logo

trugen jacn

توماس خوپپې: ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقىدا دەرس ئۆتۈش چەكلەنگەن بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ھەرقانداق شان-شەرەپنى رەت قىلىمەن

49caaeae-8e87-43d9-98e4-ad0277a62bec يازغۇچى زوردۇن سابىر(سولدا) گېرمانىيە ئالىمى توماس خوپپە (ئوتتۇرىدا) قاتارلىقلار بىلەن. 1988-يىل، گېرمانىيە.

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

 قۇتلان

يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ 1988-يىلىدىكى گېرمانىيە سەپىرى ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدا كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشىغا ئىلھام بولغان.

شۇ يىللاردا زوردۇن سابىر «ياۋروپاغا سەپەر» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەدەبىي خاتىرىسىنى ۋە «سىزىق ئادەملەرگىلا» ناملىق ھېكايىلىرىنى ئېلان قىلغان. ھالبۇكى، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كىمنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز ھاياتىدىكى بۇ مۇھىم ئىلمىي سەپەرگە ئاتلانغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك.

بۇ كىشى گېرمانىيەلىك ئېتنولوگ ۋە مۇھىت ئىلمىي تەتقىقاتچىسى توماس خوپپېدۇر. ئۇ 1980-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدا كۆپ قېتىم ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلاردا بولغان، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇزۇن مەزگىل دەرس سۆزلىگەن. ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى، مەدەنىيىتى شۇنداقلا تارىم ئويمانلىقىنىڭ تەبىئىي مۇھىتىغا بولغان چۈشەنچىسى خېلى چوڭقۇر بولغان.

گېرمانىيە گۆتتېنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئابلەت سەمەت بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، توماس خوپپېنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان رىشتىسى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

توماس خوپپې 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن ئەسەرلەرگىمۇ قىزىققان. ئۇ شۇ مەزگىللەردە يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان.

1988-يىلى توماس خوپپې يازغۇچى زوردۇن سابىرنى گېرمانىيەگە تەكلىپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن زوردۇن سابىر گېرمانىيە سەپىرىگە ئاتلىنىپ، تېخىچە بىرلىككە كەلمىگەن ئىككى گېرمانىيەدە ئىلمىي زىيارەتتە بولغان.

زوردۇن سابىر ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن توماس خوپپې ئۇنىڭ گېرمانىيەدە سۆزلىگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدىكى لېكسىيەلىرىنى رەتلەپ ۋە گېرمانچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغان.

شۇ يىللاردا يەنە توماس خوپپېنىڭ «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر» ناملىق ئىلمىي كىتابى نەشر قىلىنىپ، گېرمانىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەركىزىي ئاسىيا ھەققىدىكى كۇرسلىرىغا دەرسلىك قىلىنغان.

ئۇندىن باشقا، توماس خوپپېنىڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە كىلىماتىغا دائىر تەتقىقاتلىرىمۇ گېرمانىيەدە يورۇق كۆرگەن.

ئابلەت سەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توماس خوپپې ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن پەخرىي پروفېسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان. ھالبۇكى، ئۇ سەھنىگە چىقىپ پەخرىي پروفېسسورلۇق كىنىشكىسىنى ئالىدىغان ۋاقىتتا كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ بۇنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ رەت قىلىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «مۇشۇ تۇپراقنىڭ ئىگىسى بولغان يەرلىك مىللەت – ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقىدا دەرس ئۆتۈش چەكلەنگەن بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ھەرقانداق شان-شەرەپنى رەت قىلىمەن!»

مەلۇم بولۇشىچە، شۇندىن كېيىن توماس خوپپې ئەپەندى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن قايتا تەكلىپ قىلىنمىغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا داۋاملىق بېرىپ ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردە بولۇش ئىمكانىيىتىمۇ ئاخىرلاشقان.

دوكتور ئابلەت سەمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توماس خوپپې مۇندىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ برېمېن شەھىرىدىكى ئۆيىدىن يەلكەنلىك كېمە بىلەن دېڭىز سەپىرىگە ئاتلانغان. دېڭىزدا يەلكەنلىك كېمە بىلەن سەپەر قىلىش ئۇنىڭ يەنە بىر قىزىقىشى ئىكەن. ئۇ بالتىق دېڭىزىدا سەپەر قىلىۋاتقان مەزگىلدە تۇيۇقسىزلا غايىب بولغان. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە ئۇنىڭ جەسىتى شىۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويىدىن تېپىلغان. ئۇنىڭ يەلكەنلىك كېمىسى پاچاقلىنىپ كەتكەن. ساقچى تەرەپ شۇنچە تەكشۈرۈپمۇ ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرىنى يېشەلمىگەن.

يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق رىشتىسى ئورناتقان، ئۇيغۇر خەلقىنى ياخشى چۈشىنىدىغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ھەق گەپنى قىلالىغان بىر گېرمان ئالىمىنىڭ ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشقان.

Share
2132 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.