logo

trugen jacn

ۋەتەنسۆيەر شائىر قۇربان بارات ئالەمدىن ئۆتتى

image

ھاجى قۇتلۇق قادىرى

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆزىنىڭ «كېسىلگەن توغراق»، «ئاق روماللىق پەرىزات»، «يوقالماس پەلەستىن» ناملىق يىرىك شېئىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان شائىر قۇربان بارات 6-مارت ئۈرۈمچىدە 70 يېشىدا ۋاپات بولدى.

مەرھۇم شائىر قۇربان بارات 1946-يىلى ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆز يۇرتىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاماملاپ، 1958-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدىكى ئىنستىتۇتنىڭ تىل -ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىپ مۇخبىر ۋە مۇھەررىر بولغان. 1970-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە كورلىدىكى شىنخۇا 2-باسما زاۋۇتىدا ئىشلىگەن. 1986-يىلى كورلىدىن «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» غا يۆتكىلىپ كېلىپ، «بۇلاق>>ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولغان ۋە 1990-يىلى ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن دەم ئېلىشقا چىققان.

شائىرنىڭ 1981-يىلى «يېشىل ھايات» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1984-يىلى «ئاق روماللىق پەرىزات» ناملىق داستانلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى «توي چاچقۇسى»، «باھار جىلۋىسى»، «تارىم ئۆركەشلىرى» ناملىق كوللېكتىپ توپلامغا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

شائىر قۇربان بارات چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەردىن سەئىدىنىڭ «بوستان» داستانى، «دىۋانى سەككاكى»، «دىۋانى ئاتايى، «دىۋانى زۆھۈرى»، «سەئىدى ئىسكەندەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلىغان.

شائىرنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە پەنلىرى تەتقىقاتچىسى مۇختەرجان ئابدۇراخمان شائىر ھەققىدە توختالدى.

ئۇ، شائىر قۇربان باراتنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك شېئىرىي داستانلىرىدىن بىرى بولغان ۋە 14 يىلدا يېزىپ تاماملانغان «يوقالماس پەلەستىن» ناملىق شېئىرى داستانى ھەققىدە توختالدى.

تەتقىقاتچى مۇختەرجان ئابدۇراخمان شائىر قۇربان بارات ۋاپاتىنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، شائىر قۇربان باراتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماستىن، بەلكى ئەدەبىي تەرجىمە جەھەتتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئەمگەك سىڭدۈرگەن ئاپتورلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، خىتاي شائىرلىرىدىن ئەي چىڭنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرىنى، رۇس ئەدەبىياتىدىن پۇشكىننىڭ شېئىرىي چۆچەكلىرىنى خىتاي تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغان ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمانلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شائىر قۇربان باراتنىڭ مېيىت نامىزى 6-مارت كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بەيتۇلمەھمۇر مەسچىتى (نوغاي مەسچىتى) دە ئوقۇلۇپ، گۈلساي مازارلىقىغا دەپن قىلىنغان.

شائىر قۇربان باراتنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر شائىرلىرىدىن ھازىر گېرمانىيەدە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان شائىر كۈرەشچان ئۆمەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ شائىرنىڭ «ئاپەتلىك يىللاردىن ئاچچىق خاتىرىلەر» ناملىق ئەسىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، شائىر قۇربان باراتنىڭ 80-يىللاردىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ئاخىرىدا شائىر كۈرەشچان ئۆمەر شائىرغا ئاتاپ يازغان مەرسىيەسى بىلەن سۆھبىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/qurban-barat-03072016162702.html

Share
1621 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.