logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلۇق ھەققىدە ئىزدىنىش – جەۋلان

 

ئۇيغۇرلۇق ھەققىدە ئىزدىنىش – جەۋلان

 

مۇھاجىرەتتە تەشكىلات قۇرۇشتا «شەرقىي تۈركىستان» ناملىق تەشكىلاتلار بىلەن «ئۇيغۇر» نامىدىكى تەشكىلاتلار تەڭ كېتىۋاتىدۇ، بۇ ئىسىمدىن بىرسىنى تاللىغانلاردا ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەب ۋە ئېتىقاد بولىدۇ. مەيلى قايسى نامنى توغرا دەپ بىل، ھەر ئىككىسىنىڭ ئاساسەن مەقسىتى بىر، نىشانى بىر، دەپ قاراش توغرا قاراش بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، قارشى تەرەپنى قوپاللىق بىلەن ئىنكار قىلماي، ئۇلارنى خىتايدىن ئارتۇق دۈشمەن كۆرمەي، ئۆز تاللىشىمىزنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى ۋە قارشى تەرەپنىڭ پىكرىنى ئانالىز قىلىپ بېقىش لازىم. ھەرگىز ئىككى قۇتۇپلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلماسلىقىمىز لازىم. ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بۇنداق بىر دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى چېچىش كەچۈرۈلمەس رەزىل جىنايەت  بولىدۇ. بۇنى دۈشمەن ئارزۇ قىلىدۇ، كالۋالار قوللايدۇ. ئۇيغۇرىيە، ياكى ئۇيغۇرىستان دېيىش «ئاپتونوم» دېگەندىنمۇ ئارتۇق «جىنايەتمۇ؟». بىز دەۋاتقان بۇ تۇپراقتا «ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى»، «قاراخانىيلار دۆلىتى»، «سەئىدىيە دۆلىتى» يەنى موڭغۇلىستان دېگەن دۆلەتلەر قۇرۇلغان، ياقۇپبەگ قۇرغان دۆلەتنى «قەشقەرىيە» دەپ ئاتاشقان، شۇ زاماندا يەنە «ئىلى سۇلتانلىقى» دېگەن دۆلەتمۇ بارلىققا كەلگەن ئىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلدى. تارىختىن خەۋەرسىز بۇ ئەبلەخلەر نېمە ئۈچۈن «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىمغا نېمانچىۋالا ئۆچلۈك قىلىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى گەۋدىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا، ئۇلارنىڭمۇ مىللەتنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق پىكىر قىلىش ئەركىنلىكى بار، ئۇلار بىلەن ئارىغا دۈشمەنلىك ئۇرۇقىنى سېلىشقا ئۇرۇنۇشقا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.

بىرىنچى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە  يۇرتۋازلىق ئۇيغۇرلۇقتىن كۈچلۈك ئىدى. قەشقەرلىك، خوتەنلىك، ئىلىلىق تارانچىلار، تۇرپانلىق دېگەنلەر مەلۇم تۇپراقنىڭ ئىگىسى بولۇپ، يۇرت ناملىرى ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلۇقنى كۆتۈرۈپ چىقىشقا قارىغاندا، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى بىردەك ئېتىقاد قىلىدىغان ئىسلام دىنىنى قوغداش شوئارى ئارقىلىق بىر بايراق ئاستىغا توپلىماق ئاسان ئىدى، بۇنى ھەر قايسى يۇرتلارنى كىملىك قىلىۋالغان ئۇيغۇرلارمۇ  شەرتسىز قوبۇل قىلاتتى. بۇ بىرىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرسى ئىدى.

ئىككىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت ۋاقتىدا بۇ ئىنقىلابنى قوللاۋاتقان سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دۇنيادا بىرىنچى، ھەر قانداق دىننى ئىنكار قىلغان قىزىل ھاكىمىيەت بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا ھەرگىز يول قويمايتتى. گەرچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا ھوقۇق دىندارلارنىڭ قولىدا بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامىدا  «ئىسلام» سۆزى چەكلەندى . دىن بىلەن سىياسەت ئايرىلدى. ھەر قايسى قىسىملاردا ئىشلەيدىغان پاگونلۇق دىندارلارنىڭ ۋەزىپىسى جەڭگە قاتنىشىش ۋە جەڭدە شەھىد بولغانلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش، دىنىي مۇراسىملەرگە رىياسەتچىلىك قىلىش بولغان. دىنىي ئىدىيەلەر سىياسەتتىن ئۈستۈن تۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىنقىلابقا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، تۇڭگان، تاجىك قاتارلىق مۇسۇلمانلاردىن باشقا رۇس، شېۋە، موڭغۇل، داغۇر قاتارلىق مىللەتلەرمۇ ئاكتىپ قاتناشتى. ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابىدا رۇس ۋە قازاقلارمۇ  ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.  شەرقىي تۈركىستاندىكى رۇسلارنىڭ بىر قىسمىدىمۇ خىزمەت كۆرسىتىپ يۇرتىغا قايتىش ئىستىكى بار ئىدى. ئۇلار گەرچە شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزلىرىنىڭ چېۋەرلىكى بىلەن ياخشى ياشاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ۋەتەنسىزلىك تۈپەيلىدىن سىياسىي جەھەتتىن باش كۆتۈرەلمەيۋاتقان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشاۋاتقان  قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرمۇ رۇس ئىمپېرىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقانلىرىنىڭ  مىللىي مەنپەئەتى ئۇيغۇرلار بىلەن زىچ باغلانغان ئىدى.

ھازىر ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىش بولدى. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مۇسۇلمان مىللەتلەردىن قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تاجىك دېگەنلەرنىڭ دۆلىتى بار بولدى. قالغانلىرىنىڭمۇ بىز بىلەن مەنپەئەت بىرلىكى يوق دېيەرلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ  ئۇيغۇرلاردىن ھېچقانداق تەمەسىمۇ يوق، ئۈمىد كۈتمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا رۇس، تاتار، ئۆزبېكلەرنىڭ سانىمۇ بىر نەچچە يۈزگىلا چۈشۈپ قالدى. يېقىنقى بەزى ئىستاتىستىكىلاردا ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتكەن قازاقلار  ئوتتۇز  مىڭدىن – ئۈچ يۈز مىڭغىچە دېيىلىۋاتىدۇ، بۇ سان مەيلى قانچىلىك بولسۇن ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىلا  ئەمەس پۈتۈن خىتاينى ساقلاپ تۇرغىنى ئېغىر سىياسىي بېسىم ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىقتىسادى قىيىنچىلىق. شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەر كۈندىن -كۈنگە ئېشىۋاتقان خىتاي سىياسىي كۆچمەنلىرى سەۋەبىدىن بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ، بارغانسېرى نامراتلىشىپ ئېغىر كۈنگە قېلىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ قىيىن كۈنلىرى تېخى ئالدىدا. ۋەتەندىكى يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەر تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا. قازاقىستان بولسا ئاللاھ ئۇلارغا ئامانلىق بەرسە تەبىئىي شەرت-شارائىتى، يەر ئاستى بايلىقلىرى بىلەن بىر قۇتلۇق دۆلەتكە ئايلانغۇسى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ زېمىنى قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زېمىنىنىڭ %60 غا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق كەڭ زېمىندا 130 مىللەتتىن تەشكىل تاپقان 20 مىليوندەك ئاھالە ياشايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 13 مىليون قازاق بار بولۇپ، قازاق ئاھالىسىنىڭ ئازلىقى، باشقا مىللەتلەرنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى قازاقىستان ئۈچۈنمۇ بېسىم شەكىللەندۈرمەكتە.

يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن پەرەز قىلىش مۇمكىنكى، قازاقىستاندا قازاقلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردىكى ھوقۇق، مەنپەئەت، ئىمتىيازلىرىنىڭ كۈندىن -كۈنگە كۈچىيىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلارنى، بولۇپمۇ قازاق ياشلىرىنى كۈچلۈك جەلپ قىلماقتا، ھازىرغىچە قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان قازاقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئوقۇغان ياشلار ئىكەن.  گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلارنى خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى باغلاپ تۇرۇشتىكى پايدىلىق ئامىل قىلىپ پايدىلىنىۋاتقان بولسىمۇ،  پۇرسەت كەلگەندە قازاقلارنىڭ كۆپلەپ كۆچۈشىنى ھېچكىم توسالمايدۇ. بۇنىڭغا ئىچكى ۋە تاشقى ئىككىلا تەرەپتىن  ئېھتىياج بار. ئۇزۇنغا قالماي شەرقىي تۈركىستاندا پەقەت ھېچكىمگە كېرەك ئەمەس بىچارە ئۇيغۇرلار قېلىشى مۇمكىن. مەۋجۇتلىقىمىز ئۈچۈن ئۆز تۇپرىقىمىزدا پۇت دەسسەپ تۇرۇشتىن باشقا تاللىشىمىز يوق.

بىز تارىختىن بۇيان ئۆز تەقدىرىمىزنى مۇسۇلمان قوۋملەرگە باغلاپ كەلگەن ئىدۇق. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىزنىڭ ئىدىيەمىزدىمۇ خېلى چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولدى (كۆزى باغلانغان جاھىللاردىن باشقىلار)، زاماننى بىر ئاز چۈشەندۇق، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى خىتاي بىلەن باغلىۋالغان ھۆكۈمەتلەر خىتاي ئىقتىسادى جەھەتتىن چۆككەندىن كېيىن ئاندىن بىزنى قوللامدۇ -يوق بۇنىمۇ بىلمەيمىز. بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز بىرىنچى جۇمھۇرىيەت دەۋرىگىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت دەۋرىگىمۇ ئوخشىمايدۇ. بىز ھازىر يالغۇز قالدۇق. شۇڭلاشقا بىز يۈز يىلنىڭ، ياكى  يەتمىش يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىدىيە بىلەن پىكىر قىلماسلىقىمىز لازىم. «تارىخنى غالىپلار يازىدۇ» دېگەن گەپ بار. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۇنيانىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنىمۇ قان تۆككەن، پۇل چىقارغان، ئەجىر قىلغان غالىپلار تۈزگەن ئىدى، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. ھازىر ئازراق مەنپەئەت ئۈچۈن خىتايغا خۇشامەت قىلىپ يۈرگەن دۆلەتلەر، ۋەزىيەتنى ماراپ ياتقان ھاكىمىيەتلەر ۋاقتى كەلگەندە يەنىلا باشقىلار تۈزۈپ بەرگەن يولدا ماڭماي ئىلاجى يوق. شۇڭلاشقا  ھازىرچە شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىدىن ۋاز كېچەلمىسەكمۇ، دوست-دۈشمەننى، ئېنىق تاللىشىمىز، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۈستىگە ئارتىلغان ئېغىر يۈكنى ئۆزىمىز كۆتۈرۈشكە تەييارلىقىمىز بولىشى لازىم. بۇ دەۋا ھامىنى «ئۇيغۇر دەۋاسى» بولۇپ ئۇيغۇرلارغا قالىدىغان دەۋادۇر.

ئىككىنچى جۇمھۇرىيەت ئىنقىلابىمىزنى ۋەتەندىكى مەلۇم ساندا ئۇيغۇرلار «ئىلى ئىنقىلابى»، «ئىلىلىقلار ھۆكۈمىتى» دەپ چۈشەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھۆكۈمەت دەۋر سۈرگەن بەش يىلغا يېقىن ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندا «ئۇيغۇرلۇق» نىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن يول ئاچتى. خىتايدا قۇرۇلغان بەش ئاپتونوم رايوننىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشىگە قارىساق، شۇ چاغلاردا بۇ ئاپتونوم ئۆلكىلەرنىڭ ھەممىسىدە يەرلىك مىللەتتىن تەشكىل تاپقان كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنى بىلەن قوراللىق ئارمىيەلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم. مەيلى ئۇ ئارمىيەلەر خىتاينىڭ قولىدا بولسىمۇ، ئۆز خەلقى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە ئىدى.  دېمەك، مىللەت نامىدا ئاپتونومىيە ئېلىشمۇ ئوڭاي قولغا كەلگەن ئىش ئەمەس ئىدى. كېيىن ئاپتونومىيە ئالغانلارنىڭ ھەممىسى ئالداندى، خىتاي ئۆزى تۈزىگەن قانۇنلارنى ئۆزى دەپسەندە قىلدى. 1956-يىلى چىڭداۋ يىغىنىدىكى تالاش-تارتىشتىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى جۇئىنلەي «بىز ھازىرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن قالپاقنى كىيگۈزدۇق، كەلگۈسىدە بۇ يەرنىڭ مىللىي تەركىبلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن نامىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ» دېگەن ئىدى. دېگەندەك 1980-يىللاردىن باشلاپ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇچۇق مەتبۇئاتلىرىدىن باشقا يىغىنلاردا، مۇھىم رەھبەرلەرنىڭ بايانلىرىدا «ئۇيغۇر» دېگەن ئاتالغۇ دائىم «ئۇنتۇلۇپ» قېلىنىپ، تولا ھاللاردا «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى» دېيىلىدىغان بولدى. دېمەك، بىزنىڭ «ئۇيغۇر» دېگەن نامىمىزنى تەۋەلىك زېمىن نامىدىن ئۆچۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بىزنىمۇ كۆچمەنلەر دېمەكچى،  بىز ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن مىللەت ئەمەس، بىز قەدىمى مىللەت، ئورخۇن بويلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ، پەقەت بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا كەلگەن ئۇيغۇرلاردۇر.  بىز «ئۇيغۇر» دېگەن نامىمىزدىن ياتلاشساق بولمايدۇ! ئۇيغۇر دېگەن نام مىللىي كىملىكىمىزنىڭ ئاساسى بولىشى لازىم. بۇ مۇبارەك نامىمىزنىڭ قەدرىگە يېتەيلى. «شەرقىي تۈركىستان» نى مەيلى جۇغراپىيەلىك نام دەيلى ياكى سىياسىي نام دەيلى پەقەت تېررىتورىيەنىڭ نامىدۇر، شەرقىي تۈركىستانلىق دېگەن كىملىك بولسا پەقەت قەشقەرلىك، غۇلجىلىق دېگەندەك تەۋەلىك ئىسىم بولۇپ، مىللەت نامى بولالمايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار سەلتەنەتلىك ھۆكۈمرانلىق تارىخى بار، ئاسىيا ۋە ياۋروپا مەدەنىيىتىدە يۈكسەك ئىزنالارنى قالدۇرغان مۇكەممەل بىر مىللەتمىز. بىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان مىللەتلەر ھەممىمىز كەلگۈسى ئۇيغۇر دۆلىتىمىزنىڭ  قانۇنى  پۇقراسى بولىمىز. لېكىن ھەر كىم ئۆز مىللىتى بولۇپ ياشاشقا ھەقلىق. بۇ ئۇقۇملار ۋەتەندە ھېچبىر تالاش-تارتىش قىلىنغان مەسىلىلەر ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنە ئۇقۇملىرىمۇ ئىنتايىن توغرا، ئېنىق  ئىدى. مۇھاجىرەتتە بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىپادىلەشتىكى كەمتۈكلۈكىنى باشقا تىللار بىلەن تولدۇرۇپ  تىلىمىزنى شالغۇتلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىمۇ رەسمىي مىللەتلەشمىگەن ئېتنىك توپلارغا ئوخشىتىپ  خەلقىمىزنىڭ بېشىنى قايدۇردى.

دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ نامى مىللەت نامى بىلەن ئاتالغان، پەقەت  ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيەگە ئوخشىغان كۆچمەن مىللەتلەردىن قۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ نامى بولسا جۇغراپىيەلىك يەر ناملىرى بىلەن ئاتالغان ئىكەن (لېكىن بۇمۇ مۇتلەق ئەمەس ). جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېگەن نامدىكى جۇڭخۇا دېگەنمۇ خىتاي دېگەنلىك، چەتئەل تىللىرىدىكى نامىمۇ «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى»، بۇنىڭ مەنىسىمۇ خىتاي دۆلىتى دېگەنلىك.

«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن بۇ تۇزاق مىللىتىمىزگە ھەددى-ھېسابسىز زىيانلارنى سېلىپ، بۈگۈنكىدەك ئىرقى قىرغىنچىلىققا سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن، خەلقىمىزدە «ئاپتونوم رايون» دېگەن نامغا نىسبەتەن چوڭقۇر نەپرەت بار، شۇڭلاشقا بەزى ئىنسانلاردا «ئۇيغۇر» دېگەن ئاتالغۇنىمۇ «ئاپتونوم رايون» غا باغلاپ ئۆچلۈك قىلىدىغان كەيپىيات بار. يۇقىرىدا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن نامنىڭ ئوڭاي قولغا كەلمىگەن دېدىم. مەسىلىنىڭ يەنە بىر يۈزىنى  تەھلىل قىلساق، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» نى ئېتىراپ قىلىش  – بۇ زېمىننى گەرچە خىتاي باشقۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق مۇشۇ تېررىتورىيەنىڭ ئىگىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى خىتاينىڭ مەجبۇرى ئېتىراپ قىلىشى بولىدۇ. بۇمۇ خۇددى «يېڭى چېگرا» ئۇقۇمىدەك مەنە بېرىدۇ. قازاقىستان دۆلىتى يېڭى قۇرۇلغاندىن تا ھازىرغىچە رۇسلاردا: قازاقىستان رۇسلار قۇرۇپ بەرگەن دۆلەت، قازاقىستان دېگەن دۆلەت تارىختا بولمىغان دېگەن كۆز قاراش بار. لېكىن ئۆز ۋاقتىدا سەن  قۇرۇپ بەرگەن بولساڭمۇ، ئەسلى مەۋجۇت بولسىمۇ، مەلۇم تېررىتورىيەنى قازاقىستان رېسبوپلىكىسى دەپ ئېتىراپ قىلغان ئىكەنسەن، ئۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيسەن، ھەم تۆلىدى. ئەندى ئۇنى-بۇنى دېگەننىڭ پايدىسى يوق.  خىتايدىكى ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئىگىسى بېكىتىلىپ بولغان. خىتاي ئەندى تارىخ ياساپ ھەر قانچە شۇملۇقلارنى قىلسىمۇ، بەدەل  تۆلەيدۇ. سىياسەت سۆزلەۋاتقانلارمۇ  سىياسىي ئاتالغۇ ۋە قانۇنلارنى- تارىخى شەرت-شارائىتى، مۇھىم ئوبيېكتى (قاراتمىلىقى)، جانلىق تەتبىقلىنىش دائىرسى قاتارلىق ھەر تەرەپتىن ئانالىز قىلايلى. ئاددىي مىسال: ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان مەيدانىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلساقمۇ، ئامېرىكا ئۆز ۋاقتىدا جۇڭگو بىلەن تۈزۈشكەن توختاملارنىڭ ئىككى بىسلىق يەرلىرىدىن پايدىلىنىپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قانۇنى جەھەتتىن يېقىنلاۋاتىدۇ. بىزمۇ ئاتالغۇلارغا قاراپلا ۋىجدانىمىز قايناپ كەتمەي، چوڭقۇرراق ئويلاپ بىر نېمە دەيلى. ھازىر پەقەت ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنىلا ئويلايلى،  ئۇيغۇرنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش مەسىلىسى ھەل بولسىلا، خىتاي ئوبلاست قۇرۇپ بەرگەن قالغان مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى بىز بىلەن ھەل بولىدۇ، خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.

«شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نامنى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار قانچىلىك قوبۇل قىلىدۇ، بۇنىمۇ ئويلىشىش كېرەك. مۇھاجىرەتتىكى ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدىغاندەك پىكىر قىلىدۇ، ئۇلاردا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىش، چۈشىنىش ئىنتايىن يېتەرسىز. يېقىندا خېلى يۈز-ئابرۇيلۇق بىر موللىنىڭ ۋەزىنى ئاڭلىدىم، ئۇنىڭ دېيىشىچە زېھنى ئوچۇقلار، ۋەتەنپەرۋەرلەر چەتئەللەردە ئىكەنمىز، ۋەتەندە قالغانلار ئاساسەن پىكىر قىلىشتىن قالغان ماشىنا ئادەملەر ئىكەن. ئەمەلىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋادا يۈرگەنلىرى %5 كە يەتمەيدۇ، بىزنىڭ ھالىمىز شۇنچىلىك. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بولسا 70 يىللىق خىتاي ئىدېئولوگىيەسى ئاستىدا چوڭ بولغان ۋە خىزمەت قىلغان بىلەن ئۇيغۇرلۇقىنى ساقلاپ قالغان بىر نەچچە ئەۋلاد ئۇيغۇرلار. ھازىرقى خىتايچە تەربىيە ئالغان ئۇيغۇرلار، ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسچە تەربىيە ئالغان ئۇيغۇرلار، چەتئەللەردە ئىنگلىزچە ياكى باشقا تىللاردا تەربىيە ئالغان ئۇيغۇرلار ھەممىمىزنىڭ تىنىمىزدە ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى. بولۇپمۇ ھازىرقى ئەۋلادلىرىمىز تىلىنى، دىنىنى يوقاتسىلا خىتاي بىلەن ھوقۇقتا تەڭ بولۇپ قالمايدۇ، ئۇلار تىل ۋە دىنىنى يوقاتقانلىق سەۋەبى بىلەن ئۆزلىرىنى قوغداش ئىمكانىيەتلىرىدىن پۇتۇنلەي مەھرۇم قېلىپ، تېخىمۇ قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش سەۋەبى پەقەتلا ئۇيغۇر پۇشتى بولغانلىقى بولىدۇ. ئۇيغۇرچە ئوقۇغانلار بىلەن باشقا تىللاردا ئوقۇغانلارنىڭ بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىدا ئاز-تولا پەرق بار. لېكىن ئورتاقلىق ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. كەلگۈسىدىكى خىتايغا قارشى كۈرەشلىرىمىزدە ئۇلار بىزنى باشلامدۇ ياكى بىز ئۇلارنى باشلامدۇق، بىر نېمە دېمەك تەس.

ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغاندىن بۇيان دۇنياغا ئۇيغۇر دەۋاسىنى ۋە دۇنياغا ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنى تونۇتۇشتا چوڭ رول ئوينىدى،  ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كەلگۈسىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسىنى تاشلىماسلىقى لازىم، بۇ بىزنىڭ 20 يىلدىن بۇيان دۇنياغا ئاران  تونۇتقان كىملىكىمىز، خەلقئارالىق ماركىمىز. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرەتتە ھۆكۈمەت قۇرماقچى بولسا، «ئۇيغۇر مەركىزى ھۆكۈمىتى» ياكى «ئۇيغۇر مەمۇرىي ھۆكۈمىتى» دېگەندەك ناملارنى قوللانساق بولىۋېردۇ. شەرقىي تۈركىستان نامى بۈگۈنكى كۈندە دىنىي جەھەتتىن، ئەنئەنىۋى كۆز قاراش جەھەتلەردىن بولسۇن ياكى ئىككى جۇمھۇرىيەت روھىنى داۋاملاشتۇرۇش جەھەتلەردىن بولسۇن يەنىلا مۇھىم ئۇرۇندا تۇرماقتا. ھازىرچە ئىسىم تالاشماي، ئىسىم ئۈچۈن بىر-بىرىمىزگە ھۇجۇم قىلماي، مىللىتىمىزنىڭ تاللىشىغا يول قويۇش كېرەك. بۇ بىر نەچچە يىللىق جامائەت پىكرىگە قارىساقمۇ شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشىدە قايىل قىلارلىق مەنبە يوق. پەقەت ئۇيغۇر تارىخىدىن  بىلىمى يوق ئايرىم كىشىلەرنىڭ ئاچچىق ۋە  دوق بىلەن تولغان ھۇجۇملىرى بار،  لېكىن مەسىلىنى بۇنداق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

ئاخىردا شۇنى قوشۇمچە قىلاي: ئۇيغۇرنىڭ روھىغا زەربە بېرىدىغان، ئىرادىسىنى بوشاشتۇرىدىغان گەپلەرنى ئازراق قىلايلى. «خىتاي يەنە 30 يىلدا ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇيەي، ئامېرىكا ئاسىيادا قوشۇن تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، كۈچلۈك بىر خىتايغا موھتاج، خىتاينىڭ ئاجىزلىشىشىنى خالىمايدۇ. خىتاي بىر كاپامدىن سىڭىرىپ بولۇپ، يەپ تېخىمۇ كېڭىيىدۇ.» دېگەن گەپلەر كىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن دېيىلگەن گەپلەر؟ نېمە ئۈچۈن دېيىلگەن گەپلەر. بۇ گەپلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا نېمدىن بېشارەت بەرمەكچى ؟  ھازىرچە ئۇيغۇر دەۋاسىغا پايدىلىق چوڭ ئىش يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، خىتاينى ئۇيغۇر خەلقىغە ئۇنچىۋالا چوڭ كۆرسەتمەيلى. خەلقئارادا نېمە بولۇۋاتىدۇ، خىتايدا نېمە بولۇۋاتىدۇ، ئەتراپتا نېمە بولۇۋاتقىنىنى بىلىپ، نىيەتنى رۇسلاپ  ئاندىن گەپ قىلايلى.

 

Share
1774 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.