logo

trugen jacn

ئەنئەنە ۋە بىز – مۇئەللىم

ئەنئەنە ۋە بىز

مۇئەللىم

ئۆز ئەركىنلىگى ۋە قىممىتىنى ئەنئەنە ئاساسىغا قۇرغان ئۇيغۇر مىللىتى _ تارىخ بويىچە ئەنئەنىگە ئەگىشىپ، ۋارىسلىق قىلىش يولى بىلەن مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.
دىڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن چۆلدەرەپ خاراپلاشقان يىپەك يولىنىڭ ئانا تومۇرىدىكى خەلقىمىز ئەسىرلەر بويى بىكىنمە ھالەتتە قالدى . بۇ خىل ھاياتنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت داۋام قىلىشى _ مىللىتىمىزنى ئۆز قىممىتىنى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزۈپ، ئۇزۇندىن داۋام قىلىپ شەكىللەنگەن ئادەت ۋە كۆز قاراشلار (ئەنئەنە)دىن ئىزلەيدىغان ، ئۇنى پۈتۈن ھايات مىزاننىڭ ئۆلچىمى قىلىدىغان بىر سېستىمىغا كىرگۈزدى، مۇنداقچە ئېيىتقاندا شەكىللەندۈردى . ئاخىر بىرىپ ھېچ بىر ۋاقىت ئەنئەنىگە سۇئال قويمايدىغان ، (نىمە ئۈچۈن ؟) دەپ سورايدىغان جاسارەتنى كۆرسىتەلمەس بولدى. بەك ئاز بىر قىسىم جاسارىتىنى نامايەن قىلغانلار چىققان بولسىمۇ، ئەنئەنىگە ۋەكىللىك قىلغانلار يەنە شۇ كۆنگەن ئەنئەنە بىلەن ئۇلارغا قارىشلىق بىلەن جاۋاپ بېرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئومۇمى مىللەتنىڭ ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەش ئىمكانى ۋە پۇرسىتى بولمىدى .
توغرا ! ئەنئەنىنىڭ بەزى ھاللاردا پايدىلىق بولغان يەرلىرى بار . ئەلۋەتتە مىللى ۋە ئەخلاقى تەرەپلەردە كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ . يېقىنقى بىر ئەسىرگە سوزۇلغان، بولۇپمۇ كوممۇنىست تۈزۈمنىڭ ئاسارىتىدىكى ۋاقىت ئىچىدە ئەزەلدىن ساقلاپ ۋە داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۆز ئارا ماسلىشىپ ياشايدىغان ئىسىل ئەنئەنىمىزدىن ئايرىلدۇق، ئائىلە سۈپىتىدە ، مەھەللە سۈپىتىدە ئىچ ئىچىگە باغلانغان قېرىنداشلىق باغلىرىمىزغا دەز كەتتى. دەز كەتتىلام ئەمەس يوق قىلىندى.
بىر ئائىلە بىر مەھەللە كىشىلىرى شەيتانلىق بىلەن دۈشمەنلەشتۈرىلدى …
چەتئەلدىمۇ بۇنىڭ تەسىرلىرى ھېلىھەم مەۋجۇت …. ئەنئەنىنىڭ قەدىرلەشكە لايىقلىرىدىن ئايرىلدۇق ، تېڭىلغانلىرىغا چىڭ چاپلىشىپ قەدىرلەپ كەلدۇق…قىسقىسى ۋەھشى سىياسى بېسىم ۋە ئۇنىڭغا يانداش كەلگەن جاھالىتىمىز ئىسىل ئەنئەنىمىزنى يوق قىلىپ جاسارىتىمىزنى ئولتۇردى……
لىكىن مىللەتنىڭ پۈتۈن كەلگۈسىنى، ھۆرلىكىنى، ئىززەت شەرىپىنى _ ئەنئەنە بىلەن قوغداپ قالغىلى ۋە تەرەققى قىلدۇرغىلى بولمايدۇ . ھوقوقىمىز ، ئەركىنلىكىمىز تەمىن ئىتىلگەن ۋاقىتتا ، ئەنئەنىمىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىللىرى بىرلىكتە تىخىمۇ ئىسىل ياشايدۇ.
زېھنى مائارىپنى قىلالمىغانلىقىمىز ھوقۇقسىزلىقىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەپلىرىنىڭ بىرسى ۋە ئاساسلىغىدۇر .
ئەگەر ھەق ھوقۇقىمىز ئۈزلىكسىز داۋام قىلغان بولسا ئىدى شۇ كەڭ تۇپراقلار ئۆزىمىز ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر بەخت ماكانى بولاتتى…
زىمىن – تۇپراق بىلەن بولغان روھى بېغىمىزنىڭ بارا – بارا ئاجىزلاپ ، تار ھالدىكى جامائەت روھىنىڭ كۈچىيىشى كوللىكتىپ بىرلىك ئېڭىمىزنى يوق قىلدى ، ئىزچىللىق بىلەن داۋام قىلىپ كەلگەن مىللى روھنى زەخمىلەندۈردى.
ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا ھەم كوللىكتىپ ئاڭ، كوللىكتىپ بىرىنچىلىكى، كوللىكتىپ ھەمكارلىقتىن بەكمۇ يىراقتا قالغانلىقىمىز ئېچىنىشلىق ئەمىلىيەتتۇر…
بىز تىخى جامائەت بولۇشتىن ھالقىپ چىقىپ جەمىئىيەت بولۇش باسقۇچىغا كىرەلمەي تېڭىرقاپ يۈرمەكتىمىز . كىچىك جامائەتلىشىشتىن يۇقۇرى ساپالىق ھەر خىل پىكىر ئىدىيىلەرنى ، ئېتىقاتلارنى سىغدۇرالايدىغان كەڭ بولغان جەمىئىيەت سېستىمىسنى بەرپا قىلىپ ، كۈچلەندۈرۈپ چىقىشىمىز تەخىرسىزدۇر.
ئەڭ ئېغىر شارائىتتا، قىرغىنچىلىقتا، يوق بولۇشتا بىريەرگە كېلەلمىگەنلەر _ ئەقەللى جانلىقلىق تۇيغۇسىنى يوقاتقانلاردۇر .
بۇنداقلارنىڭ ھېچبىر يەردە نە ئىززىتى نە ئىتىبارى بولمايدۇ. خىلمۇ خىل پىكىر ۋە كۆز قاراشلاردا بولۇشىمىز ئورتاق نىشانىمىز ئۈچۈن توساق بولماسلىقى ، دۈشمەنلىك دەرىجىسىگە بارماسلىقى كېرەك . يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان كوللىكتىپ روھى ۋە بىرىنچىلىكى شۇ كەڭ تۇپرىقىمىز ئۈچۈن بىر يەرگە كېلەلەيدىغان ، ھەمكارلىشالايدىغان، قول تۇتۇشۇپ ماڭالايدىغان روھتۇر !
ھەرقانداق دۆلەت شۇنداق روھتىكى كىشىلەرنىڭ بېرلىكتە ھەرىكەت قىلىشدىن قۇرۇلغان ۋە گۈللەنگەن .
بۇ زاماندىمۇ ئەنئەنىنىڭ ئەڭ قالاق بولغان تەرەپلىرىگە ئېسىلىۋېلىپ، كەڭ زىمىننى ھېلىگەر تاجاۋۇزچى دۈشمەندىن ئېلىش ئاسان ئەمەس. كوللىكتىپ روھىنى ۋە زېھنىنى ئىشقا سالىدىغان ۋاقىت كېلىپ يۇ… ئۆتۈپ كەتتى ۋە ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ . يەنە ساقلاپ تۇرۇش ، يەنە كېچىكىش ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن ……

 

2024. 4. 10
ئىستانبۇل

Share
332 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.