logo

trugen jacn

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋە سۈرگۈندى ھۆكۈمەت


ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋە سۈرگۈندى ھۆكۈمەت

نەزەر

ھۆكۈمەتتىن ئىبارەت بۇ مەمۇرىي – تەشكىلىي قۇرۇلما شۇندىن ئىبارەتكى، مەلۇم بىر گۇرۇپپا كىشلەر باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم كىشلەر مۇئەييەن بىر تېررىتورىيەنى باشقۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن تەسىس قىلىنىدىغان دۆلەت ئورگانىنىڭ ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزىدىغان مەمۇرىي ئورگان. سۈرگۈندى ھۆكۈمەت بولسا دۆلەت ھاكمىيىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقان شۇنداق مەمۇرىي – تەشكىلىي قۇرۇلمىنىڭ مۇئەييەن بىر سىياسى – ئىقتىسادىي سەۋەپلەر تۈپەيلى مەلۇم بىر تۈركۈم كىشلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغاندىن كېيىن مەزكۈر ھۆكۈمەتنىڭ چەت ئەلگە قىچىپ كەتكەن جۈمھۈر رەئىسى (پرېزىدېنتى) ياكى باش مىنستىرى قاتارلىق ئاساسلىق ئەزالىرى تەرىپىدىن چەت ئەللەردە قۇرۇلىدىغان، تۇرۇشلۇق دۆلەت تەرىپىدىن ياكى ئاشكارا ئېتىراپ قىلىنىدىغان ياكى ئاستىرتىن ئېتىراپ قىلىنىدىغان، ياكى پەقەت مەزكۈر دۆلەتتە تۇرۇشىغا يول قويۇلىدىغان، ئەسلى ھۆكۈمەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ سىموۋلىدۇر. ياۋروپا تارىخىدا بۇ شەكىلدىكى سۈرگۈندى ھۆكۈمەتلەر خېلى كۆپ مەۋجۇت بولغان. خىتايدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە ماۋزېدوڭ ئۆز دۆلىتىدە ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغان چىنۋاڭ سىخانوك باشچىلىقىدىكى كامبادژا سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇ سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ بېيجىڭدا مەمۇرىي ئورگان تەسىس قىلىشىغا يول قويغان، ھەمدە بۇ سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىكە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ياردەملەردە بولغان. دالاي لاما باشچىلىقىدىكى تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنى ھىندىستاننىڭ ئەينى زامانىدىكى باش مىنستىرى نېخىرۇ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمىتى مەلۇم شەرتلەر ئاستىدا ھىندىستاندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا يول قويغان. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن ئەيسا بەگ، مۇھەممەت ئىمىن بوغرا ۋە مەخمۇت مۇھىدىلەرنىڭ سۈرگۈندە ھۆكۈمەت قۇرۇش سىياسىي سالاھىيىتى يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار چەت ئەللەردە سىياسىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى چەت ئەللەردە قانات يايدۇرغان، ھەمدە بىرقەدەر نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە خەلقئارا ۋە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە ئاڭلاتقان. قىسقىسى، چەت ئەللەردە سۈرگۈندى ھۆكۈمەت قۇرۇشنىڭ بىرىنچى شەرتى ئۆز مەملىكىتىدە دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ئورگىنى — ھۆكۈمەتتە ئاساسلىق ھوقۇقنى تۇتقان شەخس بولۇش كېرەك يەنى سۈرگۈندى ھۆكۈمەت قۇرۇش سالاھىيىتى بولۇشى بىرىنچى شەرت.
غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلەردە بەزى كىشلەر تەرىپىدىن قورۇلغان بەزى سۈرگۈندى ھۆكۈمەتلەر پەقەت غەرپ دېموكراتىيىسنىڭ ئەۋزەلىكىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ قۇرۇلغان ئاتالمىش سۈرگۈندى ھۆكۈمەتلەردۇر. بۇنداق سۈرگۈندى ھۆكۈمەتلەر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ھېچقانداق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى بولمىغان، نامى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق بولغان بىر ياسالما قۇرۇلمىدىن ئىبارەت، خالاس. بۇ سۈرگۈندى ھۆكۈمەتلەرنىڭ غەرپ دۆلەتلىرىدە مەۋجۇت بولۇشى ۋە سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى پەقەت غەرپ دېموكراتىيەسىنىڭ ئەۋزەلىكىدىن يۈز بېرىۋاتقان، ھېچقانداق ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق بولغان نەرسە ، خالاس. بۇنداق سۈرگۈندى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھەرقانداق سىياسى پائالىيەتلىرى ھەر تەرەپلىمە چەكلىمىلەرگە دۈچ كېلىشتىن باشقا يەنە ھېچقانداق سىياسىي ئۈنۈم بەرمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى سىياسىي ئىش – ھەرىكەتلىرى ئۆز مىللەت خەلقىنىڭ تۈپكى مەنپەئەتلىرىگە بىۋاستە زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشتىن باشقا يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ كىشلىرى ئارىسىدا ھەر خىل ئىختىلاپلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ خەلقئارالىق ئىناۋىتىگە سەلبىي تەسىرلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى پائالىيەتچىلىرى قۇرغان شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمەتلىرىمۇ ئېتىراپ قىلىنمايدىغان سۈرگۈندى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن خالىي بولالمايدۇ. قېنى، قايسى بىر شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنىڭ پرېزىدېنت ۋە باش مىنستىرى شەرقىي تۈركىستاندا ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغان قايسى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ جۈمھۈر رەئىسى ۋە باش مىنستىرى ئىدى؟ بۇ شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمەتلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى باشقا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقى ۋەجىدىن ئۇلارنىڭ ئېلىپ بارغان ھەرقانداق بىر سىياسىي ھەرىكىتى ھەر جەھەتتىن چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ. ھەمدە ھەرقانداق سىياسىي پائالىيەتلەر ئۆزلىرى كۆزلىگەندەك نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمەيدۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادا ئوڭۇشلۇق، نەتىجىلىك قانات يايدۇرۇلشىغا توسالغۇ بولىدۇ، بۇ كىشلەر ئۆز پائالىيەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ پۇت – قوللىرىنى ئۆزلىرى كۇشەپ قويىدۇ، خالاس.
نۆۋەتتە خەلقئارادىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي كومھۆكۈمىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورناتقان، خىتاي كومھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدا چەت ئەل دۆلەت ئورگانلىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر دوكلات ياكى ئەرزە خەت ياكى ئىمزالىق خەتلەرنى سۇنۇشدىن ئىبارەت بۇ پائالىيەت بىر بولسا سىياسەتنى بىلمەسلىكنىڭ ئىپادىسدۇر، ياكى بىر بولسا نادانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن بىر قولىدىن كېلىدىغان ئىشى خەلقئارادا شەكىللەنگەن خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار باشچىلىقىدىكى ھەر قايسى تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ۋەزىيىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستانلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ جېنىنى ساقلاپ قىلىشتىن ئىبارەت. شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى ھاياتى بولمىسا، كەلگۈىسدىكى شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى نېمە ئاساسدا قۇرۇلىدۇ ۋە بۇ دۆلەتنىڭ گراژدانلىرى كىملەردىن تەركىپ تاپىدۇ !؟ بۇنداق ئىش – ھەرىكەتلەردە بولۇش ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پوقنى قاتتۇرۇپ قويىدۇ، ياكى بۇ ھۆكۈمەتلەرىگە نىسپەتەن « قارغۇنى ياردا قىستاپتۇ » دېگەندەك بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ. شۇنى چۈشىنىش لازىمكى، ئا ق شى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ دادىسى ئەمەس. « كۈچۈكۈم- كۈچۈكۈم دەپ قويسا »، خالىغان ئىشىنى قىلدۈرۇش خىيالىدا بولىدىغان. تىجارەتتە سودىگەرلەر بازاردا سېتىلىدىغان ماللارنى ئەكلىپ، پايدا ئالغانغا ئوخشاش سىياسەتتىمۇ سىياسيونلار ۋەزىيەتكە ماس كېلىدىغان پائالىيەتلەردە بولسا، ئاندىن قىلغان ئىشلىرىدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادا مۇۋەپپەقىيەتلىك قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەڭ موۋاپىق تەشكىلىي تۈزۈلمە شەكلى سىياسىي تەشكىلەتدۇر. گەرچە سىياسىي تەشكىلات ۋە ھۆكۈمەت ئوخشاش بىر تۈزۈلمە كاتېگورىيىسىگە تەئەللۇق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەزمۇن جەھەتتىن ماھىيەتلىك پەرقى بولغان ئىككى خىل تۈزۈلمىدۇر. سىياسىي تەشكىلەت تۈزۈلمىسى ھاكىمىيەت خاراكتېرىنى ئالمىغان، دۆلەت ھاكمىيىتىنى يۈرگۈزۈش فۇنكسىيەسىگە ئىگە بولمىغان بىر ئاممىۋى سىياسىي تۈزۈلمە بولسا، ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسى ھاكىمىيەت خاراكتېرىنى ئالغان، دۆلەت ھاكمىيىتىنى يۈرگۈزۈش فۇنكسىيەسىگە ئىگە بولغان بىر ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدۇر. شۇڭلاشقا دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت مەمۇرىي ئورگانى بولغان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن دىپلوماتىك جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىنماي، پەقەت غەرپ دېموكراتىيىسنىڭ ئەۋزەلىكىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ قۇرۇلغان سۈرگۈندى ھۆكۈمەتلەر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىياسىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىن ھەر تەرەپلىمە چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ خىلدىكى سۈرگۈندى ھۆكۈمەتلەر ئەمىلىيەتتە ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىگە بولمىغان قۇرۇق بىر رامكىدىن ئىبارەت خالاس. بۇنىڭ ئەكسىچە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا تېزىملاتقان سىياسىي تەشكىلاتلار غەرپ دېموكراتسىيەسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالايدۇ.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ تۈپكى نىشانى شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەتدۇر. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن بەزى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلار تەكىتلىگەندەك ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئىنچىكىلىك بىلەن جاپالىق ۋە ئەجىر سىڭدۈرىدىغان قانۇنىي خىزمەتلەرنى ئىشلەش زۆرۈر. ھېچقانداق قانونىي خىزمەتلەر ئىشلەنمەستىن « سەن تاز دېگۈچە، مەن تاز دەۋالاي » دېگەن پوزىتىسيە بىلەن ئىش كۆرۈش سىياسىي جەھەتتە پىشمىغانلىقنىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر.
2024- يىلى 15- فېۋرال

Share
666 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.