logo

trugen jacn

گۈلەن ۋە ئۈچ كىتاب

Abduveli ayup Eşi  ve kızı ile

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

    مەھرۇملۇق ۋە مەھكۇملۇقنىڭ قىسماقلىرىدا تىپىرلىغان دەملەردەئويلىغانلىرىمنى قۇياشلىق كۈنلەردە ئۈچ كىتابقا يىغىنچاقلاپ يېزىپ چىقتىم . ئامېرىكىدىكى ھايات ھاسىلاتلىرىمدىن ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشالايدىغىنىم“ئۇيغۇرلۇق مۇساپەمدىكى ئامېرىكا “ دېگەن كىتاپقا توپلاندى. بۇ كىتابتا بۇرۇن يېزىشنى پىلان قىلغان، تىزىس تۈزگەن بولساممۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن يېزىلماي قالغان بىر قىسىم تېمىلار يورۇتۇلدى. بۇرۇن قەدىردانلار بىلەن ئەسرارلاشقان مۇساپىر تۇيغۇلىرىمدىن پەرقلىق يېرى، بۇ يېڭى كىتابتا ئىلغار تۈزۈم،ھۆر مۇھىت، زامانىۋىي ئەسلەھە ۋە ئىلمىي مائارىپنىڭ كىشىلىك بىناسىنى قانداق قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىغا نەزەر سالغاندىن باشقا، بۇلاردىن مۇستەسنا كىشىلەرنىڭ يەنە قانداق  بىنورمال سەۋەبلەردىن خوۋلۇق، خورلۇق ۋە خۇرسەنلىكلەرگە قۇچاق ئېچىپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆزەتتىم. بۇرۇن يېزىشنى پىلانلىغان مەزمۇنلار ئىچىدىن روھىمدىن ئۇزاقلاپ تەسىرى غۇۋالاشقان، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ئۇنتۇلغان، پاكىتلىرى نائىنىق ئەستىلىكلەرنى رۇشەنلەشتۈرۈشكە كۈچىمىدىم. كىتابلاردىن ۋە تۈرلۈك مەنبەلەردىن تاپقىلى بولىدىغان ئۇچۇر ۋە ساۋات تىپىدىكى مەزمۇنلاردا ئەزۋەيلىمىدىم. ئۆزەمنىڭ بۇرۇنقى پىرىنسىپى بويىچە بولغاندا يازغانلىرىم نوپۇزلۇق قامۇسلار ۋە ئىلمىي كىتابلاردىكى سان-سېفىرۋە سىتاستىكىلار بىلەن تەستىقلىنىشى كېرەك ئېدى. لىكىن  يەنە ”يازغانلىرىم سەرسان روھىمنىڭ ساداسى، مەنزىلسىز مۇساپىرنىڭ ھىسلىرى ئىكەن.“ دەپمۇ ئويلىدىم.  شۇنداقتىمۇبەزىدە ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي كېسىلىم تۇتۇپ مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات ۋە بىلىملەرنىمۇ يازماي قالمىدىم. شۇنداق قىلىپ ”ئۇيغۇرلۇق مۇساپەمدىكى ئامېرىكا “ دىگەن بۇ كىتاب مۇنۇ بالا ماۋزۇدىن تەركىپ تاپتى.

1.  ئەجدات ئىزى ۋە ئىز باسارلىق
2.  ئەركىنلىك ۋە ئەسلەش
3.  ئامېرىكىلىق دەۋەتچىلەر
4.  ئامېرىكىلىقلارداۋەتەن
5.  قەيەردىسەن تارىم يولۋىسى
6.  داۋاسىزپۇشمان
7.  ئامېرىكىغىمۇتۈركىيەگىمۇ
8.  ئەسلىمىگەئايلاندىڭ ۋەتەن
9.  مەكتەپتىكى مەدەتكار قوللار
10. ساۋاپنىڭ كاساپىتى
11.ئاپتوبۇستىكى ئامېرىكا
12.ئامېرىكىلىقلارداخىزمەتنىڭ ئىشقى
13.ئامېرىكىدانومۇس ۋە تاجاۋۇز
14. مۇساپىرەتتىكى مەسجىد
15.سېغىنىشلىق تۈركچە ھايات
16. قوي كۆزلەرگە ھەمراھ شۇ كۆزلەر
17.تەپەككۇرتۇتقۇنلىرى
18. ئاچقۇچىنى يوقاتقان دۇنيا
19. نەۋرەمنىڭ ئىسمى ئۇيغۇر
20.ئامېرىكىدىكى بوزەكلىك ئەسلىمىسى
21.ئالدانغىنىم راست
22.ئەۋىداخام خىيال
23.ياريۆلەكلەر ياخشى قال
    ئىكىنچى كىتابىم ”قىزىمنىڭ ئامېرىكىسى“.بۇ كىتابىمنى بالىلار، پەرزەنتلىك ئائىلىلەر ۋە بالىلىق دۇنياغا مەپتۇنكار بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن يازدىم. قىزىمنىڭ ئامېرىكىدىكى ھاياتى ھەققىدە ئەسلى ”مەسئۇدە ۋە ئامېرىكىلىق تىيىن“ دەپ بىر ئەسەر يېزىش ئويۇم بار ئېدى. بۇنى تىلى،ھىكايىسى، قۇرۇلمىسى بالىلار ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئەسەر بولسۇن دېگەنتىم. لېكىن شۇنچە ئويلىساممۇ تۈزۈك قاملاشتۇرالمىدىم. ئىككى ئايدىن ئارتۇق قايتا قايتائويلىنىپ تولا يېزىپ ئۆچۈرۈپ پۈتكۈزگەن سىناق ئەسىرىم “ قىزىل لالە“ئۆزۈمگە يارىمىدى. يازمىدا چوڭلارنىڭ قايغۇسى، كەچمىشى ۋە غەلۋە غەۋغالىرى پولتىيىىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بالا غېمىدىكىلەر ۋە بالىلىقلارنىڭ ئەلەم ھەسرەتلىرىگە مەلھەم، ئوي تەپەككۇرىغا خۇرۇچ بولسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئارزۇدا بالامنىڭ ئامېرىكىدىكى ھاياتىنى چوڭلار تىلى ۋە تەپەككۇرىدا يېزىپ چىقتىم.ئەسىرىمنى ئۈچ ياشتىن يەتتە ياشقىچە بالىلارنىڭ تەربيەسى ئۈچۈن باشقاتۇرىۋاتقانلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدۇ دەپ قارايمەن. ئەپسۇسلىنىدىغىنىم،كىتابىمنى بالىلارچە چۈچۈك تىل، سەبىي تەپەككۇر ۋە نارەسىدە خىياللاردىن يىراق بىرئۇسلۇپتا يېزىپ تاشلىغىنىم  ئۈچۈن بالام ۋەبالىلاردىن ئۆزرە سورايمەن. مەزكۇر كىتابىم مۇنداق ماۋزۇلاردا بولدى
1. قىزىم ۋە دەرىزە
2. مەسئۇدەنىڭ مۇڭدىشى
3. قىزىم سۆيگەن، سۆيۈلگەن شۇچاغ
4. سېنى قۇتقۇزىمەن دادا
5. مول ھوسۇللۇق مەسئۇدە
6. مەسئۇدە ۋە كىچىك ئامېرىكانلار
7. جانۋارلارنىڭ ھەققى
8. دەسسەلمەيدىغان نەرسە
9. ئاللاھنىڭ ئۆيى نەدە
10.سۇدىن ئۆگەندۇق
11.قىزىم ھەيرانە ھەيرانە
12.ئۇيغۇرلۇقۇڭ مۇبارەك قىزىم
13.  قىزىل لالە
14. قاناتسىز خەت
    ئۈچىنچى كىتابىم “ ئاتا-ئانىلىق سەپىرىدىكى سەن ۋە مەن“ بولۇپ، قوشۇمچە ماۋزۇسى ”ئاتا-ئانىلىق ھاياتىمىزدىكى تۈگۈنلەرۋە تەدبىرلەر“. بۇ كىتابنى ۋەتەنگە قايتىپ مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا كۆزەتكەنلىرىم، ئويلىغانلىرىم ۋە ھىس قىلغانلىرىم ئاساسىدا يازدىم.كىتابنى مۇرەككەپ نەزەرىيە ۋە ئابىستىراكىت ئۇقۇملارنى  بويىچە ئەمەس ئوقۇغۇچىلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن قىلىنغان پاراڭ، سۆھبەت ۋە مەسلەھەتلەرنى ئاساسىدا پۈتكۈزدۈم.مەزكۇر ئەسىرىمدىكى مەزمۇنلار مەندىن ئېنگىلىزچە ئۆگەنگەن ئون ياشتىن 16 ياشقىچەبولغان ئۆسمۇرلەرنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى قايمۇقۇشلىرى،ئىزتىراپلىرى ۋە ئىنتىزارلىقلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېزىلدى. ئەپسۇس،ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ كۆپ قىسىمى خەنسۇچە ئوقۇۋاتقان بولغاچقا مەزكۇر كىتابتىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈشتىن مەھرۇم. ھەر قېتىم مۇشۇلارنى ئويلىسام ئېزىلىمەن. شۇنداق ئارزۇيۇم بار. ئانا تىلدا شۇ ئوقۇغۇچىلىرىم ئوقۇماي تۇرالمايدىغان بىر كىتاب يېزىۋەتسەم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەس بەستە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپ كەتسە دەپ. كىتابىمنى مۇنۇ مەزمۇنلار بىلەن بېزىدىم

1. ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا ئەڭ
2. بۈگۈنكى ئاتا ئانىلاردائەنسىزلىك
3. بالامنىڭ بېشى دەرتتە
4. قىزىمنىڭ سۆيگۈ مەكتۇبى
5. ئىنتىزاملىق ھاياتقا مۇقەددىمە
6. يالغانچىلىقنىڭ قۇيرىقى
7. ئۆسمۈر مەھبۇسلار
8. مۇستەقىللىق ئەۋزەل
9. مۇستەقىللىق تەربىيەسى ۋەتەدبىر
10.بالىمىز ۋە باراۋەرلىك
11.نان قېپى بولسۇنمۇ ناۋايمۇ
12.بالىلاردىكى خۈدۈكسىرەش
13. بالىمىز قاراۋاتقان ئەينەك
14.مەسئۇلىيەتنىڭ قۇدرىتى
15.كىتاب باشلايدىغان دۇنيا
16.بالىلىرىمىزدا چېكىملىك
17.زوراۋانلىقمۇ ياكى تەنھەركەت
18.ئادەت ۋە خۇي قانداق يېتىلىدۇ
19. پەرزەنت تەبىيىسدە ھۆكۈم، مۇكاپات ۋە جازا
20.بالىلار قانداق تەربىيەگەئۆچ

  كىتابلارنى يېزىپ بولدۇم، ئەمدى مەقسەد، نەشىرقىلىدىغانلار، توردا، ئۈندىداردا ۋە باشقا ھەرقانداق شەكىلدە تارقىتىپ پايدىلانماقچى بولغانلارغا توپ ۋە پارچە باھادا ھەقلىق ھەدىيە قىلىمەن. تېلىفون:0998-2308408
ئېلخەت: yanarim@163.com

http://bbs.bagdax.cn/thread-29294-1-1.html

Share
2448 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.