logo

trugen jacn

خىتاينىڭ خۇمارىدىن قاچان چىقىمىز – ئابدۇۋەلى ئايۇپ

خىتاينىڭ خۇمارىدىن قاچان چىقىمىز
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
خىتاينىڭ زۇلمى، زەھرى، خۇمارى مۇھاجىرەتتە بىۋاستە ئەمەس ۋاستىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ زۇلۇمنى ئىجرا قىلىۋاتقانلار يېنىمىزدىكى كىشىلەر. ئۇلار بىزنىڭ قوشنا، دوست ۋە بۇرادەرلىرىمىز.
مۇھاجىرەتتىكى خىتاي زۇلمى خىتاينىڭ ئەخلەت مەھسۇلاتلىرىدا، خىتايدا ئومۇملاشقان زەھەرلەردە ۋە خىتاي كۆندۈرگەن تەڭسىزلىكنى بىر بىرىمىزگە راۋا كۆرۈشلەردە داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەخلەت يىمەكلىكلەر ۋە زەھەر ئۇيغۇرلارنى بىۋاستە تەھدىتكە ئۇچراتماقتا. يېقىندا بىر ئۇيغۇر بالا زەھەر چېكىپ قېتىپ ئۆلدى. ئىستانبۇلنىڭ سەفا كۆي رايۇنىدا زەھەر تاشلاش مەركىزى قۇرۇلۇپ خىتاينىڭ زەھىرىنى تىزگىنلىمەي بولمايدىغان ھالغا كەلدى.
خۇمار قىلغان زەھەر ۋە ئەخلەت يىمەكلىككە خېرىدار بولۇۋاتقان ئۇيغۇر، تېخى ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ خۇۋەينىسى دەپ قارايدىغان ساقاللىق، نىقاپلىق ئۇيغۇر. ئۇلار خىتاينىڭ ئەخلىتى، زەھىرى ۋە تېتىتقۇلارنى كىشى قورقۇپ بارالماس، يوقاپ كەتكەن قېرىنداشلارنى تاپالماس، ھەتتا ئۆلۈملەردىن قاچالماس يەرلەردىن كەلتۈرۈپ مۇھاجىرەتتە سېتىۋاتىدۇ، ئالغۇچىمۇ ئۇيغۇر. زەھەر ۋە ئەخلەتنىڭ خېردارى ۋە ساتارمەنى ئىستانبۇلدا، بىر يەردە، بىر شەھەردە بىر مەھەللىدە، ئەمما مەنبە يىراق خىتايدا.
بۇ يازدا ئىستانبۇلدا بىر ئاي تەكشۈرۈشتە بولدۇم. ئۇيغۇرلار ياشايدىغان يەرلەرنى، توخۇ سۈتىدىن باشقىنى ساتقۇچىلارنى، ئالغۇچىلارنى، دۇكانلارنى، مەھەللە ۋە بازارلارنى ئايرىم ئايرىم، بىرمۇ بىر كەزدىم.
سەفا كۆيدە يەنە بىر بايقىشىم، ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلار ئىچىدىكى زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالغان بالىلار بولدى. بۇ بالىلارنىڭ بەزىسىنىڭ مەكتەپكە بارماي قۇرئان كۇرسلاردا ئوقۇغانلىقى، ھەتتا ئۇلارنىڭ قاتارىدا بەزى قۇرئاننى تولۇق يادا ئالغان قارىلارنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم. بۇنداق ياشلاردىكى ئىشسىزلىق، نارازىلىق، ئۈمىتسىزلىك مېنى بەكمۇ چۆچۈتتى. مەن زىيارەت قىلغان 16 ياشلىق بىر بالا «مېنى ياۋرپا ياكى ئامېرىكادا بېقىۋالىدىغان كىشى بارمىدۇ؟» دەپ سوراپ قالدى.
سەفا كۆيدە زەھەردىن باشقا خىتاينىڭ ئەخلەت يىمەكلىكلىرىنىڭمۇ سېتىلىشى مېنى ئازاپلىدى. گەرچە ئىستىقلال تېلۋىزىيەسى بۇنداق رەزىللىكنى توسۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئۆلۈمالار پەتىۋا بەرگەن بولسىمۇ ئىللەتنىڭ تۈزەلگەنلىكىگە دائىر ھىچ بىر ئالامەتنى كۆرەلمىدىم.
سەفا كۆيدە ئۇيغۇرلار خىتاي ئەخلەتلىرىنى بۇلۇڭغا تىقىپ ساتىدىكەن. قارىغاندا تەنقىتتىن قورققان بولسا كېرەك، دۇككاننىڭ كۆزگە چېلىقماس يېرىگە قويۇپ قويۇپتۇ. سوراپ بولغىچە كۆرسىتىپ قويىدىكەن.
خىتاينىڭ يىمەكلىكىنى ھارام دەپ تۇرىمىزكەن، ھالالدەك يەپ تۇرۇمىزكەن ئەمما. ئۇلار ئاجايىپ بازارلىق ئىكەن، خىتاينىڭ مالاچۇر، لاۋگەنما..دېگەنلەرنى ساتىدىغان ئاشخانا بەكمۇ خېرىدارلىق ئىكەن. قىزىقارلىق يېرى ھەر ساقاللىق، كالتە ئىشتانلىق ئەرلەر، تولۇق نىقاپلىق ئاياللار سېتىۋالىدىكەن ۋە ساتىدىكەن. سەن كىيىنىشىڭدە كۆز كۆز قىلغان، تەرغىپ قىلغان ئىتقاد سېنىڭ گېلىڭنى پاكلاشقا قادىر بولالمىدىمۇ ئەجەبا!
ئەلۋەتتە بۇ يەردە مەسىلە ساتقۇچىنىڭ نېمە كىيىشى، قانداق يۈرۈشى ئەمەس، بەلكىم نېمە كىيىپ تۇرۇپ نېمە سېتىۋاتقانلىقىدا. مەن ھىچ قاچان بۇ ئىشنى نىقاپلىق ئاياللار ۋە ساقاللىق ئەرلەرلا قىلىۋاتىدۇ دېمىدىم. بەلكى سەفا كۆيدىن باشقا يەرلەردە ئەھۋال باشقىچە بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئىسلامىي كىيىنىپ خىتاينىڭ ھاراملىرىنى سېتىش ئاق دوختۇرچە خالات كىيىپ چاشقان دورىسى ساتقانغا ئوخشايدۇ. سىز دوختۇر كېيىدىغان ئاق خالاتنى كېيىپ چاشقان دورىسى ساتسىڭىز كىشىلەر سىزنى دوختۇر ئوخشايدۇ، دەپ ئالدىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئىتىقادىڭىز ئۈچۈن ساقال قويۇپ، نىقاپ تاقاپ، ئاندىن خىتاينىڭ ھارام يەملىرىنى ساتسىڭىز كىشىلەر بەكرەك ئاسان ئالدىنىپ قالىدۇ!
خىتايدىن زەھەر، ئەخلەت ئەكەلگەنلەرگە دېگۈم كېلىدۇ. شۇ ئەخلەتنى خىتايدىن كەلتۈرۈشتە قايسى ئەقىدە بويىچە ئىش تۇتتۇڭ! ئۇيغۇرغا سېتىشتا قايسى پەتىۋاغا ئەگەشتىڭ؟ خىتاينىڭ مېلىنى ئالغان ئادەم ئەمرىنى ئالمىغانسەنمۇ، بۇيرۇق ئالمىغانسەنمۇ؟ گېلىڭ، قولۇڭ، نەپسىڭ ھالال، پاك بولماي تۇرۇپ دىلىڭنىڭ پاك بولغانلىقىغا قانداق ئىشىنىمىز؟
ئەلۋەتتە خىتاي ھاراملىرىغا ئۇيغۇر خېردار بولمىسا مال كەلمەيدۇ، خىتاينىڭ ئەخلەت يىمەكلىرىگە خۇمار بولغۇچى ئۈستۈڭگە كىيىۋالغىنىڭ نېمە؟ نېمىشقا مۇسۇلماننىڭ كىيىمىنى كىيىۋالدىڭ! بىلىمەن، بۇ گەپنىمۇ دىنغا ھۇجۇم قىلدى، دىندارلارغا ھۇجۇم قىلدى دەيسىلەر. ئىشەنمىسەڭلار سەفا كۆيگە بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، خىتاينىڭ ئەخلەتلىرىنى يەۋاتقان ۋە سېتىۋاتقانلار كىملەر؟ نىقاپىقمۇ يالاڭباشمۇ؟ ساقاللىقمۇ ساقالسىزمۇ؟ نېمىشقا بىلىپ تۇرۇپ قىلىدۇ؟ نېمىشقا بىلگەندەك كۆرۈنگەنلەر قىلىدۇ؟…خىتاينىڭ ئەخلىتىنى، زەھىرىنى ئېلىپ كەلگەنلەر بۇيرۇقىنى ئېلىپ كەلمەسمۇ ؟
خىتاينىڭ ئەخلەت ۋە زەھەرلىرىنى سېتىۋاتقانلار نىقاپلىق، ساقاللىق ئۇيغۇرلار تۇرسا، شۇ قىياپىتى بىلەن كىشىلەرنى ئالداۋاتسا، مەن ئۇلارنى پەردازلاپ، ئۇلار يالىڭاچ ئىدى، دىنسىز ئىدى، ئىمانسىز خىتاي ئىدى دەيمەنمۇ؟ سىلەر كۆزۈڭلەرگە ئىشەنمىسەڭلار، مەنمۇ سىلەردەك كور بولۇشۇم كېرەكمۇ؟
زەھەر، ئەخلەتلەر ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ كۆپ يىغىلغان يېرىدە، سەبىلەرنىڭ ئالدىدا، ياشلارنىڭ يېنىدا سېتىلىۋاتىدۇ. بۇلارغا قارشى چىقسام تۇسايسىز. بوپتۇ، «خەق ماڭا تىل ياغدۇرىدۇ، خەق ھۇجۇم قىلىدۇ، يامان كۆرىدۇ، ئارىغا ئالمايدۇ»، دەپ سىزمۇ دېمەڭ، مەنمۇ دېمەي، بىگۇناھ بالىللار زەھەرلەنسە، ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، ئاغرىقتىن، روھى ۋە مەنىي بۇلغۇنۇشتىن تۈگەشسە، بىر نەچچە بالا زەھەرلىنىپ ئۆلسە ئاندىن ھەرىكەتكە ئۆتۈمىزمۇ؟
ئۇيغۇر ئۆلىمالارنىڭ يېنىدا، قۇرئان كۇرۇسلارنىڭ بېقىنىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى جايلاشقان يەردە, ئۇيغۇر بالىلار ئويناپ يۈرۈۋاتقان مەھەللىدە زەھەرنى ساتقۇچى، ئەخلەتنى تارقاتقۇچى قۇتراۋاتىدۇ. زەھەرنى، ئەخلەتنى يىگۈزگۈچىمۇ، يەپ كۆنگۈچىمۇ كۆز ئالدىمىزدا پىتراپ يۈرۈيدۇ، سېتىپ پايدا ئالغۇچى ھىچ ھېيىقىدىغاندەك ئەمەس جامائەت! قاچانغىچە نەپسىمىز ئۈچۈن كۆزىمىزنى يۇمۇپ ياشايمىز، غىتىمىزنى قىسىپ كۈن كەچۈرىمىز، ھالال ھارام ئايرىماي پۇل تاپىمىز؟ بىز داۋاملىق بارلىق ئۇيغۇرلار زىيان تارتىپ بولغاندىن كېيىن، ئارىمىزدا توپ توپ ئۆلۈم چىقىپ ھازا ئېچىلغاندىن كېيىن ئاندىن چۇقان سالىمىزمۇ؟ تەدبىر قىلىش ئۈچۈن چوقۇم بىر پاجىيە چىقىشى كېرەكمۇ؟ قاچان ھەقىقەتنى كۆرۈشنى، دېيىشنى، ھەقتە تۇرۇشنى ئۆگىنىمىز؟ ھەممە بالىلار زەھەرلەنگەندىن، بىر نەچچە گۆدەك ئۆلگەندىن كېيىن ئاندىن سوزۇپ ياسىن ئوقۇشۇپ بولدى قىماقچىمۇ بىز؟ خىتاي سىڭدۈرگەن زەھەرنىڭ، يىگۈزگەن ئەخلەتنىڭ، كۆندۈرگەن تەڭسىزلىكنىڭ خۇمارى زادى قاچان بېسىلىدۇ؟ خىتاي زادى قانچىلىك زۇلۇم قىلسا ئاندىن خىتاي خۇمارىدىن چىقىمىز؟!
Share
1823 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.