تالاي ئامىللارنى تىلغا ئېلىپ كېلىپ، مۇنداق بىر ۋەقەنى قوشۇپ قويغان:

<< بىر كۈنى، ئەمدىلا پەپىلەپ مېڭىشنى ئۆگەن´گەن ئىككى ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئوغۇل بالا، خىتاي چىگرا مۇداپىئە قوراللىق ساقچى ئەترىتى دەرۋازىسى ئالدىدا بىر كىچىك توپنى قوغلاپ يۈرۈپ ئويناۋاتاتتى. بالىنىڭ توپى بىر كەمدە دومىلاپ بېرىپ، خىتاي ساقچى ئەترىتىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتتى. بالا توپنىڭ ئارقىدىن قوغلاپ دەرۋازىدىن كىردى. دەرۋازىدا پوستتا تۇرغان قاراۋۇل خىتايدا ئەگەر زەررىچىلىك ئىنسانىي تۇيغۇ دېگەن نەرسە بولسا، بۇ سەبى بالىغا يا توپنى ئېلىپ بېرىپ دەرۋازىدىن چىقىرىۋېتىدۇ ياكى بالىنىڭ توپنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىگە سۈكۈت قىلىدۇ ۋەياكى توپنى دەرۋازا سىرتىغا چۆرىۋېتىدۇ.

بۇ ئەسكەر ئۇنداق قىلمىدى. بۇ ئەسكەر ئۇدۇل كېلىپ، 2 ياشلىق بىر نارىسىدىنىڭ چاتىرىقىغا زەردە بىلەن تەپتى. بالا ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ چۈشتى ۋە بىرلا چىقىراپ ھوشىدىن كەتتى. بالىسىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان دادىسى يۈگرەپ كىرىپ بالىسىنى قولىغا ئالدى ۋە ھوشسىز ياتقان بالىنى ئۆلۈپتۇ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك، ئۇنى تەپكەن خىتايغا قاراپ ئېتىلدى. خىتاي ئەسكىرى بىرلا ۋارقىراش بىلەن تەڭلا، بىر توپ خىتاي ئەسكەرلەر يوپۇرۇلۇپ چىقىپ، بىچارە دادىنى ھوشىدىن كەتكىچە ئۇرۇپ، دۇمبالىدى

بىز بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق. ھوشسىز ياتقان دادا بىلەن بالىنى ئېلىپ، دوختۇرغا يۈگۈردۇق. دادا ھەرھالدا ھايات قالدى. ئەمما، ئىككى ياشلىق بىچارە نارىسىدە ئۈچ كۈندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى..

ئەقلى – ھۇشى جايىدا بولغان، يېتىلگەن ھەربىر ئۇيغۇرنى سىلەر دۈشمەن سانايسىلەر. ئۇيغۇر بولغانلىق ۋە مۇشۇ زېمىننىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغانلىق گۇناھىمىز بار. لېكىن 2 ياشلىق بالىدا نېمە گۇناھ؟ ئۇنىڭ دادىسى ئەرىز قىلمىغان يەر قالمىدى. ئەرزىنى ئاڭلايدىغان ئادەم چىقمىدى. بۇ خەقنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممىسى بىر بىرىگە ئىگىكەن. ئۇيغۇرغا كىم ئىگە؟ بىز بۇ دەردلەرگە قانداق چىداپ ياشايمىز؟ بىز مانا شۇ كۈنى بۇ قىساسنى ئېلىشقا قەسەم قىلدۇق. ئەشۇ ئىككى ياشلىق بوۋاقنىڭ ۋە تۇغۇلماي تۇرۇپلا ئۆلتۈرىلىۋاتقان سانسىزلىغان بىگۇناھ نارىسىدىلەرنىڭ قىساسىنى ئېلىشقا قەسەمياد قىلدۇق . >>

مىللەتنىڭ ئازاپ – ئوقۇبەتلىرىدىن يۈرەكلىرى قان – زەرداپ بولۇپ ياشۋاتقان ئابدۇراخمان ئازات ۋە قۇربانجان ھېمىت، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ تەييارلىققا كېرىشكەن. بىر يېرىم يىل پۇختا تەييارلىق قىلغان. خىتاي چىگرا مۇداپىئە قوراللىق ساقچى ئەترىتىنى داۋاملىق كۈزەتكەن. دۈشمەن´گە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پىلانلىرىنى تەكرار تەكرار مۇزاكىرە قىلغان. قورال ئىزدەپ تاپالماي، ئۆزلىرى ھەپىلىشىپ يۈرۈپ بىر دانە ئاددىي تاپانچا ۋە بىر نەچچە تال قول بومبىسى ياسىغان. لېكىن بۇلارنى سىناق قىلىدىغان پۇرسەت بولمىغاچ، ماشىنا بىلەن قوغلاپ يۈرۈپ باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈشنى ئاساس، ياسىۋالغان قوراللىرىنى (كارغا كەلگەن تەقدىردە) قوشۇمچە ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن. ھۇجۇم كۈنى يەنە يېنىغا پىچاق قىستۇرىۋېلىشنى پىلانلىغان.

نەتىجىدىن مەلۇمكى، 32 دۈشمەن يەر چىشلىدى. 17 نەپىرى دوزاققا ئۇزىتىلدى. 15 نەپىرى يۇرتىغا ھەيدەلدى.!

مېنى چۇڭقۇر ئويلاندۇرغان نەرسە، ئۇلاردىكى ئەقىل – پاراسەت بىلەن سەۋرى – تاقەتنىڭ بىرلىكى. ئاندىن، جەڭ مەيدانىدىكى قەت´ئىي جاسارەت!

بىزدە ھاپىلا – شاپىلا ھەرىكەت قىلىپ، ياراتقان نەتىجىنىڭ تايىنى يوق بىھۇدە زور قۇربان بېرىشلەر ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا. ”5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى“ دە جېنىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىدلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن. ئۆلۈمگە ھوكۇم قىلىنىۋاتقان قەيسەر ئوغلانلىرىمىزنىڭ ئۇ دۇنيالىق مەرتىۋىسى يۈكسەك بولسۇن! ئەگەر ئاشۇ قۇربان بەرگەن مىڭلىغان سۆيۈملۈك شېھىدلىرىمىزنىڭ يېرىمى ياكى ئوندىن بېرى ئابدۇراخمان ئازات ۋە قۇربانجان ھېمىتنىڭ تۇتقان يولىدىن ئۈلگە ئالغان بولسا، نەقەدەر بۈيۈك نەتىجىلەر ۋۇجۇدقا چىقار ئىدى – ھە!؟
……………
تورغا يوللۇغۇچى : ئابدۇرېشىتھاجى كېرىمى

Share
222 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.