logo

trugen jacn
07 ئىيۇن 2014

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دىنىي خاھىشى جىددىي رەۋىشتە تەكشۈرۈلمەكتە

Xinjiang-Medical-University

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دىنىي تونۇشى ۋە خاھىشىنى تەكشۈرۈش تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنغان، بۇ گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈشنى نۇقتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئىنچىكە سوئاللارغا جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر سوئال قەغىزىدە «سىزچە دىن دېگەن نېمە؟»، «سىز دىنىي جەھەتتىكى بىلىملەر بىلەن قاچاندىن باشلاپ ئۇچراشقان؟»، «سىزچە دىندا خۇراپاتلىق تەركىپلىرى بارمۇ-يوق؟»، «بىراۋ سىزگە دىنىي تەشۋىقات ئېلىپ بارسا، سىز بۇنىڭغا قانداق  پوزىتسىيەدە بولىسىز؟»، «سىزچە دىنىي ئېتىقاد بىلەن كوممۇنىزم ئىدىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش مەۋجۇتمۇ؟» دېگەندەك بىر قاتار ئىنچىكە سوئاللار سورالغان.

يېقىنقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى بىر قىسىم ئاتالمىش دىن تەتقىقاتچىلىرى مەزكۇر سوئال قەغەزلىرىنى ھەرقايسىي ئالىي مەكتەپلەرگە دەسلەپ 400 نۇسخىدىن تارقاتقان. كېيىن بۇ قەغەزلەرگە بېرىلگەن جاۋابلارنى ستاتېستىكىلاپ، «85 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار كومپارتىيەنىڭ دىنىي سىياسىتىنى ھىمايە قىلىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

images (1)

بىز بۇ ھەقتە ئوبېيكتىپ مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىلگىرىكى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ كەينىدە ناھايىتى روشەن سىياسىي مەقسەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارقىتىلغان سوئال قەغىزىنىڭ ئاز دېگەندە ئىككى خىل مەقسىتى بار. بىرى، دائىرىلەر ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي كەيپىياتىنى بىلىپ بېقىش؛ يەنە بىرى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك، كەلگۈسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە تەھدىت دەپ قارىغان ياشلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى مەزكۇر سوئال قەغەزلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىنى، مەيلى خىتاي ئوقۇغۇچىلار بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇنداق سەزگۈر سوئاللارغا ھەرگىزمۇ راستچىللىق بىلەن جاۋاب بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە ئۆزى ئەينى ۋاقىتتا شاھىت بولغان بىر قىسىم ئەھۋاللارنى مىسال قىلىپ مۇنداق دېدى: «1990-يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا“  دىنىي-ئېتىقادىڭىز نېمە؟“ دېگەن ئانكىت تارقىتىلغان. نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار، ھەتتا ناماز ئوقۇيدىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارمۇ بۇ سوئالغا راستچىللىق بىلەن جاۋاب بېرىشتىن قورققان. كۆپىنچىلىرى ”دىنىي ئېتىقادىم يوق“ دەپ تولدۇرغان. خىتاينىڭ دىكتاتور رېجىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بۇ سوئالغا  ئېنىق جاۋاب بېرىشتىن قورققان يەردە، ھازىرقى جىددىي ۋەزىيەتتە ئوقۇغۇچىلار قانداقمۇ راستچىللىق بىلەن جاۋاب بېرىدۇ؟ خىتايدا ياشاپ كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلالايدۇ.

ئىلشات ھەسەن ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «مېنىڭچە، ئىسلام ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي رېجىمى ئاستىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئاخىرىقى قورغىنى. خىتاي دائىرىلىرىمۇ بۇ نۇقتىنى ھازىر ھېس قىلىپ يەتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا مۇستەھكەم ئىسلامىي ئېتىقادنىڭ ئوموميۈزلۈك تۇرغۇزۇلىشىدۇر. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدىكى سەرخىللار ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى ئۆگەنگەن ئىلىم-پەن بىلىملىرىدىن سىرت يەنە مۇستەھكەم دىنىي ئېتىقادنى تۇرغۇزسا، خىتاي بۇنىڭ، ھاكىمىيىتىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە يۇيۇپ تاشلاش ياكى خەتەرلىك دەپ قارالغانلارنى تازىلاش ئۈچۈن بۇ خىلدىكى ئاتالمىش ئىلىم يېپىنچىسى ئارتىلغان تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان گەپ.»

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/aliy-mektep-din-06062014231126.html

Share
1622 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.