logo

trugen jacn

ۋەتىنىگە قايتقان روھ: مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ھايات بايانى -1

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى سەھەردە بىر ئوتلۇق يۈرەك سوقۇشتىن توختىدى. ھاياتىي بويى ۋەتەن سەۋداسىدا ئۆتكەن بىر ئىنسان 62 يېشىدا بۇ ئالەمدىن كەتتى. ئۇنىڭ جىسمى يات تۇپراققا كۆمۈلگىنى بىلەن ئۇنىڭ روھى يىراقتىكى ۋەتىنىگە قايتتى.

بۇ ئوت يۈرەك ئىنسان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ پىداكارلىرىدىن مەرھۇم ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ئىدى.

ئۇ 2013-يىلى، يەنى ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى داۋالىنىش ئۈچۈن ياۋروپاغا كەلگەن كۈنلىرىدە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ھايات كەچمىشلىرىنى قالدۇرغان ئىدى. راك ھۈجەيرىلىرى مەرھۇمنىڭ يۇتقۇنچاق ۋە نەپەس يولىغا تارقىغان بولغاچقا، ئۇ سۆز قىلىشتىن قىينىلاتتى، ئەمما مەرھۇم ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۆز كەچمىشلىرىدىن ئەسلىمە قالدۇردى.

مەرھۇم 62 يىل ئۆمۈر كۆردى. ئەمما ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس كەچمىشلەر ھېلىھەم زامانداشلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى مەسلەكداشلىرى تەرىپىدىن ياد ئېتىلمەكتە. تۆۋەندىكى بايانلار مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا قالدۇرغان ئاۋازلىق ئەسلىمىسىگە ئاساسەن رەتلەندى.

«ھايات كەچۈرمىشلىرىمنى سۆزلەشتىن ئىلگىرى ئائىلەم ۋە نەسەبىم ھەققىدە ئىككى ئېغىز قوشۇمچە قىلىشىمغا توغرا كېلىدۇ. بىلىشىمچە، مېنىڭ ئۇلۇغ بوۋىلىرىمدىن تۆرە خوجا دېگەن كىشى 1852-يىللىرى ئەتراپىدا پەرغانە ئويمانلىقىدىكى نەمەنگان شەھىرىدىن قەشقەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. كېيىنچە ئۇلار ئۇرۇش مالىمانچىلىقى تۈپەيلى كېلىپ چىققان كۆچ-كۆچتە يەنە پەرغانە ۋادىسىغا قايتىپ، ئۇ يەردىن غۇلجىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ئىكەن. چوڭ بوۋىمىز تۆرە خوجا، ئۇنىڭ ئۇكىسى بۆرە خوجا، ئۇنىڭدىن كىچىكى خامۇش خوجا ئىكەن. خامۇش خوجىنىڭ نامى 1864-يىلى كۇچادا يۈز بەرگەن راشىدىن خوجا قوزغىلىڭى ھەققىدىكى ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنىدۇ. بوۋىلىرىمنىڭ ئىچىدە چوڭراق ئىش قىلغىنى شۇ خامۇش خوجا ئىكەن.

خامۇش خوجىنىڭ ئىمام خوجا دېگەن ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىككى ئوغۇل بولغان ئىكەن. چوڭى ئارىپ خوجا، كىچىكى ھۈسەن خوجا ئىكەن. ئارىپ خوجا سودىگەرچىلىك قىلىپ رۇسىيەنىڭ شەمەي، سانكىت-پېتىربۇرگ شەھەرلىرىدە تۇرغان ئىكەن. ھۈسەن خوجا قەشقەر ۋە غۇلجىدا تۇرغان ئىكەن. ھۈسەن خوجا مېنىڭ بوۋام بولىدۇ.

غۇلجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدىكى قازانچى مەسچىتى، ئۆزبېك مەسچىتى، ئۆزبېك مازىرى ۋە 1910-يىللاردا ھەرەمباغدا قۇرۇلغان دوختۇرخانا قاتارلىقلار ئىمام خوجا ۋە ھۈسەن خوجا قاتارلىق بوۋىلىرىمنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئانام تەرەپتىكى بوۋام ئادىل خوجا بولۇپ، غۇلجىدا ئەلىخان تۆرەملەر بىلەن تۇغقانچىلىقى بار كىشىلەردىن ئىدى.

دادام ئەخمەت خوجا ئائىلىمىزدە ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇغان مەلۇماتلىق كىشى ئىدى. ئۇ 1940-يىللاردىكى ئىلى ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە مۇھىم خىزمەتلەرنى ئاتقۇزغان كىشى ئىدى. دادامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، بىزنىڭ ئائىلە سودىگەر ئائىلىسى بولغاچقا، ئىقتىسادىي ئاساسىمىز كۈچلۈك ئىكەن. شۇڭا مىللىي ئارمىيەگە قورال سېتىۋېلىش ئىشىدا بىر قېتىمدا 3 مىڭ تۇياق قوي ھەدىيە قىلغان ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ ئائىلە جەمەتىمىزدىن مىللىي ئىنقىلاب مەزگىلىدە 16 كىشى شېھىت بولغان ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئانامنىڭ چوڭ ئاكىسى سەدرىدىن تاغام ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا شېھىت بولغان بولۇپ، پولكوۋنىك دەرىجىلىك ھەربىي كىشى ئىكەن. 1960-يىللاردا غۇلجىدا قەبرە يۆتكەش بولغاندا مەن ئوننەچچە ياشتا ئىدىم. چوڭلارنىڭ مەرھۇم سەدرىدىن تاغامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 شېھىت تۇغقىنىمىزنىڭ قەبرىسىنى كۆچۈرگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

دادام 1950-يىللاردىن كېيىن سودا-سانائەت ساھەسىدە خىزمەت قىلدى. مەن 1952-يىلى تۇغۇلۇپتىمەن. ئەمما 1956-يىلىدىن كېيىن دادام ‹يەرلىك مىللەتچى›، ‹بۇرژۇئا ئۇنسۇر›، ‹رىۋىزىيونىزمچى›، ‹پارتىيەگە قارشى ئۇنسۇر› دېگەندەك قالپاقلار بىلەن تارتىپ چىقىرىلىپ كۆرمىگەن كۈنى قالمىدى.

ھېلىمۇ ئېسىمدە، 1968-يىلى ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› تازا ئەۋجىگە چىققاندا قىزىل قوغدىغۇچىلار ئانام بىلەن بىز 6 بالىنى ئۆيىمىزنىڭ بىر ئاشخانىسىغا سولاپ قويغان ئىدى. شۇ كۈنى ئۇلار ئۆيىمىزگە بېسىپ كىرىپ، ئانامنى سۆرەپ چىقىپ قاتتىق ئۇرۇپ-چەيلەپتۇ. ئۆيدە يوشۇرۇپ قويغان ئالتۇن-كۆمۈشلەرنى تاپشۇر دەپ قاتتىق قىيناپتۇ.

ئانام شۇ قېتىملىق زەربىدىن كېيىن 9 ئاي ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى-دە، ئاخىرى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى

http://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/husen-hesen-03142017165607.html

Share
1209 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.