logo

trugen jacn

چەتئەلدىكى ”شەرقىئى تۈركىستان ھۈكۈمەت“لىرى، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىگە قانداق زىيانلارنى سېلىۋاتىدۇ

چەتئەلدىكى ”شەرقىئى تۈركىستان ھۈكۈمەت“لىرى، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىگە قانداق زىيانلارنى سېلىۋاتىدۇ؟

ھىكمەت يېڭىتاڭ

دۇنيادا بىرلا شەرقى تۈركىستان بار. ئەمما چەتئەلدە 8 شەرقىئى تۈركىستان ھۈكۈمىتى بار. شەرقى تۈركىستان ئىسمىدىكى بۇ 8 ھۈكۈمەتنىڭ 8 دۆلەت رە’ئىسى، 8 باش مىنىستىرى بار. ۋەتەن ئازات بولسا (تۇيۇقسىز ئازات بولۇپ قالسا) 8 رەئىس،8 باش مىنىستىر تەخىتنى ئەڭ بۇرۇن ئىگەللىۋېلىش ئۈچۈن ھۇششارلىق بىلەن ياتقان يېرىدە ساقلاۋاتىدۇ.
ئەقلى سالامەتلىگى تېخى بۇزۇلمىغان، نورمال تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىنى تېخى يۇقاتمىغان ئۇيغۇرلارغا بىر سۇئالىم بار؛ سىز ئۆزىڭىزنى ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدىكى بىر سىياسەتچى، ياكى جەمىيەتتە تەسىرى بار بىر جامائەت ئەربابى، جورنالىست، سەنئەتچى… بولۇپ تەسەۋۇر قىلىڭ!

سىزنىڭ ئالدىڭىزغا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللتى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان مىللى قىرغىنچىلىق ھەققىدە بىر دوكلات كەلدى. سىز بۇ دوكلاتنى ئوقۇپ، 21. ئەسىردە دۆلەت تېرورىنىڭ بۇنچىۋالا دەھشەتلىك يۈرگۈزۈلىۋاتقانلىقىغا غەزەپلەندىڭىز. ۋىجدانىڭىزدا ئۇيغۇر مىللىتىگە نىسپەتەن ھىسداشلىق تۇيغۇسى ئويغاندى. ئارقىدىنلا سىزگە باشقا بىر دوكىلات سۇنۇلدى. بۇ دوكلاتتا كەلگۈسىدە مۇستەقىل بولغۇسى شەرقى تۇركىستاننىڭ ، چەتئەلدە قۇرۇلغان 8 شەرقى تۈركىستان ھۈكۈمىتى بار، دىگەن جۈملىنى ئوقۇدىڭىز. سىزنىڭ كۆز ئالدىڭىزغا قانداق ئۇيغۇر ئوبرازى كىلىدۇ؟ دوكلاتنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇشقا ۋاقىت ئىسراپ قىلمايسىز. شۇنى ئويلايسىز؛ ئۇيغۇر دىگەن مىللەتتە، تاش دەۋرىدىكى قەبىلىلەردە بولغانچىلىك سەۋىيە، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق يوق ئىكەن.بۇ مىللەت قاچان مەدىنىيەت دەۋرىگە كىرەر؟ قاچان مۇستەقىللىق ئالغۇدەك، مۇستەقىل دۆلەتنى ھىمايە قىلغۇدەك مەدىنىيەت قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرەر؟ ئۇيغۇر دىگەن مىللەتنى جەم قىلىش ئۈچۈن تەشكىلاتلاندۇرۇش، ساراڭلار دوختۇرخانىسىدىكى ساراڭلارنى تەشكىللەشكە ئۇرۇنىشتىن پەرقى يوق بىر ئىش ئىكەن،دەپ ئويلىمامسىز؟

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پلانىمۇ دەل مۇشۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. بىرىنجى ھۈكۈمەتتىن سەككىزىنجى ھۈكۈمەتكىچە قۇرۇلۇش پىلانى ۋە جەريانىدا خىتاينىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق قولى بار. مەقسەت ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خەلقارادىكى ئوبرازىنى خۇنۇكلاشتۇرۇش، ۋىجدانلىق، ئەقىللىق، قولىدىن ئەمىلى ئىش كىلىدىغان ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرلارنى مىللى داۋادىن سەسكىنىدىغان ھالغا كەلتۈرۈئۈش. چەتئەللىكلەر ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پالتىغا ساپ بۇلالمايدىغان، ئۆز كىلەچگىنى ئۆز قوللىرى بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان بىر خەلق ئىكەنلىگىگە ئىشەندۈرۈش ئىدى. خىتاي مەقسىدىگە يەتتىمۇ؟ يەتتى، يېتىۋاتىدۇ،خىتاي ۋە ياكى خىتاينىڭ پۇلدار غالچىلىرى يەنە بىر قانچە تەلۋە، نۇمۇسسىز… ئۇيغۇرنى تېپىپ، 9-10. ھۈكۈمەتلەرنى قۇردۇرىشى مۇمكىن.

شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر خەلقىدىن 5 – 10 مىڭ، ھەتتا 20 مىڭ كىلومىتىر ئۇزاقتا بىر نەچچە تەلۋىنىڭ بىر ئۆيگە كىرىۋېلىپ ”شەرقى تۈركىستان ھۈكۈمىتى“ قۇرۇپ ئۆزلىرىنى رەئىس، مىنىستىر ئېلان قىلىشلىرى، ئۇيغۇر مىللىتىگە، شەرقى تۈركىستانىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان شەھىتلىرىمىزنىڭ روھىغا قىلىنغان كەچۈرگۈسىز ھاقارەتتۇر.

بۈركۈت قونغان تاغ چوققىسىغا، يىلانمۇ ئۆمىلەپ چىقالايدۇ، قاغا- قوزغۇنمۇ قونالايدۇ. ئامما ئۇلار ئۆزلىرىنى بۈركۈت بىلەن ئوخشاش سانىسىمۇ، بۈركۈتكە ئايلىنىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

ئەي، ئۇيغۇر مىللىتى! چەتئەلدىكى ”شەرقى تۈركىستان ھۈكۈمەت“لىرى، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىگە قانداق زىيانلارنى سېلىۋاتىدۇ؟ بۇ توغرۇلۇق ئويلىنىپپ باقتىڭىزمۇ؟

ھىچ بولمىسا ئەركىن دۇنيادا خىتايغا ماسلىشىپ مىللەتنىڭ ئىپپەت- نۇمۇسىنى، شان- شەرىپىنى بۇلغىغان بۇ نۇمۇسسىزلارنى توختىتىش ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتىدىغان زامان كەلمىدىمۇ؟ مىللى تەقدىرىمىزنى بۇ ھۈكۈمەتپۇرۇچ شەرمەندىلەرگە،جاسۇسلارغا، ئۆزلىرىنى بۈركۈت ھىساپلايدىغان قاغا-قوزغۇنلارغا تاشلاپ بېرىمىزمۇ؟

Share
1004 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.