logo

trugen jacn

يېزىلاردىكى 4387 ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىدە 8–ئايدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش تاماملىنىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاش سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلىرىدا يەسلى يېشىغا توشقان، يەسلىدە ئوقۇشقا تېگىشلىك بالا 1 مىليون 128 مىڭ 900 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يەسلى يېشىغا توشقان بالا 769 مىڭ 400 ئىكەن. بۇ يىل چاغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلىرىدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ ‹‹1 – نومۇرلۇق قۇرۇلۇش›› ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، جايلاردا پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاپتونوم رايون يېزىلاردىكى پىلانلىنىپ بولغان ‹‹قوش تىل›› يەسلىلىرىنىڭ ‹‹سېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق سېلىش››، يېزىلاردا بۇ يىل يېڭىدىن ياكى كېڭەيتىپ سېلىنغان 4387 ‹‹قوش تىل›› يەسلىسىنى 8 – ئايدا ئومۇميۈزلۈك پۈتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دەرسخانا بولۇش، ئوقۇتقۇچى بولۇش، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى بولۇشنى، شۇنىڭدەك ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

 ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئىزچىل ھالدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت بولۇپ كەلدى.  2020 – يىلىغا بارغاندا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلىشىگە ۋە ئىشلىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئالدىن يولغا قويۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئالدىن يولغا قويۇش، <قوش تىل> مائارىپىنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئامما ئارىسىدا ئالدىن يولغا قويۇش››نى قارار قىلىپ، يېزىلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ھەقسىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى يولغا قويۇشنى مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى ‹‹1 – نومۇرلۇق قۇرۇلۇش›› قىلىپ بېكىتتى.  مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان 3000 كادىرنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تولۇقلاشقا ئەۋەتىپ، ئالاھىدە ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى.

 بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايون بۇ يىل ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاش ۋە مائارىپقا ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 12 مىڭ كىشىلىك يەرلىك ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىنى يولغا قويىدۇ، يېڭىدىن 3000 مەمۇر قوبۇل قىلىپ، شىمالىي شىنجاڭدىن يېڭىدىن 2000 ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، بىڭتۈەندىن 2000 كادىرنى ئاجرىتىپ، ئۇلارنى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى يەسلىلەرگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىدۇ.

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى

http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-07/06/content_607376.htm?lang=uy

Share
1462 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.