logo

trugen jacn

نۆۋەتتە بىز ئۇيغۇرلار قىلىدىغان ئىش زادى نېمە ؟


نۆۋەتتە بىز ئۇيغۇرلار قىلىدىغان ئىش زادى نېمە ؟

نەزەر

دۇنيادا ئەقىللىق كىشلەر ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدۇ. دىئاسپورادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنى ئەقىللىق مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ ھېسابلايدىكەنمىز، ئەقىللىق ئىكەنلىكىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئەقىللىق ئىشلىرىمىز بىلەن يەنى ئەمىلىيىتىمىز بىلەن ئىسپاتلىشىمىز لازىم. ئەقىللىق كىشى ئاچلىقتىن ئۆلىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۈستىگە ھەرگىزمۇ كاستۇم – بۇررۇلكا كىيىگۈزۈپ قويماستىن ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا سۇ ۋە تاماق بېرىپ ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ھەلەكچىلىكىدە بولىدۇ. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار خىتاي كومھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھازىرقى زامان تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قانچە غەرپ دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۆز تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ئۈنۈمى ھازىرچە چوڭ بولمىسىمۇ،لېكىن نىسپىي ھالدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى بولىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت بۇ جىنايىتىنى ئاقلاش يۈزىدىن ئېلىپ بارغان قىلمىشلىرى خىتاينى خەلقئارادا ئۆزىنىڭ تەمسىللىرىنىڭ بىرىدە تەسۋىرلەنگەن قىزىق قازاندىكى چۈمۈلىدەك بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىۋاتىدۇ. مۇنداق بىر ياخشى ۋەزىيەت دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائەتتىن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولىۋاتقان غەرپ دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جەھەتتە ئېلىپ بىرىۋاتقان ئىشلىرىغا يېقىندىن ماسلىشىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈگۈزىۋاتقان بۇ ۋەھشىيانە ئىرقىي قىرغىچىلىقىنى توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن دىئاسپورادىكى ئاتالمىش بىر شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە بەزى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر ھازىرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن تەلەپ قىلىش بالدۇرراق بولغان، تېخى تەلەپ قىلىشنىڭ ۋاقىت – سائىتى بولمىغان بەزى ئىشلارنى قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئىش – ھەرىكەتلەر خۇددى ئاچ قالغان ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سۇيۇقئاش بېرىۋاتقان كىشىدىن مەن پولو يېىشنى خالاتتىم دەپ تەلەپ قىلغانلىقىغا ئوخشاش بىر ئىش. بۇ ئاتالمىش سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە قىسمەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ مۇنداق ئىش – ھەرىكەتلەردە بولۇشى بىر تەرەپتىن خەلقئارادا شەكىللىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتىن ئىبارەت ياخشى بىر ۋەزىيەتكە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە باشقىچە پىكىرلەردە بولۇشىغا سەۋەب بولۇپلا قالماستىن يەنە باشقا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئالدىدا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئالدىدا « ئالدىرىغان ئىت تامدىن سەكرەپتۇ » دەك ئىشلارنى قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىشى لازىم. ئەمىلىيەتتە، ھەر قانداق بىر ئىشتە شۇ ئىشنى قىلىشنىڭ زۆرۈر بولغان ۋەزىيىتى ھازىرلانمىغىچە « ئالدىرىغاننىڭ ئېشكى يېتىۋاپتۇ. » دىگەندەك ئەھۋال سادىر بولىدۇ.
2024- يىلى 22- فېۋرال

Share
710 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.