logo

trugen jacn

تاۋۇزى قولتۇقىدىن چۈشۈپ كەتكەن باش كاتىپ


تاۋۇزى قولتۇقىدىن چۈشۈپ كەتكەن باش كاتىپ

قابىلباي

سىز — دۇنيا ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى ئۈمىت مۇساباي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان نەتىجىلىك ئىشلىرىغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ، د ئۇ ق نى بىر كالتەك بىلەن ئۇجۇقتۇرۋىتىش مەقسىتىدە ئاتالمىش « ئىندىجىنېس مەسىلىسى » ئارقىلىق « د ئۇ ق دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغان تەشكىل » ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يەڭلىرىڭىزنى شىمايلاپ چىقىپ « ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى » نى ئېلىپ بارغان ئىدىڭىز، لېكىن « نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك » دېگەندە بۇ توپلانغان ئىمزالارنى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇن تاپالماي قالدىڭىز. قىسقىسى، « ئالتە ئاي ئاتقان پاختا بىر چاپانغا يارىماپتۇ » دېگەندە قىلغان ئىشىڭىز مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن سىز بۇ مەغلۇبىيىتىڭىز تۈپەيلى سەپداشلىرىڭىز تەرىپىدىن « دۇنيا ياشلار قورۇلتىيى » نىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندىڭىز. بۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش سىزنىڭ سىياسىي ھاياتىڭىزنى زاۋاللىققا قاراپ يۈزلەندۈردى. لېكىن سىز ئۆزىڭىزنى بۇ مۇقەررەر يۈزلەنگەن تەقدىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكتىنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىغا نىسپەتەن باشقىچە كۆز قاراشتا بولغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىگە قارىتا بولمىغۇر قىلمىشلاردا بولۇپ، ئۇلارغا تۈرلۈك بەدناملارنى « تەقدىم » قىلىپ، ئۇلارنى ھاقارات قىلدىڭىز. لېكىن بۇ ئىشلىرىڭىز ئاخىرى كېلىپ ئۆزىڭىزنى رەسۋا قىلدى. سىزنىڭ بۇ قىلمىشلىرىڭىز شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سىز ئەمىلىيەتتە بىر چىدىماس سىياسەتچى ئىكەنسىز. سىياسىي رىقابەتچىلەر ھېچقاچان رىقابەتچىلىرىنى ھاقارەت قىلىدىغان گەپ – سۆزلەردە بولمايدۇ. ئۇنداق گەپ – سۆزلەردە بولۇش ئەمەلىيەتتە بىر سىياسەتچىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەپ قويۇش بىلەن بىرگە يەنە بۇ سىياسەتچىنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتىنىڭ ناچارلىقىنى ئاشكارلاپ قويىدۇ. ئۆزىڭىزنى بۇ بىچارە ھالەتتىن يەنە قوتۇلدۇرۇش ئۈچۈن سىز ئاخىرى ئۆزىڭىزنىڭ نەزىرىڭىزنى تاشلاپ قويمايدىغان، چەت ئەلدە « سۈرگۈندى ھۆكۈمەت » قۇرۇش سالاھىيىتى بولمىغان، چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ھېچقاچان ئېتىراپ قىلىنمايدىغان، خەلقئارالىق سىياسىي سەھنىلەردە ھېچقانداق ئىناۋىتى بولمىغان، خەلقئارالىق سىياسىي سەھنىلەرگە تەلەپ قىلىنمايدىغان، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان، ئالتە توك- توك تەرىپىدىن قۇرۇلغان « سۈرگۈندى ھۆكۈمەت » نىڭ پېشىگە ئېسىلىدىڭىز. « يېقىلغان چېلىشقا تويماپتۇ » دېگەندەك سىز بۇ «سۈرگۈندى ھۆكۈمەت» نىڭ مۇقەررەر سەلبىي نەتىجىلەر بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئىش- ھەرىكەتلىرىنى سۇيىئىىستېمال قىلىپ، راۋۇرۇس ئىش تەۋرىتىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائاللىيەتچىلىرىگە قايتا تۆھمەت چاپلاپ، يەنە ئۇلارغا « لەقەم » قويۇشقا باشلىدىڭىز. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، سىز تەرىپىدىن « دۆت، ئەخمەق، ئەقىلسىز » دەپ قارالغان بۇ كىشلەر سىزنى تېخىمۇ ھەسرەتتە قالدۇرۇپ ھەر قايسى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ كېلىنمەكتە. سىز شۇنى چۈشىنىشىڭىز كېرەكى، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىن تېپىرلاپ قالغان بۇ ئاتالمىش سۈرگۈندى ھۆكۈمەتمۇ سىزنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن سىياسىي ھاياتىڭىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالمايدۇ.
2024- يىلى 29- فېۋرال

Share
831 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.