logo

trugen jacn

ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى: قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ سىرلىرىنى ئىزدەپ -1

edc3c99a-795e-4840-b0e1-fcc3e90a4dc9

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن قۇربان ۋەلى ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر تارىخىدىكى ھۈنەر-تېخنىكا: يەتتە چوڭ كەشپىيات» ناملىق ئىلمىي ئەمگىكى يېقىندا تاماملىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلماقتا.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ يېقىندا تاماملىغان ئەسىرى ھەمدە 1980-يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق

image

سوئال: ھۆرمەتلىك قۇربان ۋەلى ئەپەندى، يېقىندا ئۇيغۇر تارىخىدىكى ھۈنەر-تېخنىكا، يەنى بۇ ساھەدىكى «يەتتە چوڭ كەشپىيات» ھەققىدە مەخسۇس بىر ئىلمىي ئەسەرنى پۈتتۈرۈپسىز. ئالدى بىلەن سىزنى تەبرىكلەيمەن! مۇمكىن بولسا، بۇ ئىلمىي ئەمگىكىڭىزنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ۋە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان يېڭىلىقلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز.

جاۋاب: ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىم ھەققىدە زىيارەت قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت! شۇنداق، مەن 2012-يىلى «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» دىن دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، ئىلگىرى ئۈزۈلۈپ قالغان تەتقىقاتلىرىم ئاساسىدا بۇ ئەسىرىمنى يېزىپ تاماملىدىم. ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخ مۇساپىسىدە ياراتقان ھۈنەر-تېخنىكا جەھەتتىكى ئىختىرالىرى، يەنى كەشپىياتلىرى بايان قىلىنىدۇ. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن دۇنياغا داڭلىق 4 كەشپىياتنى «جۇڭگولۇقلار كەشىپ قىلغان» دەپ داۋراڭ سېلىپ كەلدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 3 كەشپىياتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئەجدادلىرىغا مەنسۇپلۇقى دەلىللەنمەكتە. مەن بۇ ئەسىرىمدە ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ياراتقان ئاشۇ كەشپىياتلار ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ باردىم.

سوئال: ھەممىگە مەلۇم، سىز ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن ۋەتەندە ئۇيغۇر تارىخى، ئارخېولوگىيەسى، قەدىمكى يېزىقلار ۋە مىللەتلەر شۇنىڭدەك تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت توغرىلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ئەمگەكلەرنى يورۇقلۇققا چىقارغان ئىدىڭىز. سىزنىڭ 1980-يىللاردا نەشر قىلىنغان «بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز»، «قىزىل مىڭ ئۆيلىرى رەسىملىرى ھېكايىسى» قاتارلىق ئىلمىي كىتابلىرىڭىز زور تەسىر قوزغىغان. ھازىرقى تەتقىقاتىڭىز، بولۇپمۇ دەم ئېلىشقا چىققاندىن بۇيانقى ئىزدىنىشلىرىڭىز ئىلگىرىكى تەتقىقات تېمىلىرىڭىزنىڭ داۋامىمۇ ياكى تېما جەھەتتە سىزدە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر بولدىمۇ؟

جاۋاب: سىزنىڭ بۇ سوئالىڭىز ماڭا 1980-يىللارنى ئەسلىتىپ قويدى. بۇ خىتاي دائىرىلىرى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن سىياسىي ۋە ئىلمىي ساھەگە مەلۇم دەرىجىدە بوشلۇق بەرگەن بىر دەۋر ئىدى. ھالبۇكى، بۇ دەۋر تولىمۇ قىسقا بولۇپ قالدى. مەن شۇ يىللاردا «بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز» (1986)، «قىزىل مىڭ ئۆيلىرى رەسىملىرى ھېكايىسى» (1987) قاتارلىق ئىلمىي كىتابلارنى ئېلان قىلدىم. ئۇندىن باشقا «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» قاتارلىق تارىخىي قوليازما ئەسەرلەرنىڭ تەھرىرلىكىنى ئۈستۈمگە ئېلىپ نەشر قىلدۇردۇم. مېنىڭ شۇ يىللاردا ئارخېئولوگىيە، قەدىمكى يېزىقلار ۋە ئەسەرلەر، ئۇيغۇر يەر ناملىرى ھەمدە قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرى بىلەن تەتۈر تاناسىپ ھاسىل قىلدى. بۇ ھال كېيىنكى مەزگىللەردە مېنىڭ ئەركىن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىمنى بوغۇپ قويدى. 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن خىتايدا ۋەزىيەت پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. مەنمۇ ۋەتەندە تۇرالماي چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. ئامېرىكىغا كەلگەن 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرچە رادىئودا خىزمەت قىلدىم. بۇ جەرياندا كۆپ ماتېرىياللارغا ۋە ئەركىن سۆزلەش مۇھىتىغا ئېرىشتىم. ھازىر تاماملىغان بۇ ئەمگىكىم مېنىڭ ۋەتەندىكى چېغىمدا ئاساسىنى سالغان تەتقىقاتىمنىڭ داۋامى ياكى ئەركىن مۇھىتتا يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىپادىلىنىشى دېسەم بولىدۇ.

سوئال: رادىئو ئاڭلىغۇچىلار ئەلۋەتتە سىزنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىپ ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇنقى ئىلمىي تەتقىقاتلىرىڭىزغا قىزىقىدۇ. سىزنىڭ 1980- ۋە 1990-يىللاردىكى تەتقىقاتلىرىڭىزدا بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق ياراتقان ياكى ئۆز دەۋرىدە خىتاي دائىرىلىرىنى جىددىيچىلىككە سالغان ئاساسلىق نۇقتىلار قايسى تەرەپلەردە كۆرۈلىدۇ؟

جاۋاب: قىسقىچە شەرھلىسەم، بىرىنچىدىن، 1981-يىلى «تيانشان» دېگەن خىتايچە نامنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرچە «تەڭرىتاغ» دىن كەلگەنلىكىنى ئىلمىي ئاساسلار بىلەن ئىسپاتلاپ «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلدىم. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىن تېپىلغان قەدىمكى يېزىقلارنى ئېنىقلاش ۋە تۈرگە ئايرىش بويىچە مەخسۇس تەتقىقات تېزىسى (1983) ئېلان قىلدىم. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى»مۇ ئۆز دەۋرىدە «شىنجاڭدىكى قەدىمكى يېزىقلارنىڭ سىرلىق دەرۋازىسىنى ئاچقان كىشى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلدى. ئۈچىنچىدىن، مەخمۇت قەشقەرىنىڭ مازىرىنى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى (1983) ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ قەبرىسىنى بېكىتىشتە ئىلمىي ئاساس ھازىرلىدىم. ئۇندىن باشقا، ئۇيغۇر قەدىمكى ئەسەرلىرى ۋە قوليازمىلىرىنى نەشرگە تەييارلاشتا بىرمۇنچە خىزمەتلەرنى ئىشلىدىم.

سوئال: مۇمكىن بولسا، ئۆزىڭىزنىڭ قىسقىچە ھايات مۇساپىڭىز ۋە ئىلمىي ئىزدىنىش جەريانلىرىڭىز ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا ئۇچۇر بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

جاۋاب: مەن 1946-يىلى چەرچەندە كارۋان ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم. 1962-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە كورلىدا بايىنغولىن ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتتە تەرجىمان بولۇپ ئىشلىدىم. 1975-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ئارخېئولوگ بولۇپ ئىشلىدىم. 1972-يىلىدىن 1982-يىللىرى ئارىلىقىدا ئالدى بىلەن شىئەندىكى غەربىي-شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئارخېئولوگىيە كەسپىنى ئوقۇدۇم، ئاندىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ سانسىكرېت تىلى ئۆگەندىم. 1986-يىلىدىن تاكى ئامېرىكىغا چىقىپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىدا باش تەھرىر ۋە مۇدىر بولۇپ ئىشلىدىم. بۇ جەرياندا يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئىلمىي كىتابلارنى ئېلان قىلدىم ۋە نەشرگە تەييارلىدىم. كېيىن خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىدە ۋەتەندە تۇرۇپ تەتقىقات ۋە ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولمىدى. خىتاي دائىرىلىرى شۇ يىللىرى مەن نەشرگە تەييارلىغان «بۇغراخانلار تەزكىرىسى» دېگەن كىتابنى بارېن ۋەقەسىنىڭ قوزغىلىشىغا ئىدىيە جەھەتتە تەسىر كۆرسەتكەن دەپ قارىدى. بۇنىڭ بىلەن ۋەتەننى تەرك ئېتىپ ئامېرىكىغا كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. 1998-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» نىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدە ئاڭلاتقۇچى بولۇپ ئىشلىدىم. 2001-يىلى مەن ئامېرىكا ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈپ پاسپورتۇم چىققان مەزگىللەردە، خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە مەن ئەينى چاغدا نەشرگە تەييارلىغان «ئۇيغۇر ھۈنەر-كەسپ رىسالىلىرى» ناملىق كىتابنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇردى. مەن 2012-يىلى دەم ئېلىشقا چىقتىم. ھازىر مۇستەقىل تەتقىقاتچى سۈپىتىدە ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىمنى داۋام قىلىۋاتىمەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/uyghur-medeniyet-11272014141739.html

Share
2478 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.