logo

trugen jacn

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نېمە ئويلاۋاتىدۇ؟

سىبەل ئەرئاسلان (Sibel ERASLAN)

ئاپتور تۈركىيەلىك ژورنالىست ۋە يازغۇچى

بۇ خەۋەر جامائەت گۇۋاھلىقى بېرىش ئورنىدا ئىشلەيدىغان بىر دوستۇمدىن كەلدى.

ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان بىر ياش، كاستامونۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان بىر قىز بىلەن بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ توي قىلىدۇ. قىز ئوقۇغۇچى شەرقىي تۈركىستانلىق. بىر قىز پەرزەنتى دۇنياغا كەلدى. نەزىرە تېخى بىر ياشنى تولدۇرماي تۇرۇپلا، ياش ئانىنىڭ يۇرتىدىن، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خەۋەر كېلىدۇ. كېلىنچەكنىڭ ئاتا – ئانىسى، بوۋىلىرى تۇتۇلۇپ ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىلىپ گۆرۈگە ئېلىنىدۇ، ئەگەر قايتىپ كەلمىسە، ئۇلارنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ… نەزىرە بىلەن ئانىسى دەرھال يولغا چىقىدۇ. ئايروپىلاندىن چۈشەر – چۈشمەس پاسپورتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ۋە تۈركىيەدىكى يولدىشى بىلەن كۆرۈشۈشى چەكلىنىدۇ. تۈركىيەدىكى (تۈركىيە پۇقراسى) يولدىشى ئايالى ۋە قىزىنىڭ كەينىدىن ئۇچىدۇ، لېكىن ئۇنىمۇ ئۈرۈمچىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتكۈزمەيدۇ… ئايال تۈرمىگە تاشلىنىپ، تېررورچى دەپ ئېلان قىلىنىدۇ، قىيىن – قىستاقلار بىلەن ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويغۇزىلىدۇ. تۈركىيە پۇقراسى بولغان، تېخى بىر ياشقىمۇ كىرمىگەن نەزىرە ئانىسى بىلەن بىرلىكتە تۈرمىدە…

بۇ ئۇچۇرنى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار دوستۇمغا يەتكۈزدۈم، ئۇنىڭ بۇ خىل مەسىلىلەرنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم. ئۇ يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ خىل ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركچە ۋە مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ئېسىڭىزدە باردۇ… رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشمۇ چەكلەنگەن ئىدى… تۈركىستانلىق ئاياللار ياغلىق ئارتقانلىقلىرى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلىدۇ.

ماۋ دەۋرىدىكى سىرتقى دۇنياغا تاقاق مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كەلگەندە ماۋدىن كېيىنمۇ ھېچ يېنىكلىمەستىن داۋام قىلىدۇ. خىتايدا كوممۇنىزمدىن كېيىن قىسمەن سىرتقا ئېچىلىش ۋە ئەركىنلىك ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھاكىمىيەتنىڭ رەڭگى يەنىلا قىزىل. ئۇچۇر – ئالاقە ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىمۇ بېرىلمىگەن بولغاچقا، ئۇ يەردىكى زۇلۇملار ئاسانلا دۇنيانىڭ كۆزىنى پەردىلىيەلەيدۇ.

خىتاي پەقەت ئۆز چېگرىسى ئىچىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغىلا زۇلۇم قىلمايۋاتىدۇ… ئۆز زۇلۇمىدىن قاچقان ئۇيغۇرلارنى دۇنيانىڭ نەرىدە بولسا تېپىپ يوق قىلىش غەرىزىدە… بۇنى رۇسىيە، ئۆزبەكىستان ۋە تاجىكىستانمۇ قىلىۋاتىدۇ. قوللىرىدا كۆپ ئىقتىدارلىق بىر كوزۇر بار، ھەر ئىشكنى ئاسانلا ئاچالايدۇ. يوقاتماقچى بولغان مىللىي ياكى دىنىي كىملىكنى «تېررورچى» دەپ ئېلان قىلسىلا ئىش تۈگەيدۇ… خەلقئارا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بۇرھان كاۋۇنجۇ، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغان كۈننى قورقۇنچ ئىچىدە ساقلاۋاتقان ئانا – بالىلارغا مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى يوللاپتۇ، كۆرۈۋېتىپ قەلبىم ئۆرتەندى… ئىسلامچى جامائەتلەردە بۇ ھەقتە ھېچ سادا يوق. «تاشقى تۈركلەر» مەسىلىسى دەپ مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ نوتۇقلىرىغا ھاۋالە قىپسىلەر تۈركىستاننىڭ مەسىلىلىرىنى، سەن ئوڭچى مەن سالامەت دېيىشىپ… نېمە ئۈچۈن سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئۈچۈن كۆرسەتكەن، شەرەپ ھېس قىلغان رىقابىتىڭلارنىڭ مىڭدە بىرىنى بولسىمۇ باشقا مەزلۇملاردىن قىزغىنىسىلەر؟…

خەلقئارا تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كاۋۇنجۇ، خائىنلارچە پىلانلىنىپ، مەسۇم ئىنسانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى لەنەتلەش بىلەن بىرگە، مەسىلىنىڭ سىياسىي مەقسەتلەرگە ئۇيغۇن بىر شەكىلدە «يۇشۇرۇن جىنايەت تۇغدۇرۇش» مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىدىن شىكايەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆچمەنلەر باش ئىدارىسى ساقچى، ئىستىخبارات ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن 60 مىڭغا يېقىن چەتئەللىككە «تۈركىيەدە تۇرۇشى خەتەرلىك» دېگەن مەنىدە «بىخەتەرلىك شىفىرى G87» ئىجرائاتى يولغا قويغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. ھەققىدە بىخەتەرلىك شىفىرى بارلار چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ ۋە ئەسلىدىنلا ئۆلۈم تەھدىتى ئاستىدا قېچىپ چىققان دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ. بولۇپمۇ، رۇسىيە، ئۆزبەكىستان، تاجىكىستان ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىدە ئۆكتىچى دەپ قارىغان كىشىلەر ھەققىدە «تېررورچى» دېگەن قارارنى چىقىرىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتىغا خەۋەر قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر بۇندىن كېيىن دۇنيادا يۇشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، ئۆزلىرى پاناھلانغۇدەك يەر تاپالمايدۇ… بۇ كىشىلەر بىر تەرەپتىن تېررورىزمنىڭ ۋەيران قىلغۇچى، يوقاتقۇچى زۇلۇمىغا دۇچ كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى تېررورچى دەپ ئېلان قىلىنىپ قوش بىسلىق تۆھمەتكە ئۇچرايدۇ… بولۇپمۇ ئاخىرقى قېتىملىق تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزبەك ۋە چېچەنلەرگە قارشى كۈچەيگەن قورقۇش – ئۈركۈش – ئۇزاقلاشتۇرۇش مەسىلىسى، «ئۆزبەك ۋە چېچەن دەپ قارالغان»لارغا قارشىمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. يالغان، خاتا ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىغا ئاساسان، دائىش ئەزاسى بولۇشى مۇمكىن دېگەن ئۇقتۇرۇشلار بىلەن زەيتىنبۇرنۇدا ئالدىغا كەلگەن ئافغان، ئۆزبەك، تاجىك ۋە تاتارلارنى تۇتۇپ سولاش تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلغانلىق بولامدۇ؟

ئەلۋەتتە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مۇشەققەتلىك ۋە مۇرەسسە تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش. لېكىن بۇ، يۈكسەك ھوشيارلىققا، قانۇنغا رىئايە قىلىشقا ۋە ھەتتا خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئىھتىياجلىق ئەمەسمۇ؟

شەرقىي تۈركىستان دېيىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمەن. بىرلىرى چىقىپ دەيدۇكى، «شەرقى بولغان يەرنىڭ غەربىمۇ بولىدۇ، غەربىي تۈركىستان قايەردە؟» سوۋېت دەۋرىدە تۈركىستاننىڭ غەربى قىسمىنى ئۆز ئىچىدىن مىللەتلەرگە بۆلۈپ، «تۈركىستان  ئېڭى»نى يوقاتتۇق. ئەمدى بولسا، شەرقىي تۈركىستان دېيىشمۇ مەنئىي قىلىندى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان مۇپتىلا بولغان زۇلۇمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ؟ نەزىرە بوۋاق خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلالامدۇ؟

«گۈزەل تۈركىستان ساڭا نە بولدى؟ سەۋەبسىز ۋاقتسىز گۈللىرىڭ سولدى.» (چولپان)

ستار گېزىتى (STAR GAZETESİ)

http://turkistantimes.com/uy/news-1888.html

Share
1428 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.