logo

trugen jacn

چەكلەنگەن پىچاق ۋە ساراسىمىگە چۈشكەن قۇرۇلتاي

 

 

تۇنيۇقۇق

چەكلەنگەن پىچاق ۋە ساراسىمىگە چۈشكەن قۇرۇلتاي

 

ھەمىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ۋەتىنىدە پالتا- پىچاقلار دەسلەپتە كىمكىككە سىتىلدى، كىيىن زەنجىرلەندى، كىيىن ئىككىلىك كود باستۇردى شۇنداقلا سىتىش چەكلەندى. ئەمدىلىكتە  ج ك پ نىڭ 19- قۇرۇلتاي ئىچىلىش ئالدىدا يالغۇز ئۇيغۇر دىيارلىرىدىلا ئەمەس، يىغىن مەركىزى بولغان بىيجىڭ ۋە باشقا جايلاردا ھەرقايسى تاللا بازىرى ۋە دۇكانلاردىن پىچاق سىتىشقا بولمايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئۇقتۇرۇشلار كەڭ تارقالدى.

خىتاي تارىخىدا فىئودال مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر  كونتىروللۇقنى كۈچەيتىش، خەلقنىڭ قوزغىلىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن قۇراللارنى يىغىۋالىدىغان، چەكلەيدىغان سىياسەتلەر تولا كۆرۈلگەن.  مەسىلەن:

خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىنى تۇنجى بولۇپ بىرلىككە كەلتۈرگەن خاقان چىن شىخۇاڭ خەلق قولىدىكى قۇراللارنى يىغىۋىلىپ، كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئارانلا 15 يىل دەۋىر سۈرگەن.

قاراخانىلار سۇلالىسى بىلەن دەۋىرداش بولغان، “ سۇ بويىدا“ رومانىدىكى سۇڭ سۇلالىسى 5 قىتىم “ قۇرال چەكلەش پەرمانى“ ئىلان قىلغان.

ھەممىدىن مەشھۇر بولغىنى، يۈەن سۇلالىسىنى قۇرغان موڭغۇللار، خەنلەرنىڭ قۇراللىق قوزغىلاڭ قىلماسلىقى ئۈچۈن يالغۇز قۇراللارنىلا ئەمەس بەلكى ئۆي قىڭراق، پىچاقلارنىمۇ يىغىۋالغان.  يۈەن سۇلالىسى: ھەر ئۈچ ئائىلىك بىر قىڭراق ئىشلىتىدۇ، يەنە كىلىپ رەسمىي رويخەتكە ئالدۇرىدۇ- دەپ قاتىىق بەلگىلىمە بىكىتكەن. ئۇلار قىڭراقلارنى يىغىۋىلىش ئۈچۈن يوغان ماگىنىت تاشنى كوچىمۇ- كوچا دومىلىتىپ ماڭاركەن، كىمنىڭ ئۆيىدە پىچاق بولسا ماگىنىت تاش تارتىپ چىقىرىدىكەن. يوشۇرۇن پىچاق ساقلىغانلار قاتتىق جازالاشقا ئۇچرايدىكەنتۇق.

چىڭ سۇلالىسى، چىيەنلۇڭ خاننىڭ ئوغلى يۇڭجىڭ دەۋرىدە ئاۋام خەلقنىڭ قىلىچ ئىسىپ يۈرۈشى، جامبازلىق ئۆگىنىشى چەكلەنگەن. خىلاپلىق قىلغانلار ئېغىر جازالانغان.  خەنلەردە جامبازلىق كىيىنچە مىنگو دەۋرى بىلەن قايتا راۋاجلانغان. چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا شەرق كىسەل كۆپىلىرى سەككىز دۆلەت جاھانگىرلىرىگە قارشى تۇرۇشى كىرەكتى- دە.  بۇ چەكلىمىلەرنى كۆرۈپ يۇرتلىرىمىزدىمۇ نىمىشقا جامبازلىق چەكلەنگەنلىكىنى تېخىمۇ بىلىپ يىتەلەيسىز.

 

ئۇنداقتا، 19- قۇرۇلتايغا بۇ قەدەر  قاتتىق مۇقىملىقنى ساقلاش تەدبىرىنى قوللىنىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ 19- قۇرۇلتاينىڭ بۇرۇنقى قۇرۇلتايلارغا قارىغاندا قانداق ئوخشىمايدىغان يىرى بار؟

19- قۇرۇلتاينىڭ مۇھىم يىرى، بۇ قىتىملىق يىغىننىڭ نەتىجىسى بىلەن جۇڭگونىڭ كىيىنكى 30 يىللىق تەرەققىيات يۆلىنىشى بەلگىلنىدۇ.  ئەمما دىموكراتىيەلىشىپ قالارمۇ دەپ ئويلاپ قالغانلار بولسا خاتالاشتىڭلار. جۇڭگونىڭ دىموكراتىيەلىشىشى 1989- يىلى تىيەنئەنمىن 6.4 ھەرىكىتىگە سەۋەب بولغان خۇياۋباڭنىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن بەربات بولغان.  شۇ ھەرىكەتنىڭ مەغلۇپ بولىشى بىلەن خاتىمە بىرىلگەن.

ھازىرقى ۋەزىيەتكە ئاساسلانغاندا، 19- قۇرۇلتاي ئىدىيە جەھەتتىن بىكىنمە، سىياسىي جەھەتتىن جىددى چىكىنىش ھاسىل قىلىدىغان قۇرۇلتاي. پەۋقۇلاددە ئەھۋال كۆرۈلمىسە، بۇ يىغىندىن كىيىن شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ھاكىممۇتلەقلىق ئورنى تېخىمۇ قوللاشقا ئىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتىن مۇستەبىت ماۋزىدۇڭغا، ئىقتىسادى جەھەتتىن دىڭ شىياۋپىڭغا ئەگىشىدىغان يىڭىچە ھاكىممۇتلەقلىق پارتىيە نامىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. دىڭ شىياۋپىڭ، جىياڭ زىمىن، خۇ جىنتاۋلار شەكىللەندۈرگەن “  كوللىكتىپ رەھبەرلىك“ تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى چەتكە قىقىلىدۇ.  گەرچە ھەممىسى ئوخشاشلا كومونىزىم فاشىستلىرى بولسىمۇ، كوللىكتىپ رەھبەرلىك ھەرھالدا شەخىسنىڭ ھاكىممۇتلەقلىقىدىن ياخشى، چۈنكى خاتا سىياسەت يۈرگۈزىدىغان كوللىكتىپ، ”قەتئىي خاتالاشمايدىغان ئۇلۇغ داھىي“ دىن ياخشىراق.

بۇ يىغىننىڭ قىززىق نۇقتىسى ئاساسلىقى ئىككى.  بىرى: شى قوشۇنى، جىياڭ تەرەپدارلىرى، تەشكىلاتدىن ئىبارەت پارتىيە ئىچىدىكى ئۈچ ئاساسى كۈچنىڭ ئىككى يىل داۋاملاشقان سىياسىي كۆرەش نەتىجىسىدە شى جىنپىڭ ئۇتۇپ چىقالىدىمۇ يوق؟ يەنە بىرى سىياسىي بىيورۇ مەركىزى كومتىتىنىڭ 7 دائىمىي ئەزاسى كىملەر؟ دىگەندىن ئىبارەت. ئىككىنجى مۇھىم نۇقتىغا شى جىنپىڭنىڭ سادىق مۇشاۋۇرى ۋاڭ چىشەن پىنسىيەگە چىقامدۇ – يوق؟ دىگەن مۇھىم مەسلە ياندىشىدۇ.    يەنە 3 كۈندىن كىيىنلا ئىچىلىدىغان 19- قۇرۇلتايدا پارتىيە دائىمىي كومىتىتى ئەزالىقىغا سايلىنىدىغان 7 ئادەم ئىلان قىلىنىدۇ. بۇ 7 ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئارقىلىق پارتىيەدە قايسى تەرەپلەر بەكرەك ئەۋزەل ئورۇنغا چىققانلىقى بىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ 7 كىشىنىڭ ئارىسىدا شى قوشۇنى كۆپ بولسا ئۇنىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش سىياسىتى ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىلىۋاتقان بولىدۇ.

يىغىن ئىچىلىشقا ئۈچ كۈن قالدى. گەرچە ھەممە ئىشلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئەزالار  پەقەت ئالدىن يىزىلغان سىنارىيەگە ئاۋاز قوشۇپ رول ئىلىپ بەرسىلا بولىدىغان يەرگە كەلگەن بولسىمۇ، پەرەز قىلىپ باقىلى.

1- لاھىيە:

3 ئادەم شى قوشۇنى، 3 ئادەم تەشكىلات، بىر ئادەم جىياڭ زىمىن تەرەپدارى.

بۇنداق بولغاندا پارتىيە ئىچىدە كۈچ تەڭپۇڭلىشىدۇ. قىرىشقا يۈزلەنگەن جىياڭ زىمىن تەرەپدارى پەقەتلا ئىككى كۈچ ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رولى ئوينايدۇ.

2- لاھىيە:

68 ياشلىق ۋاڭ چىشەن پىنسىيەگە چىقىش چىقماسلىق لاھىيەسى. ئەگەر  شى مۇشاۋۇرى ۋاڭ نىزامغا خىلاپ ھالدا پىنسىيەگە چىقماي يەتتە ئەزانىڭ بىرى بولسا، ئۇنداقتا شى جىنپىڭ ئۇتتى دىگەنلىك بولىدۇ. چۈنكى ئۇ كىلەر  يىلى 3- ئايدا مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈشنىڭ باشلىقى بولىدۇ، پۇل- مۇئامىلە سىياسىتىنى بەلگىلەيدۇ، لى كىچىياڭ ئورنىغا زۇڭلى بولىشىمۇ مۇمكىن.  بۇ شى جىنپىڭنىڭ ھاكىممۇتلەق پارتىيەدىكى ھوقۇقى ئىشىشىغا پايدىلىق.

3- لاھىيە:

رەئىسلىك ۋە دائىمىي كومىتىتلىق تۈزۈمى. بۇ دىگەنلىك رەئىس سايلىنىشتىن باشقا، مەركىزى كومتىت كىڭەيتىپ تەشكىللىنىدۇ. مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە 11 كىشىگە كىڭەيتىلگەن. خۇ جىنتاۋ تۇنجى چىققاندا 9 كىشىگە كىڭەيتىلگەن. بۇ خىل پەرەزنىڭ سەۋەبى ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيەت شۇ دەۋىردىكىگە ئوخشاپ قالغانلىقى ئۈچۈن.  بۇنداق بولغاندا شى جىنپىڭ بۈيۈك قوماندان سۈپىتىدە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. دائىمىي كومتىت بولسا پەقەت بۇيرۇق ئىجرا قىلىدۇ.

4- لاھىيە:

دائىمىي كومىتىتنى پۈتۈنلەي ھالدا شى قوشۇنى ئىگەللەيدۇ. بەلكىم ھازىرقى زۇڭلى لى كىچىياڭ تەشكىلاتقا ۋەكىل ھالدا قۇرۇق جازا سۈپىتىدە قالدۇرۇلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ لاھىيەنىڭ ئىشقا ئىشىشى ناتايىن.

5- لاھىيە:

كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىشى.  بۇ دەل نىمىشقا ھەرجەھەتتىن مۇقىملىقنى قاتتىق قوغداش يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى.

 

قاراپ باقساق، بەشلا خىل لاھىيەدە شى جىنپىڭ ئەڭ زىيان تارتقاندىمۇ 7 ئادەمنىڭ 3 كىشىلىك ئورنىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.  بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقاندىن بۇيان ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەشتىن باشقا ئىشقا ئانچە كۈچەپ كەتمىدى. ئۇنىڭ “ چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش“  ھەرىكەتلىرىمۇ ئەمەلىيەتتە دۈشمەن تازىلاش ھەرىكىتى ھىسابلىنىدۇ.  7.5 ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرغان جۇ يۇڭكاڭ دەل شۇنىڭ قۇربانى.

شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقان دەۋىردە ئىقتىسادى جەھەتتىن ئىلگىرىلەش يوق، چۈنكى ھازىرقى سىياسىي تۈزۈلمە بىلەن ئىقتىسادى تەرەققىيات ماس كەلمەيدۇ. ئىچكى جەھەتتىن جان تالىشىۋاتقان جىياڭ زىمىن تەرەپدارلىرى قالايمىقانچىلىق تىرىپ كەلدى. بىر تەرەپتىن شىنجاڭ، شىزاڭ ۋە باشقا ئىچكى ئۆلكىلەردە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش، پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىش ئارقىلىق مەسىلە تۇغدۇرىۋاتىدۇ.  شى جىنپىڭنى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى قايتا قوزغىماقچى دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق قارشىلىق كەيپىياتى شەكىللەندۈرىۋاتىدۇ.

تاشقى مۇناسىۋەت جەھەتتە بولسا جۇڭگو- ئامرىكا مۇناسىۋىتى، جۇڭگو- چاۋشىيەن مۇناسىۋىتى، جۇڭگو- ياپونىيە، جۇڭگو- ۋىتنام، جۇڭگو- ھىندىستان مەسىلىرى كىرىزىس تۇغدۇرماقتا.

بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپكەن، بىز بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ ھامان بىزگە ياخشى كۈن يوقكەنغۇ دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن.  شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسى شىنجاڭغا شۇجى بولۇپ تۇرىۋاتقان چىن چۈەنگونىڭ كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.  شىنجاڭغا باشتا شۇجى بولغان جىياڭزىمىن تەرەپدارى جاڭ چۈنشىيەن مۇخبىرلار سورىغان:“ سىز شى جىنپىڭنىڭ قايتا رەئىس بولۇشىغا قانداق قارايسىز؟ دىگەن سۇئالىغا: بۇنى كىيىن دىيىشەيلى“ دەپ مۈجمەل جاۋاب بىرىپ، ساداقىنىتى ئىنىق بىلدۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن يۆتكەپ كىتىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا بولسا ئومومىي يىغىنغا شى جىنپىڭنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئىزنەك تاقاپ كىرىپ ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈرگەن غالجىر ئىت چىن چۈەنگو سەپلەندى.  رەئىسنىڭ ئىزنىكىنى تاقاپ كىرىدىغان ئىش ماۋزىدۇڭنىڭ زامانىسىدىلا كۆرۈلگەن ئەلۋەتتە.  ھەر ئىككىسى ئىت بولسىمۇ، جاڭ ھەرھالدا چىن چۈەنگودەك غالجىر ئەمەس ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىتلىكى، ھاكىممۇتلەقلىقى كۈچەيدى دىگەنلىك چىن چۈەنگوغا ئوخشاش غالجىر ئىتلار  بىشىمىزدا ئۇزۇن مۇددەت تۇرىدۇ دىگەنلىك. ھازىر 62 ياشقا كىرگەن چىن چۈەنگو بەش يىل ۋەزىپىدە تۇرسا 67 ياشقا كىرىدۇ. پارتىيە نىزامىدا 68 ياشتا قەتئىي پىنسىيەگە چىقىدۇ. شى جىنپىڭمۇ بۇ يىل قايتا سايلىنىشى مۇقەررەر . ئۇمۇ يەنە 5 يىل ۋەزىپىدە تۇرسا ھەمدە ھاكىممۇتلەق بولالىسا ئۇيغۇرنىڭ كۈنى تېخىمۇ تەسلىشىدۇ، ۋەتىنىگە قايىتمىقى تەس بولىدۇ، ئاتا- ئانىسى بىلەن دىدارلاشمىقى تېخىمۇ مۈشكۈل بولىدۇ دىگەنلىك.  بىزگە ھازىر ياماننىڭ شۇملۇقىدىن قۇتۇلۇش تەس، ھىچ بولمىغاندا زۇلۇمنىڭ پەسىيىشىنى بولسىمۇ ئۈمىد قىلماقتىن باشقا ئامال يوق دەۋىردە شى جىنپىڭنىڭ 19- قۇرۇلتايدا ئۇتۇپ چىقالماسلىقى كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئۈچۈن بىر ئاز بولسىمۇ تېنىق ئىلىۋىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بولىشى مۇمكىن.

 

 

 

 

 

Share
1104 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.