logo

trugen jacn

ھۆرلۈككە تۆلەنگەن بەدەل -2

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بىر نەپەر ئۇيغۇر شاھىتنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى قاچقۇنلۇق ھېكايىسى

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ئۇيغۇر شاھىت ئۆزىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدىكى بىرقانچە يىللىق قاچقۇنلۇق ھېكايىسىنى بۈگۈن يەنە ئاڭلارمەنلەر دىققىتىگە تەقدىم قىلدى.

ئۇنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان قېچىش سەپىرىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كەچۈرمىشلىرى باشقا مىڭلىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ قاچقۇنلۇق ھېكايىلىرىگە ئوخشاشلا ئۆز تۇپرىقىدا ياشاش ئىمكانىيىتى قالمىغان بىر خەلقنىڭ ھۆرلۈك ئۈچۈن تۆلەۋاتقان ئېغىر بەدەللىرىنى ئاشكارا قىلدى.

ئۇنىڭ ھېكايىسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئالدىنقى يىللاردا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدە كۆرۈلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلار كرىزىسى ۋە ئۇنىڭ ئىچ يۈزىنى چۈشىنىشتە جانلىق پاكىتلار تەقدىم قىلدى.

ھۆرلۈككە سوزۇلغان بۇ مۇشەققەتلىك يولدا ئېغىر بەدەل تۆلىگەن مەزكۇر شاھىت ئۆز كەچمىشلىرىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ:

– 48 سائەتلىك ئۇزۇن سەپەردىن كېيىن ئاخىرى خۇجىمىن شەھىرىگە يېتىپ باردۇق. ئۇ يەرگە بىزدىن بۇرۇن يېتىپ بېرىپ پۇرسەت كۈتىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار بار ئىكەن. خۇجىمىن شەھىرىدىكى بىر خىلۋەت بىنادا شۇ كېچىسى قوندۇق. كېچىدە بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە قارا بېسىپ قورقۇنچلۇق قارا يىلانلار يولۇمنى توسۇپ تۇرىۋاپتۇ. چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ ئويغىنىپ كەتتىم – دە، ئاللاھدىن پاناھلىق تىلەپ دۇئا قىلدىم. تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇدۇم. بۇ چۈش ماڭا ئاشۇ كۈنىدىكى سەپىرىمىزنىڭ خەيرلىك بولمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى.

– ئەتىسى ۋېيتناملىق «ئادەم قاچاقچىلىرى» بىزنى ئېلىپ يەنە يولغا چىقتى. ئەمدىكى سەپىرىمىز كامبودژا ئىدى. مەن بىر خىل پەرىشانلىق ئىچىدە يولغا چىقتىم. باشقا تاللىشىم يوق ئىدى. بىز يولدا نەچچە ئاپتوموبىلغا ئالماشتۇق. بەزى جايلاردا پىيادىمۇ ماڭدۇق. ئاخىرى بىر ئاق رەڭلىك ماشىنىغا ئالمىشىپ كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىزلا ئالدىمىزدىن ساقچى ماشىنىسى پەيدا بولدى. قوراللىق ساقچىلار بىزنى مىدىرلىماسلىققا بۇيرۇق قىلدى. قاچىدىغان ھېچ ئىمكانىيىتىمىز يوق، ئاخىرى تۇتۇلدۇق. بىزنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە بىر – بىرلەپ تەكشۈردى، قېشىمىزنى ئاختۇرۇپ يانچۇقىمىزدىكى دوللارغا ئالماشتۇرغان بارلىق پۇللىرىمىزنى ئېلىۋالدى. قۇپ – قۇرۇق قىلىپ قويدى، ئاندىن چېگراغا يېقىن جايدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ئاپىرىپ سولىدى.

– ئارىمىزدا ئايال ۋە بالىلارمۇ بار ئىدى. بەزى ئاياللارنى ئىلگىرى ۋېيتنامدىن تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرىۋەتكەن ئىكەن. ئۇلار كېيىنچە خىتايلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ ئىككىنچى قېتىم بىزگە قوشۇلغانلار ئىدى. ئىچىمدە«بىزنى چوقۇم خىتايغا قايتۇرىۋېتىدۇ» دېگەن بىر قورقۇنچ چۈشتى. سەپەرداشلىرىمغا «بىر ئامال قىلىپ قاچايلى» دېسەم ئۇلار جۈرئەت قىلالمىدى. يېرىم كېچە، تۈم قاراڭغۇدا بىزنى سولاپ قويغان ئىككى مېتىرلىق سىم توساقتىن شۇنداق تېزلىك بىلەن ئۆزۈمنى سىرتقا ئاتتىم. كەينىمدىن قىيا – چىيا ۋە ساقچىلارنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قول چىراقلىرىنىڭ نۇرى ئورمانلىققا قالايمىقان چۈشمەكتە ئىدى. ئۆلەر – تىرىلىشىمگە قارىماي قاچتىم. شۇ قاچقانچە ئادەم بويى چۆپلۈك ۋە قويۇق ئورمانلىقتا توختىماستىن قاچتىم. قانچە سائەت يۈگۈرگەنلىكىمنى بىلمەيمەن، ئاخىرى ھېرىپ ئورمانلىق ئىچىدە ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئەتىسى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە ئويغاندىم. ئەتراپتا ئىنسى – جىن يوق. يۆنۈلۈش تۇيغۇممۇ يوقالدى. خۇجىمىن شەھىرىنىڭ قايسى تەرەپتە قالغانلىقىنى بىلەلمىدىم. بىر ھازادىن كېيىن كۆڭلۈم تارتقان تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.

– ھالبۇكى، ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر توپ ۋېيتناملىققا تۇتۇلۇپ قالدىم. ئۇلار ئىشارەت بىلەن ماڭا: «ئەگەر دوللار بەرمىسەڭ، سېنى ئۆلتۈرىۋېتىمىز!» دەپ تەھدىت سالدى. مەن ئۇلارغا:«مەن تۈركىيەلىك، مەندە پۇل يوق، ئەگەر مېنى خۇجىمىن شەھىرىگە ئېلىپ بارساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم سىلەرگە پۇل تۆلەيدۇ» دەپ تۇرۇۋالدىم. ئاخىرى ئۇلار بىرسىگە تېلېفون قىلىپ مېنى موتوسىكلىت بىلەن كەلگەن بىرسىگە ساتتى. ئۇ مېنى ئېلىپ ماڭدى. بىز بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا يېقىنلاشقاندا مەن يەنە قاچتىم. ھېلىقى موتوتسىكلىتلىق مېنى تاپالماي ۋاز كەچتى. مەن شۇ قاچقانچە كۈندۈزدە يوشۇرۇنۇپ، كېچىدە يول يۈرۈپ 2 – 3 كۈننى ئۆتكۈزدۈم، ئاخىرى ئاچلىقتىن بىر چۆپلۈككە يىقىلدىم. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئېسىمگە كېلىپ پۇتلىرىمنى تەستە سۆرەپ بىر كۆلچەكتە يۈزلىرىمنى يۇدۇم.

– شۇ ۋاقىتتا بىر ئۆسمۈر بالىنىڭ موتوسىكلىت بىلەن قېشىمغا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا خۇجىمىن شەھىرىگە ئاپرىپ قويۇشنى ئېيتتىم. ئۇ مېنى مىندۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى، ئەمما بىر كەنت بازىرىغا كېلىپ بىرلىرى بىلەن مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قاياققىدۇر تېلېفون قىلغىلى تۇردى. مەن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ يەنە قاچتىم. قانچىلىك ماڭغانلىقىمنى بىلمەيمەن، بىر چاغدا بىر بوتكا بار جايغا كېلىپ قاپتىمەن. يانچۇقۇمنى ئاختۇرسام قولۇمغا مىڭ ۋېيتنام پۇلى چىقتى. ئادەتتە ئىككى مىڭ ۋېيتنام پۇلىغا ئاران ھاجەتخانىغا كىرگىلى بولىدىكەن. مەن پۇلنى بوتكىدىكى ۋېيتناملىق ئەر – ئايالغا تەڭلەپ بىر دانە پىششىق تۇخۇم بېرىشىنى ئۆتۈندۈم. بەدىنىم ئاجىزلىشىپ ئەڭ ئاخىرىقى بىر تىنىقىم قالغاندەك ھالسىزلىنىپ كەتتىم. ئۇلار ماڭا تۇخۇم بەردى، ئارقىدىن پىشۇرۇلغان ئاق گۆرۈچ بىلەن كۆكتات ۋە مېۋە بەردى. ھەممىسىنى يېدىم. ئاستا – ئاستا ئېسىمغا كېلىپ ۋۇجۇدۇمغا جان كىردى. ۋېيتناملىق ئەر – ئايالغا رەھمەت ئېيتتىم. ھەممە يەردە ياخشى ئىنسانلار بار ئىكەن. ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىپ مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقىغا ھەمدۇسانالار ئېيتتىم.

– ۋېيتناملىق ئەر – ئايال مېنىڭ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي يانچۇقىمغا 100 مىڭ ۋېيتنام پۇلى سېلىپ قويدى. بۇ خىتايدىكى 100 سومغا توغرا كەلسە كېرەك. ئۇلار ماڭا يەنە يېمەكلىك، مېۋە – چېۋە ھەم ئىچىدىغان سۇ بەردى. ئاندىن موتوسئىكلىت بىلەن شۇ ئەتراپتىكى بېكەتكە ئاپىرىپ خۇجىمىن شەھىرىگە قاتنايدىغان ئاپتوبۇسقا سېلىپ قويدى. ئۇزۇن يول مېڭىپ، يېرىم كېچىدە خۇجىمىن شەھىرىگە قايتىپ كەلدىم

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/horluk-bedili-03162016215024.html

Share
1347 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.