logo

trugen jacn

ھەر نەرسىنى مۇقەددەسلەشتۈرگەنلەرنىڭ دىنىمىز ۋە مىللىتىمىزگە كەلتۈرگەن زىيانلىرى

ھەر نەرسىنى مۇقەددەسلەشتۈرگەنلەرنىڭ دىنىمىز ۋە مىللىتىمىزگە كەلتۈرگەن زىيانلىرى

مۇئەللىم

ھەر نەرسىنى مۇقەددەسلەشتۇرۇش ئۇچۇن، ۋائىزلىق قىلغانلار ئاخىرى بىرىپ مىللەتنى نىمىنىڭ مۇقەدەس ، نىمىنىڭ مۇقەدەس ئەمەسلىگىنى بىلمەيدىغان ھالغا كەلتۇرۇپ قويماقتا.
ئۇلۇغ ئىسلام دىنىمىز ۋە سۆيۇملۇك پەيغەمبىرىمىز، نىمىنىڭ مۇقەددەسلىگىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ ئوتكەن.
ھاياتنىڭ ئوزى مۇقەددەستۇر ! ھاياتنىڭ قىممىتى ۋە مەنىسى مۇقەدەستۇر!
ئىنساننىڭ كوللۇكتۇپ ئۇچۇن ، ئىنسان ئۇچۇن ، روھنىڭ ھاياتى ئۇچۇن قىممەتلىك قىلغان نەرسىلەر بار، يەنى دىننىڭ ئىنساننىڭ روھى ھاياتىنى چوڭقۇر مەناغا ئىگە قىلىدىغان نەرسىلەر بار.
بۇلار ئىنسان ئۇچۇن مۇقەددەسلىكنى ئىپادە قىلىدۇ. ئەڭ ئەقەللى بىر ئەمەل قىلىدىغان نەرسىلەرنى يۇكسەك ئەخلاقى نۇختىدا كۆرسۇتۇپ مۇقەددەسلەشتۇرمەك، دىننىڭ قىممىتىنى يۇقۇرى قىلىش ئەمەستۇر.
ھەقىقى دىنى ۋە ئەخلاقى ياشاش ئۇسۇلىنى توغرا كۆرسىتىپ بىرىش موھىم بولغان مەسىللىرىمىزنىڭ بىرى، ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز ئىنساننىڭ ھاياتى ، مال مۇلكى ، ئىززەت شەرىپى ، غۇرۇرى كەھبىدىن مۇقەددەستۇر دىگەن دۇنياۋى بىر پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. قارايدىغان بولساق بۇ ھەدىسنىڭ دەل ئەكسىچە بىر ئەھۋالدا قالدۇق. ئىجتتىمائى تاراتقۇلاردىكى ۋە ئىكران ئالدى كەينىدىكى ھادىسلەردىن كۆرۇپ ۋە بىلىپ تۇرماقتىمىزكى؛ نورمال ئەخلاقتىن خېلى زور دەرجىدە يىراقلاپ ۋە چىكىنىپ كەتكىنىمىز ئاشكارا ئوتتۇرىدا، بىز ئۇيغۇلار نە دىنى نە مىللى قىمىتىمىزنىڭ ئىگىللىرىنى ۋە ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن مىللى مىراسلىرىمىزنى قوغدىيالىدۇق ۋە ھاياتىمىزدا داۋام قىلالىدۇق…؟!
ھە دىسىلام ئىنكارچىلىق بىلەن رەت قىلىش ، كەمسىتىس بىلەن ئوزىمىزنى ئوزىمىز خار ئورۇنغا چۇشۇرىۋاتقانلىغىمىزنى، تۇيغۇلىرىمىز ھىس قىلماس ھالغا كەلدى.
بۇ ئوزىنىڭ ئەجداتلىرى ئەمەل قىلىپ ۋە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىدىن چەتنەش ياكى يۇز ئورۇش ئېغىر بولغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرىشى مۇمكىن، خىتتاي مائارىپ قېلىپىدا قۇيۇلغان زىھنىيتىمىز بىلەن غەرب مەدىنىيتى ئارىسىدىكى رىقابەتتە يىڭىلىپ قىلىۋاتقاندەك قىلىمىز. يەنىلام خىتتاي زىھنىيتى ئۇستۇنلۇكنى ئىگەللەپ كەتمەكتە، بۇنىڭ ئۇستىگە دىنى قىممەت قاراشلىرىمىزنى زىدىلىگەن سۆز ۋە يازمىلارنىڭ كوپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشى مىللەتنى بولۇشكە ، بۆلۇنۇشگە ئىتتەرمەكتە، بۇ ئىتتىرىش ئىچكى زىددىيەتلەرنىڭ ئوتكۇرلىشىشىنى كەسكىنلەشتۇرۇپ پارام-پارچە بولوشقا يىتىپ ئاشماقتا.
خۇلاسە كالام؛ بىزنىڭ ھازىرقى ھايات ماماتلىق مۇجادىلىمىزدە، نىجىس خىتتاي تاجاۋۇزچىنىڭ باسقىنى ئاستىدا قالغان زىمىنىمىزنى ئىشغالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن قىلىدىغان پۇتۇن ھەركىتىمىز، ئومۇمى مىللەت بويىچە مۇقەددستۇر . ۋەتەن ئۇچۇن دەپ تۇرۇپ ئىسراپ بولۇۋاتقان ئەقىل ، ۋاقىت ، ئىختىساد . ئادەم ئىسراپچىلىغىدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئوزى مۇقەددەسلىك ئۇچۇن بېسىلغان مۇستەھكەم قەدەم بولغۇسىدۇر، ھەر دەۋىردە ھەر شارائىتتا ، ھەر ۋاقىتتا ۋەتەن ئۇچۇن ، ئازاتلىق ئۇچۇن قىلىنغان كورەشلەر مۇقەددەستۇر ، بۇ مۇقەددەسلىكنى تونۇپ يېتىپ كورەش قىلغىنىمىزدا ، دىنمىز كۆرسەتكەن باشقا مۇقەدەسلەرنى ھەقىقى ئىچرا قىلالايمىز ۋە ئۇلارنى ئەمەلدە كۆرسىتەلەيمىز…
تارىختا تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ دۆلەت قۇرغانلارغا ئوخشاش ، ئىستىراتىگەيە ۋە تەشكىللەش ۋە تەشكىللىنىش يولىدا، قىسقىسى ۋەتەن قوتقۇزۇش يولىدا، كېرەك بولسا بىر قىسىم زورۇر بولغان مۇقەددىساتلارنى يارتىپ چىقىشقا مۇھتاجمىز، بۇنىڭ ئۇچۇن مىللەتنىڭ ھەرساھىدىكى مۇنەۋۋەرلىرى ئورتاق دوشمىنىمىز ئۇچۇن ئورتاق يەردە بىردەكلىككە كىلىشى كىرەك…

 

2024. 1.16

Share
1250 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.