logo

trugen jacn

پايدىسىز تالاش – تارتىشلار ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

پايدىسىز تالاش – تارتىشلار ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

مۇئەللىم

ئوسمانلى پادىشاھى فاتىخ سۇلتان مەھمەت ئىستانبۇلنى ئېلىش ئۈچۈن سېپىلنى قۇرشاشقا بۈيۈك تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە،ۋىزانتىيە ئىمپىرىيەسى ”پەرىشتىلەر ئەركەكمۇ ياكى چىشىمۇ ؟“ دەپ تالاش – تارتىش قىلىۋاتقانلىقى تارىخى مەنبەلەردە مەۋجۇت. ئەنە شۇنداق نادانلىق ۋە چىرىكلىك پاتىقىغا پاتقان بۇ ئىمپىرىيە دۆلەت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى ئەمەس، ئەرزىمەس ئەپسانىۋى تىمىلار ئۈستىدە ئايىغى چىقماس تالاش- تارتىشلارنىڭ ئەسىرى بولغانلىقى ئۈچۈن مەغلۇپ بولغان ئىكەن..

بۇ خىل قاراشنىڭ قانچىلىك توغرىلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئايىقى چىقماس تالاش – تارتىشلارغا باشچىلاپ كىرىپ كېتىش دەل مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەپچىسى بولىدىغانلىقى ئېنىق.
خەلىفە ئوسماننىڭ جەمەئەتىنى، يىقىنلىرىنى ھەممە ساھەگە ئىگە قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ چىرىكلەشكەنلىكى دىگەن سەۋەپ بىلەن چىققان تالاش – تارتىشتا ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئۆلتۈرىلىشى توغرا دىگۈچىلەر بىلەن خاتا دىگۈچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىسلامنىڭ بىر چوڭقۇر يارىسى بولۇپ كەلدى ۋە تىخىچە داۋام قىلماقتا… بۇ يەردە (ھەزرىتى ئوسماننىڭ شۇ تالاش – تارتىش سەۋەبىدىن ئۆلتۈرىلىشى ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ياخشى بولدىمۇ ؟ ) دىگەن سۇئالغا ياخشى بولمىغانلىقىدىن ئىبارەت توغرا جاۋاپنى تارىخ بەردى ….
ئەمدى كېلەيلى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە بولۇۋاتقان تالاش – تارتىشلارغا .
تالاش – تارتىش ( مۇنازىرە) لار كۆپرەك سىياسىي ، مىللىي ۋە دىنى نۇقتىلارغا مەركەزلىشىپ داۋام قىلماقتا. مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاقتى بۇ مۇنازىلەر ئىچىدىكى سەزگۈر مەسلىلەر بولغان دىنى نۇقتىغا قارىتىلىپ ، بۇ ئىش قەلبىمىزنى زىدىلەپ، ئۆز – ئارا مېھرى مۇھەببىتىمىزنى يوقۇتۇپ دۈشمەنلىك دەرجىسىگە باردى.
ھېچبىر ئىنسانغا قىلىنمايدىغان ھاقارەت سۆزلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. بىر تەرەپ دەيدۇكى 🙁 مەن ھەقلىق!) يەنە بىر تەرەپ دەيدۇكى: (مەن ھەقلىق!)
بۇ يەردىكى مەسىلە ھەقلىق ۋە ھەقسىزلىق ئەمەس ، توغرا خاتالىق ئەمەس، مۇشۇ زامان، مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ مەسىلىنى تالاش – تارتىش قىلىپ قىززىق نۇقتىغا ئايلاندۇرۇش ياخشمۇ – يامانمۇ ؟
مىللەتنىڭ ئەھۋالىغا پايدىلىقمۇ ئەمەسمۇ مەسىلىسى .
بىز ئۇيغۇرلار مىڭ يىللىق ئىسلام دىنى بىلەن گۆش بىلەن تىرناقتەك ئىچ ئىچىگە بىرلىشىپ كەتكەن، ئۆرپ ئادەت ۋە كۈلتۈرىمىز دىنمىز بىلەن قۇشۇلۇپ ئاجايىپ ئېسىل بىر ئۇيغۇر ئىسلام كۈلتۈرىنى، مەدىنىيتىنى شەكىلەندۇرگەن. بىز بۇنىڭ بىلەن ياشاپ ئۆزىمىزگە خاس بولغان بىر ئىچكى پوتانسىيال كۈچنى بارىىققا كەلتۈرگەن ۋە شۇ ئېنىرگىيە بىلەن تاجاۋۇزچى خىتايغا باش ئەگمەي، كۆزىگە قادالغان مىختەك تۇرماقتىمىز.
مۇشۇنداق بىر زاماندا بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز تۈگىمەس تالاش – تارتىش ئىچكى ئىختىلاپلارغا يول ئېچىپ كۈچىمىزنى ئاجىزلاشتۇرماقتا. ھەمكارلىقىمىزغا، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىزغا سەلبى تەسىر بەرمەكتە. بۇ دىنى مەسىللەرنى مەركەز قىلغان تالاش – تارتىشلار ئېكران يۈزىدە سائەتلەپ ھەقلىقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئايەتلەر ۋە ھەدىسلەر بىلەن دەلىلەر كەلتۈرۈپ، بۇ ئىشنى بىر «داۋا» ھالىغا كەلتۈردى.

بىزنىڭ داۋايىمىز نىمە ؟ !
بۇ داۋانىڭ مەركىزى نۇقتىسىنى باشقا بىر ياققا بۇراپ مىڭىش كىمگە پايدىلىق؟
بۇ تالاش – تارتىش داۋاسى يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان، ئاپتۇنومىيە ۋە مۇستەقىلچىلىك، ئىندىجىنىسمۇ ئەمەسمۇ؟… تەرەپلەردىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىپ ئوخشاش سەلبى نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ تۇرماقتا. كۆرۇپ تۇرىۋاتىمىزكى بۇلاردىن ئېرىشكىنىمىزدىن يوقاتقىنىمىز كۆپ بولماقتا . چۈنكى بۇ تالاش – تارتىشلارنىڭ بولىشى ياخشى، دەل ۋاقتى دەپ قارىغانلار شۇنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك ، بىز مۇستەقىل دۆلەتكە ئىگە بولالماي، شۇ يولدا كۈرەش قىلىشقا ، كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن ئىنىرگىيەرىمىزنى توپلاشقا مۇھتاج بىز !
بۇنداق زىل، ئىنچىكە، سەزگۈر تالاش – تارتىشلارنى كىيىنگە قالدۇرساقمۇ كېچىكمەيمىز .
بۇ تالاش – تارتىشلار بۆلۈنۈش، پارچىلىنىشتىن، كۈچىمىزنى خورىتىشتىن، دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنى يوق قىلىشتىن باشقىغا يارىمايۋاتىدۇ…
دۆلىتى ھۆر بولغانلارغا يارىشىدىغان بۇ تالاش- تارتىشلاردىن يىراق تۇرۇش_ خىتايغا ھەقىقى قارشى تۇرۇشنىڭ يەنە بىر تەرىپى !
دىمەك بۇ ساھەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەقلىق دەپ قارىغان بۇ داۋاسىدىن ۋاز كېچىشنى يەنى “تەركى داۋا “ قىلىپ بىر ئالىجاناپلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !

 

2024. 4. 13

ئىستانبۇل

Share
344 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.