logo

trugen jacn

دوست ۋە دۈشمەن قارشىمىز -مۇئەللىم

دوست ۋە دۈشمەن قارشىمىز

مۇئەللىم

دوستۇڭىز ۋە دوشمىنىڭىزنى ئوزىڭىز تونۇپ بىكىتمىگىچە كۈچلۇك بولغىنى بولمايدۇ.

مەن بۇ ھەقىقەتنى، ئارقا- ئارقىدىن تەكرارلانغان تارىخىمىزدىن بىلىپ يەتتىم . (مىنىڭ دوست ۋە دۈشمەن دەپ ئاتىغىنىم ئەلۋەتتە خەلىقئارادىكى سىياسى كۈچلەرنى ۋە دۆلەتلەرنى كۆرسىتىدۇ· ئۆز ئىچىمىزدە دۈشمەن يوق ، پەقەت ۋە پەقەت دونيادا بىرلام خىتايدىن ئىبارەت دۈشمىنىمز بار. بۈگۈنكى كۈندە خىتايدىن باشقىسىنى دوستقا ئايلاندۇرۇش بىزنىڭ پاراسىتىمىزگە باغلىقتۇر) مىللى روھ ، مىللى مەنپەئەت ، ۋەتەن مۇستەقىللىغى دىگەن سۆزلەرنىڭ پۈتۈن مەنىسى دوست ۋە دۈشمەننى ئۆز ۋىژدانىمىز ، غۇرۇرىمىز ، ئىززەت شەرىپىمىز بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەقلىمىز بىلەن ئەمەس باشقىلارنىڭ كورسۇتۇپ بەرگىنى بويىچە تاللىغىنىمىز ئۈچۈن بۇ ئاسارەتتىن ، ئېغىر خورلۇقتىن قۇتۇلالماي كەلدۇق. تارىخىمىزدا مەيلى چارروس مەيلى قىزىل روس بولسۇن ، بۇ كەڭ تۇپراقنىڭ مۇستەقىللىغىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن ئەنگىلىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى بىزگە دۈشمەن كۆرسۈتۈپ كەلدى .شۇ روسلارنىڭ قۇرۇپ چىققان كومۇنست خىتاي ھاكىمىيتى زىھنىيتىمىزنى غەرىپ دۇشمەنلىگى بىلەن تولدۇرۇۋەتتى .ئۆزىنى بولسا ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ دوستى قىلىپ كۆرسەتتى .ئىچىدە بىر خىل سىرتتتا بىر خىل ئويۇن ئويناپ ھەر پۇرسەتتە بىزنى دۇنياغا قاپ-قارا قىلىپ كورسىتىپ كەلدى.مانا بۈگۈنمۇ ئارىمىزدا شۇ روس ۋە ئۇنىڭ زەھەر تاپچىپ تۇرىدىغان مىۋىسى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن كەشتىلەنگەن غەرپ دۈشمەنلىگى مەيدانىدا تەۋرەنمەي تۇرىۋاتقانلىرىمىز ئاساسلىق سالماقنى ئىگەللەپ تۇرماقتا……ئېچىنارلىغى بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ـ ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ دوستى بولۇپ قالغىنى …..بىز بولساق مۇسۇلمان ئالىمىنىڭ بىر پارچىسى تۇرۇپ، مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ ھىسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش تۈگۈل ئەكسى نەتىجىدە قارلىنىۋاتقىنىمىز ئېنىق. خىتاينىڭ ساختا ۋە ھىلىگەر ئويۇنلىرىغا چۈشۈپ كەتكەن ۋە داۋاملىق چۈشۈۋاتقان ئەللەر ھامان بىر كۈنى ھۇشىغا كىلىدۇ. بىز ئۈچۈن بۇلارنىڭ تىزراق ھۇشىغا كەلگىنى ياخشى ئەلۋەتتە. بۇلارنىڭ ھۇشىنى يىغىۋىلىشىغا ياردەمدە بولغۇدەك شۇ ئەللەردە ئوقۇپ يىتىشكەن سەرخىللىرىمىز بار، تەبىئىكى بۇ سەرخىللىرىمىزنىڭ زىممىسىگە ئەمەلىي يۈكلەنگەن ۋەزىپىدۇر ···
نەچچە يۇز يىللاپ ئېغىر بەدەللەرنى ئۆتىگەن بولساقمۇ مىللەت ۋە توپراق دەردىنىڭ ۋە بۇ دەرت ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇقەددەس روھنىڭ باشقا بىر مىستىتىك روھى ئاستىدا باسۇرۇلۇپ قېلىشى تۈپەيلى تۆكۇلگەن قانلىرىمىز ۋە بەرگەن جانلىرىمىز شۇ ئەزىز تۇپراقلىرىمىز بىلەن يۇغۇرلۇپ ۋەتەن قۇرۇپ چىقىشقا ئاجىز كەلدۇق .
دۇنيا يارتىپ بەرگەن تالاي پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشنى بىلمەي يارىماسلىق تارىخنى ئەۋلاتمۇ ئەۋلات يېڭىلاپ كەلدۇق . ئەمدى ئالدىمىزدا يەنە بىر زور پۇرسەتلەرنىڭ يارتىلىشى كۆرۈنۈپ تۇرىۋاتىدۇ .بىز بۇ پۇرسەتلەر ئىچىدىن ئوزىمىزگە نىمىنىڭ كىرەكلىگىنى يۇكسەك سىياسى ئەقلىمىز بىلەن تونۇپ يېتىپ ھەركەت قىلىشنى ئورتاق بولغان مىللى مۇقەددىساتىمىز دەپ تونۇپ ۋە شۇ يولدا قايسىلىرىنى دوس ۋە قايسىللىرىنى دۈشمەن تۇتۇشنى بىلىپ مىڭىشقا مەجبۇرمىز .بۇ مەجبۇرىيەتنى ئۇستىگە ئالالايدىغانلار كىملەر؟ ۋە قايسىلار؟ …
ئۆتمۈشىمىزگە قاراپ ۋە بىلىپ كەلگۇسىمىزنى بەرپا قىلىشتا داۋاملىق يېرىم يولدا قالدۇق .كەلگۇسىمىز ھەققىدە ئەسىرلەر بويى ئويۇن قۇرۇپ ئوينىغانلارنىڭ ھېلىگەر دۇست تارتىشىشىغا سەگەك بولالماي ، مىللى مەنپەتىمىزنى موھىمى دۆلەت مەنپەتىمىزنى ئالدىنقى ئورۇندا كۆرۈپ ھەركەت قىلالمىدۇق . ھەر زامان دۇشمەنلىرىمىز شەخسى مەنپەئەتىمىزنى مىللى مەنپەئەت ئۇستىگە قويۇۋالىدىغان ئالاھىدىلىگىمىزدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلنىپ كەلدى ، ھازىرمۇ بۇخىل نادانلىغىمىز ئېغىر سالماقنى ئىگەللەپ تۇرماقتا . بۇ خىل ھالەتنىڭ داۋاملىشىشى ئىچىمىزدىن پولۇنۇش ، پارچىلنىش ۋە ئۆچمەنلىكنى كۆپەيتمەكتە .
ھەر پۇرسەتتە دۇنيا سىياسىتىدىكى دوست-دۈشمەن قارىشىمىزنى ھېسسى تۇيغۇللىرىمىزغا قۇربانلىق قىلىپ كەلدۇق . قانائەتلىنەرلىك ۋە مۇكەممەل ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلەر چىققان بولسىمۇ ئۇلارغا ئەگىشىش ھەم ئىتائەت قىلىشتا بىردەكلىكنى ساقلىيالمىدۇق .مىللەت بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن قەھرىمان ۋە داھېلىرىمىزغا ئىگە چىقىش بىلەن بىرگە قايتىدىن يەنە يىڭىللىرىنى يارتىپ چىقىپ دەۋىر يۇكلىگەن ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىشتا ئاجىزلىق قىلدۇق ھالا قىلىپ كەلمەكتىمىز. ئالدىمىزدا يۇز بىرىۋاتقان دۇنيا ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار پولۇش بىلەن بىرگە ، ھەم سىياسى ھەم ئىنسانى ھالدا دوستانا مۇئامىلدە بولۇۋاتقان ئەللەر بىلەن رەزىل ئىنسانىيەت دوشمىنى بولغان تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى تۇرۇشتا ئۆزىمىزنى ئىشەنچلىك ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز لازىم . ئۆزىمىزگە تولۇق ئىشەنگەن ھالدا بۇ ئىشەنچىنى دوسلىرىمىزغىمۇ بىلدۇرۇشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىشەنچىگە چوقۇم ئىرىشىشىمىز كىرەك . ھەقىقى ئىشەنچنىڭ ئاستىدا ئۇلۇغ غەلبە ياتىدۇ.

مۇئەللىم
2024-يىلى25-يانىۋار
ئىستانبۇل

Share
861 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.