logo

trugen jacn

خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان قوش بىسلىق سىياسىتى كۈچەيمەكتە

Konsolos Uygur ogrencilere Para Dagittijpg

ئەكرەم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قوللىنىۋاتقان بەزىلىرىنى تېررورچى بەتناملار بىلەن قارىلاش، بەزىلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ ئىشلىتىشتەك ئىككى خىل ئۆلچەملىك سىياسىتىنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 15 – يانۋاردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11 – نۆۋەتلىك 4 – ئومۇمىي يىغىنىغا تۇنجى قېتىم چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى «شىنجاڭلىق مۇھاجىرلار» سالاھىيىتىدە تەكلىپ قىلغان.

«چەتئەلدىكى شىنجاڭلىق مۇھاجىر قېرىنداشلار سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشتى» ناملىق بۇ خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، «قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا خىتاي مۇھاجىرلار دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن پەرھات مۇھەممىدى، «پاكىستان – خىتاي مۇھاجىرلىرى سودا بىرلەشمىسى» نىڭ مەسئۇلى ئابدۇقېيۇم مەجىد، «تۈركىيە – خىتاي سودا بىرلەشمىسى» نىڭ مەسئۇلى سابىر بوغدا ھەمدە يەنە ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان ئامېرىكا ۋە رۇسىيەدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بۇ قېتىمقى يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆز دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بارلىققا كەلتۈرگەن «ھەيران قالارلىق تەرەققىياتى» توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ۋەدىلەر بېرىشكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا يىللاردىن بۇيان قاتتىق پوزىتسىيە ھەم سەزگۈر مۇئامىلىدە بولۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە مۇھاجىر قاتارىدا سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىشى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغاندا، خىتاينىڭ بۇ تاكتىكىسىنىڭ يامان غەرەزگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيە خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسى برېمىن پارلامېنتىنىڭ ۋەكىلى سۇساننې گروبېن خانىم ئۆتكەن ئاي ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە پارلامېنتتا سۆزلىگەن نۇتقىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گەرچە ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىجراسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى، تىبەتلىكلەرگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىنىي، مەدەنىي ھەقلىرىنىڭ ئېغىر تاجاۋۇزغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىدە ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ھەر قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپنىڭ جاۋابلىرىنىڭ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بېرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ، باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ دېموكراتىك بىر دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىغىمۇ تۈرلۈك بېسىملارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

«11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن كۆپ قېتىم تېررورچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنى قارىلاش ۋە ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىغا زەربە بېرىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، بۇ قېتىم بىر قىسىم چەتئەللىك ئۇيغۇرلارنى يىغىنغا تەكلىپ قىلىشىدىكى مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە قارا سۈركەشتىن ئىبارەت» دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن گېرمانىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى، خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى بېسىقتۇرۇش سىياسىتىنىڭ 90 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىلا بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا، خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشنى تەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

 http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xitay-cheteldiki-uyghurlar-besim-01162016070459.html
Share
1670 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.