logo

trugen jacn

ۋىتنام چىگرىسىدا 3 ئۇيغۇر ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈلدى

442DFA557E8BBCB0E1750A306BF25A29

يەكشەنبە كۈنى (2014.1.18) كەچ سائەت 8 دە خىتاينىڭ ۋىتنام چىگرىسىدىكى پىڭشىاڭ شەھرىگە تەۋە چىگرىغا يىقىن بىر يولدا 2 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈلگەن

45b314c5-6874-429c-9576-370351c71648 (2)

يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر يىگىت قىچىپ كەتكەن.قاچقان ئۇيغۇر توغرۇلۇق خىتاي ساقچى ئىدارىسى جىددى ئۇختۇرۇش چىقارغان بولۇپ،ئۇختۇرۇشتا مۇنداق دىيىلىدۇ؛ جىددى ئۇختۇرۇش؛ 1ئاينىڭ 18.كۈنى سائەت 8 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە بىر نەپەر جىنايەتچى قاتىل قارشىلىق كۆرسىتىپ، تىيەنشىن ئاھالىلار رايونى تەرەپكە قىچىپ كەتتى.بۇ كىشىنىڭ ئالاھىدىلىگى مۇنداق؛ بويى 1.75 مىتىر ئەتىراپىدا.ئۈستىدە قىزىل مايكا بار،كوت (نىيوزەيكۇ)ئىشتان كىيىۋالغان.شىنجاڭلىق،ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەيدۇ.كەڭ خەلىق ئاممىسىڭ سەگەكلىكنى ئاشۇرۇپ،قوغدۇنۇشنى كۈچەيتىپ،خەۋەر تاپقان ھامان 110 نۇمۇرلۇق ساقچى تىلىپۇنىغا خەۋەر بىرىشىنى سۇرايمىز.-پىڭشىاڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى

201501190037china2
خىتاي دىموگىراتلىرىنىڭ چەتئەلدىكى بوشۇن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە؛1.ئاينىڭ 18 كۈنى 8-9.لاردا پىڭشىياڭ شەھەرلىك ھۈكۈمەت ئالدىدا ئىتىشىش يۈز بەرگەن بولۇپ،بىر ئۇيغۇر ئىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن،ساقچى تەرەپتىن ئۆلگەن ۋەياكى يارىدار بولغانلارنىڭ سانى ئىنىق ئەمەس

201501190037china1
خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرى 2014.يىلى 5.ئايدىن باشلاپ خەنەن،گۇاڭشى،گۇۋاڭدۇڭ،يۈننەن،سىچۇۋەن،شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردە چىگرالاردا ئادەم قاچاقچىلىغى بىلەن شۇغۇللانغان 352 نەپەر،چىگرىدىن قاچقان ۋە قىچىشقا ھازىرلىنىۋاتقان 852 نەپەر گۇماندارنىڭ قولغا چۈشرۈلدى،دەپ ئىلان قىلدى

1114036698_14215959667061n
يىقىنقى يىللاردىن بىرى شەرقى تۈركىستاندا خىتاي ساقچى،ئارمىيسى تەرىپىدىن ئىگىسىز ياۋايى ھايۋانلارغا ئوخشاش ئۇچۇرىغان يەردە ئوققا تۇتۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا،ھايات ۋە خاتىرجەملىك ئىزدەپ خىتاي چىگرىسىدا ئۆزلىرىنى خەتەرگە ئۇرۇۋاتقان ئەركىنلىك قەھرىمانلىرى كۆپەيمەكتە
مەنبە

新疆维族人广西偷渡 警方开枪打死两人

广西凭祥市政府前枪战,一名新疆人死亡

公安部打击西南边境地区组织偷渡活动 已破获案件262起

Share
1960 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.