logo

trugen jacn

ۋېنجۇ شەھىرىدە ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنىپ پىچاق ۋە قۇرئان قاتارلىق دىنىي كىتابلار مۇسادىرە قىلىندى

 

ئۆتكەن جەمە كۈنى ۋېنجۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاتالمىش «تېررورلۇق گۇرۇھىنى پاش قىلىش» ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋېنجۇ ساقچى ئىدارىسى 27 – ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى تور بېكىتىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋېنجۇ شەھىرى كېچىڭ رايونى باغچا كوچىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئىجارىگە بېرىلگەن ئىككى ئۆيدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بىرقانچە ئۇيغۇرنى تۇتقانلىقىنى، ئۆيدىن پىچاق ۋە قانۇنسىز نەشر قىلىنغان دىنىي كىتابلار تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ساقچى دائىرىلىرىنىڭ خەۋىرىدە پىچاقنىڭ قايسى خىلدىكى پىچاق ئىكەنلىكى ۋە ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىغان.

28 – ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋېنجۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى،«ساقچىلار ئېرىشكەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن شىنجاڭلىقلار ئىجارىگە ئالغان ئۆيلەردە ئاختۇرۇش ئېلىپ باردى» دەپ جاۋاب بەردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا، «خىتاي ساقچىلىرى تۇتقۇن قىلغان گۇمانلىق كىشىلەر ئاياللار ۋە بالىلار. ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي بۇيۇملار قۇرئان قاتارلىق ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرى. خىتاي ساقچىلىرى ھەر خىل باھانىلەردە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە، جېجياڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋېنجۇ شەھىرىدە 24 – ئىيۇل سەھەردە بىر «تېررورلۇق گۇرۇھى» پاش قىلىنىپ، 2 «تېررورچى»نى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن بەزى ئۇچۇرلاردا ۋېنجۇدا ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا ئېتىشىش يۈز بېرىپ، 2 كىشىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/wenzhou-uyghur-07282015212230.html

Share
1814 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.