logo

trugen jacn

ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى

ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى. مۇكاپاتنى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەجان تاپشۇرۇپ ئالدى. 2019-يىلى 30-سېنتەبىر.

30-سېنتەبىر كۈنى فرانسىيەدە «ۋاسلاۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» ئىلھام توختى ئەپەندىنى بىرقانچە يىلدىن بۇيان مەزكۇر مۇكاپاتقا تەۋسىيە قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ يىل 27-ئاۋغۇست كۈنى ياۋروپا كېڭىشى تەرىپىدىن ئاخىرقى 3 نامزاتىنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان. 30-سېنتەبىردىكى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا ئۈچ نامزاتتىن ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە «ياش كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى» نامىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىغا مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى مۇراسىمدا ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالغان.

مۇراسىمدىن كېيىن ئەنۋەرجان ئەپەندى رادىيومىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكادىكى قىزى جەۋھەر ئىلھاممۇ رادىيومىزغا ئېلخەت يوللاپ، دادىسى ئىلھام توختىغا يەنە بىر مۇھىم خەلقئارالىق مۇكاپات بېرىلگەنلىكىدىن ھاياجانلانغانلىقى ۋە سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەۋھەر خېتىدە مۇنداق يازغان: «مەن شۇ تاپتا ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدا سەھەر سائەت 5 تە بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، شۇنداق ھاياجانلاندىم. مەن ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ‹ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى› بۇ جەھەتتە قىلغان خىزمەتلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن شۇنداقلا ياۋروپا كېڭىشىنىڭ بۇ مۇكاپاتنى دادامغا لايىق كۆرگىنىدىن سۆيۈندۈم ۋە ئۇلارغىمۇ تەشەككۈر ئېيتىمەن!»

«ۋاسلاۋ خاۋىل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» 1989-يىلى شەرقىي ياۋروپادا كوممۇنىزم لاگېرىغا خاتىمە بېرىلگەن مەزگىلدە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېموكراتىيەلىشىشى ئۈچۈن زور ھەسسە قوشقان شۇنداقلا چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ كوممۇنىزم تۈزۈمى غۇلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ خاۋېل نامىغا 2013-يىلى تەسىس قىلىنغان. مۇكاپات سوممىسى 60 مىڭ ياۋرو دەپ بېكىتىلگەن.

كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شېڭ شۆ خانىممۇ «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىلھام توختى ئەپەندىنى 2019-يىللىق «ۋاسلاۋ خاۋېل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە قىلغۇچىلارنىڭ بىرى.

شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە ئىلھام توختىنى «بۇ خىل مۇكاپاتلارغا تەۋسىيە قىلىپ كۆرسىتىش، بىر جەھەتتىن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم پەيدا قىلىش رولىنى ئوينىسا، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.»

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلدى. شۇڭا ھازىر ئىلھام توختى ھەققىدىكى ھەرقانداق بىر خەۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس. مەن بۇ مەسىلىدە دۇنيا كېچىكتى دەپ قارايمەن. سۆزلىرىمدە ھازىر شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىي بىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتىمەن. ئەمەلىيەتتە ھازىر ئۇ يەردىكى ۋەزىيەت ئۇرۇش بولۇۋاتقان جايلاردىكىدىنمۇ قورقۇنچلۇق ھالەتتە. شۇڭا ئۆز نۇتۇقلىرىمدا مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدىكى يالغان تىنچلىق ۋەزىيىتى ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىنمۇ قورقۇنچلۇق دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتىم. مەن يەنە مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدىكى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئالاھىدە ئۇرۇش ۋەزىيىتى دەپ تەسۋىرلىدىم. چۈنكى ئۇرۇش بولۇۋاتقان شارائىتتا ئىككى تەرەپنىڭ قارشىلىشىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ، ئەمما ھازىر ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز قارشىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھېچقانداق ئىمكانىيىتى يوق.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئىلھام توختىدەك بىر ئۇيغۇر سەرخىلىغا مەزكۇر مۇكاپاتنى بېرىشى ۋە مۇكاپاتلاش مۇراسىمىنىڭ 30-سېنتەبىر دەل خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ھارپىسىدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختىغا بۇ خىل خەلقئارالىق مۇكاپاتلاردىن بىرقانچىسى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ مۇكاپاتلارنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىدا پەقەتلا بېسىم ئىشلىتىش رولىلا بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇلۇش سىياسىتىگە قارىتا غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا تېخىمۇ كەسكىن ۋە ئەمەلىي تەدبىر ئېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئىلھام توختى 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ يىل يىل بېشىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىرقانچە مۇھىم ئەربابلار تەرىپىدىن 2019-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن. 19-سېنتەبىر كۈنى ئۇ يەنە ياۋروپا پارلامېنتىدا «ساخوروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭغا بۇ يىل 8-ماي كۈنى يەنە ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2019-يىللىق «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بېرىلگەن ئىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/ilham-toxti-09302019165428.html
Share
17331 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.