logo

trugen jacn

قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىش سەۋەبلىرى

 

 

قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىش سەۋەبلىرى

ياقۇپبەگ (قەشقەرىيە) دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: -1870يىللارنىڭ ئاخىرىدا ياقۇپبەگنىڭ چىڭ سۇلالىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە ئالەمدىن ئۆتۈشى، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تەلەيسىزلىك بولغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەر قايسى گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولۇشقا باشلىغان. بەگ قۇلۇ خان بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىمۇ، قەشقەرىيە دۆلىتى ھەربىي جەھەتتىن ئاجىز بولغاچقا، 1877-يىلى خىتاينىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغان.
ئۇنداقتا قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يىمىرىلىشىدىكى سەۋەب نېمە؟
ھاجەتتەپە ئۈنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور. ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ياقۇپبەگ ئارمىيەسى خوتەن، يەكەن ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلارغا بېسىپ كىرگەن ۋاقتىدا ئۇيغۇر خەلقىغە قىلغان خاتا مۇئامىلىلىرى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن. چۈنكى ياقۇپبەگنىڭ ھەربىي قوماندانلىرى خوتەندە ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ئىپپەت نومۇسىغا چېقىلغان، خەلقنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان. بۇ قىلمىشلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.
تۈركىيەدە نەشىر قىلىنغان بەزى تارىخ كىتابلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە مۇنۇلار يېزىلغان:
ياقۇپبەگ گەرچە ئۇيغۇر خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، خەلقنىڭ باج-سېلىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ مال-مۈلكىگە كۆز تىككەن بولغاچقا ئۇيغۇرلار ئۇلارنى «ئەنجان گۇرۇھى» دەپ ئاتىغان. ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى جەريانىدا 200 مىڭ تۇڭگان، 50 مىڭ ئەتراپىدا تۈركىي خەلق ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپبەگ ئۇيغۇر خەلقنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويغان. چىڭ سۇلالىسى 1875-يىلىدا زو زۇڭتاڭنى 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئەۋەتىپ، قەشقەرىيە دۆلىتىنى يوق قىلغان.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۈنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىشىدىكى ئىككىنچى مۇھىم سەۋەب، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدۇر. چىڭ سۇلالىسى ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن موڭغۇلىيە بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، چىڭ سۇلالىسىنىڭ غەربكە ئېچىلىشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەشقەرىيە دۆلىتىنى بېسىۋالغان.
ھاجەتتەپە ئۈنىۋېرسىتىتى تارىخ فاكۇلتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم: ياقۇپبەگ دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرىنى «خەلقئارا تەڭپۇڭلۇق» دەيدۇ. رۇسلارنىڭ ھىندى ئوكيانغا ئېچىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئەنگلىيە دەسلەپتە ياقۇپبەگنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. ھەتتا ھىندىستان ۋە ئوسمانلى دۆلىتى قورال-ياراغ ئەۋەتكەن.
رۇسلارنىڭ تۈركىستان بەگلىكلىرىنى بىر – بىرلەپ بېسىۋېلىپ، ھىندى ئوكيانغا قاراپ كېڭىيىشى، ئەنگلىيەنى بىئارام قىلغان. شۇڭا ئەنگلىيە قەشقەرىيە دۆلىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن. ئەنگلىيەنىڭ دوستى دەپ تونۇلغان ئوسمانلى دۆلىتىمۇ ياقۇپبەگگە ياردەم قىلغان. ئەنگلىيە قەشقەرىيەنى رۇسيە بىلەن خىتايغا قارشى تەڭپۇڭ رايون قىلىپ پايدىلانماقچى بولغان ۋە ئوسمانلى دۆلىتىگە بويسۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ياقۇپبەگ بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىسى «تەشكىلاتى مەخسۇسىيە» ئادەم ئەۋەتىپ، قەشقەرىيە دۆلىتى توغرىسىدا دوكلات تەييارلىغان. «تەشكىلاتى مەخسۇسىيە» خادىملىرىنىڭ قەشقەردىن ئوسمانلى دۆلىتىگە ئەۋەتكەن دوكلاتىدا، ياقۇپبەگنىڭ ئۆز خەلقىغە قارىتا قاتتىق قوللۇق، خاتا سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ قەشقەرىيە دۆلىتىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرالمايدىغانلىقى، ياقۇپ بەگنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ياقۇپبەگ دۆلىتىنىڭ يوق قىلىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنى قىسقىچە تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلايدۇ:
1. ياقۇپبەگنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە يۈرگۈزگەن خاتا سىياسىتى تۈپەيلىدىن، ياقۇپبەگنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى؛
2. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى؛
3. ئەينى دەۋردىكى خەلقئارالىق ۋەزىيەت، يەنى رۇسىيە، ئەنگلىيە، چىڭ سۇلالىسى ۋە ئوسمانلى دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسى؛ بۇ ۋەزىيەت ئەينى ۋاقىتتا يېزىلغان ئەسەرلەردىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ مەزگىلدە خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى تېخىمۇ خارابلىشىشقا قاراپ يۈز تۇتقان. بۇ خىل ۋەزىيەت مۇشۇ دەۋردىكى ئەدەبىيات، جۈملىدىن تارىخ تەزكىرىچىلىكتىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن. بىر قىسىم ئەدىپ ۋە تەزكىرىچى-تارىخچىلار، ئۆزى ياشاۋاتقان زامان ۋە ماكانغا نىسبەتەن بارغانسېرى دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ، چوڭقۇر كۆزىتىشكە، سوغۇققانلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلىشقا ۋە ھەققانىي يەكۈنلەرنى چىقىرىشقا باشلىغان. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بىۋاستە ھالدا ئەينى دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن باغلاندى. ئەسەرلەر شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە قارىغاندا بېيىپ، ئەينى دەۋردىكى رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈردى. بۇ دەۋردە ھوشۇر ئاخۇن غېرىبىنىڭ 1863-يىلى ياقۇپبەگ ۋە تۇڭگان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى داۋۇت خەلىپە توغرىسىدىكى تارىخىي ۋەقەلەر شېئىرىي شەكىلدە يېزىلغان «ئەمىر ئالى» دېگەن ئەسىرىدە ۋە ھاجى ئابدۇلباقى كاشغەرىنىڭ 1865-يىلى قىرغىز ئاقساقىلى سىدىقبەگنىڭ ئەسكەر باشلاپ قەشقەردىكى چىڭ سۇلالىسى ھۈكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش جەريانى تەسۋىرلەنگەن «سىدىق بەگ ھەققىدە رىۋايەتلەر» دېگەن ئەسىرىدە؛ نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان خوتەندىكى ھاجى ھەبىبۇللا خاننىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭ 1862-1863-يىللىرى خوتەن خەلقىغە باش بولۇپ، خوتەندە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش جەريانى بايان قىلىنغان «تەزكىرەئى ھەبىبۇللاھ خان غازى» دېگەن ئەسەردە؛ موللا شاكىرنىڭ 1866-يىلى كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تارىخىغا ئائىت «زەپەرنامە» دېگەن ئەسىرىدە ۋە مۇھەممەد ئەلىخان كەشمىرىنىڭ ئەسىرىدە 1867-1868-يىللىرى ھەمدە 1860-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنىڭ ياقۇپبەگ تەرىپىدىن قانداق قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، مۇشۇ جەرياندا خەلق تۇرمۇشىغا ئېلىپ كېلىنگەن پاراكەندىچىلىكلەر تەسۋىرلەنگەن. مەشھۇر تارىخچى ۋە دۆلەت ئەربابى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا 1942-يىلىغىچە ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرىدە تۇرغان ۋاقتىدا يېزىپ قالدۇرغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسەردىمۇ ياقۇپبەگنىڭ خوتەن خەلقىغە سالغان پاراكەندىچىلىكى بايان قىلىنغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

Share
2840 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.