logo

trugen jacn

ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا

باش بەت | تەپسىلىي خەۋەر

ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-09-23پپ

ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام ب د ت باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ھەققىدە دۇنياۋى چاقىرىق» يىغىنىدا سۆزدە. 2019-يىلى 23-سېنتەبىر. نيو-يورك، ئامېرىكا.

ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھام ب د ت باش شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ھەققىدە دۇنياۋى چاقىرىق» يىغىنىدا سۆزدە. 2019-يىلى 23-سېنتەبىر. نيو-يورك، ئامېرىكا.

 Social Media00:25/07:12

ﺋﺎﯕﻼﺵ
ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

23-سېنتەبىر ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا 5 يىل بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن «ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن بايانات ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر باياناتتا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىغا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ يەنىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلارچە ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بۈگۈنكىدەك بىر تارىخىي دەۋردە ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرىق قىلىنغان.


باياناتتا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاراڭغۇ تۈرمىسىدە ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىلى ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرى ۋە قەھرىمانى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بىر كۈن بۇرۇن بولسىمۇ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ داۋاملىق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن.

باياناتتا يەنە ئىلھام توختىنىڭ كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى تەرىپلىنىپ، «گەرچە ئىلھام توختى ئۆز بېشىغا كېلىدىغان ئېغىر زىيانكەشلىكلەرنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنى قانۇنىي يوللار بىلەن ھىمايە قىلىشتىن ھېچ بىر ۋاقىت ۋاز كەچمىگەنلىكى ۋە ئادالەت يولىدىن ئەسلا قايتمىغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان. باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە دۇنيا جامائىتى ئارىسىدا قازانغان يۇقىرى ئابرۇي ۋە ئىشەنچىدىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئۆمۈرلۈك تۈرمىگە قامىغانلىقى» تىلغا ئېلىنغان.

مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ باياناتنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەتلەر ھەققىدە توختالدى. 

20-سېنتەبىر كۈنى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھاممۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دادىسىغا ئوخشاش تىنچلىق يولى ئارقىلىق، ئۆز خەلقىنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان بىر ئۇيغۇر زىيالىسىنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىغىمۇ خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنى دادىسى ئىلھام توختى ۋە نۆۋەتتە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

جەۋھەر مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، دادام ئىلھام توختى تىنچلىقنىڭ سىمۋولى. ئۇ خىتايدا ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە باراۋەرلىكنى تەكىتلىدى. ئۇ ئۆتكەن يىللاردا خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىر كۆۋرۈك بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى دادامنى تۈرمىگە قاماش ئارقىلىق ناھايىتى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى. مەن دادامغا خەلقئارادا بېرىلگەن مۇكاپاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دادامنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشتەك قىلمىشى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا قايتىدىن ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

جەۋھەر ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈرمىدىكى دادىسى ئىلھام توختىغا ۋە نۆۋەتتە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىدەك ئېغىر ۋەزىيەتكە كۆڭۈل بۆلىشىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

جەۋھەر مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتكە قارىتا كۆڭۈل بۆلۈش يېتەرلىك بولمىدى. مەن مەيلى ياۋروپا بىرلىكى بولسۇن، ياكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسۇن، تېخىمۇ جىق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك دەپ قارايمەن. مەيلى دادامنىڭ ئەھۋالى بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيەتكە قارىتا بولسۇن، تېخىمۇ جىق ئەمەلىي تەدبىرلەر ئېلىنىشى كېرەك.»

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئىلھام توختىغا ئوخشاش تىنچلىق يولى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي خەلقى بىلەن بولغان باراۋەرلىكىنى ۋە خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر سەرخىلىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچ ئۇسۇلدا دىئالوگ ئۆتكۈزۈش ۋە خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش ئارزۇسىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مۇھىم ئورنى ھەققىدە توختىلىپ، ھازىرقىدەك مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. 

ئىلھام توختى 2004-يىلى ئۆزى تەسىس قىلغان «ئۇيغۇر بىز» تورىدا دەسلەپكى مەزگىللەردە ماقالە ئېلان قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش يوللىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي خەلقى بىلەن بولغان باراۋەرلىكىنى، ۋە ئۇيغۇرلارغا خىتاي قانۇنىدا بېرىش ۋەدە قىلىنغان ئاپتونومىيىلىك قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا تەلەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.

بولۇپمۇ 2008-يىلى خىتايدا ئېچىلغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» مەزگىلىدە ئۇ خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشنى تاكى 2014-يىلى 15-يانۋار تۇتقۇن قىلىنغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.

ئۇ 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاتالمىش ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقاچان ئىجرا قىلىنمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرىنى «لاياقەتسىز رەئىس» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. 

ئىلھام توختى 2014-يىلى15-يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئارىدىن توققۇز ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئىلھام توختى ئەينى چاغدا 10 كۈن ئىچىدە ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ئارقىلىق نارازىلىق ئەرزى سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى تۈرمە ئىچىدە يېپىق سوت ئېچىپ، ئۇنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى ۋە ئىلھام توختى ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق، جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىپ خىتايغا بېسىم ئىشلەتتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خەلقئارادىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىدىن «باربارا گولدسىمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» قاتارلىق بىرقانچىلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. ئىلھام توختى 2019-يىلىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇھىم سىياسىي ئەربابلار تەرىپىدىن 2019-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. بۇ يىل 18-سېنتەبىردە ئۇ يەنە ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/ilham-toxti-09232019222120.html/#

Share
21812 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.