logo

trugen jacn

يۇرتىغا قايتقان دوكتور ئاسپىرانتى گۈلگىنە تاشمەمەت غۇلجىدا لاگېرغا قامالغان

گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان گۈلزىرە خانىمنىڭ سۆزلەپ بېرىشىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ مالايشىيا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى يېڭى پۈتتۈرگەن سىڭلىسى گۈلگىنە، 2017-يىلى 26-دېكابىر مالايشىيانىڭ كۇۋالامپۇر شەھىرىدىن ئايروپىلاندا بىلەن خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇ يەردىن-ئۈرۈمچى-غۇلجا ئارىسىدا قاتنايدىغان ئايروپىلان بىلەن، ئۆيىگە تەتىل قىلىش ئۈچۈن قايتقان. ئەمما، بۇ يىل فېۋرالغىچە مالايشىياغا قايتىپ كېلىپ، 2018-يىللىق دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىشى كېرەك بولغان گۈلگىنەدىن 6 ئايغىچە خەۋەر يوق ئىكەن.

گۈلگىنەنىڭ يۇرتىغا قايتىشى ئۆتكەن يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، چەتئەللەرگە چىقىپ قايتىپ كەلگەنلەر نۇقتىلىق «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان مەزگىللەرگە توغرا كەلگەن ئىدى. گۈلزىرە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، گۈلگىنە قايتىپ بارسا ئۆزىنىڭمۇ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى پەملىگەن. ئەمما ئۇ يەنىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئەندىشە قىلغانلىقى، شۇنداقلا يەنە بىر تەرەپتىن لاگېرغا ئېلىپ كەتسىمۇ بىر قانچە ئايدا چىقىمەنغۇ، مالايشىيادىكى مەكتىپىم سۈرۈشتە قىلىپ قايتۇرۇپ كېلىدۇ، دەپ ئىشىنىپ، ئۆيىگە قايتىپ كېتىشكە تەۋەككۈل قىلغان.

گۈلزىرەنىڭ دېيىشىچە، گۈلگىنە ۋەتەنگە يول ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئۆزى بىلەن، ساق سالامەت غۇلجىغا يېتىپ بېرىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە سالامەت تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئۈندىداردا باش سۈرىتىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق خەۋەر بېرىشكە ۋەدىلەشكەن. دېيىشىۋالغىنى بويىچە گۈلگىنە ئۆيگە قايتىپ، 2-3 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۈندىدار باش سۈرىتىنى ئاپىسى ئىككىسى تەڭ چۈشكەن سۈرەتكە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھەدىسىگە ئۆزىنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھالا ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندە سىڭلىسى ئۈندىداردىكى باش سۈرىتىنى قاراڭغۇ ئۆيدە تامغا يۆلەنگەن ھالدا يېرىم گەۋدىسى تارتىلغان غۇۋا سۈرەتكە ئالماشتۇرغان.

گۈلزىرە بۇ سۈرەتنى كۆرۈپ تەشۋىشلەنگەن بولسىمۇ، ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن يەنە خەۋەر كۈتۈپ ساقلاپ باققان، 2018-يىلىمۇ كىرگەن، ئەمما سىڭلىسىنىڭ ئۈندىداردىكى باش سۈرىتى ئۆزگەرمىگەن. بۇ چاغدا گۈلزىرە ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. سىڭلىسىنىڭ مەكتەپكە قايتمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، غۇلجىدىكى تونۇش-بىلىشلىرى ئارقىلىق سۈرۈشتە قىلىشقا تىرىشقان. ئاخىرى ئۇ سىڭلىسىنىڭ «قايتا تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، قاچان چىقىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن، رادىيومىزغا ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا سىڭلىسى گۈلگىنە تاشمەمەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرغا سولانغانلىقىنى خەۋەر قىلىشنى توغرا تاپقان. ھازىر ئۇ بىر تەرەپتىن سىڭلىسى گۈلزىرەنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن، گۈلگىنەنىڭ مالايشىيا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسورى ھەم ساۋاقداشلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئۇلارغا خەت يېزىپ ۋە ئىمزا توپلاپ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىغىمۇ يوللىغان. نۆۋەتتە ئۇلارمۇ جاۋاب كۈتمەكتە ئىكەن.

1987-يىلى 17-سېنتەبىر تۇغۇلغان گۈلگىنە، 2010-يىلى غۇلجىدىن مالايشىياغا ئوقۇشقا چىققاندىن بۇيان، مالايشىيا تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىرىشىپ ئوقۇپ تولۇق كۇرس ۋە ئاسپىرانتلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، بۇ يىل ئۇنىڭ يەنە دوكتورلۇق ئوقۇش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا « تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى يىغىۋلىش لاگېرلىرى كېڭەيتىپ، چەتئەللەرگە چىقىپ كىرگەن ۋە چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بار ئۇيغۇرلارنىمۇ شۇ خىل لاگېرلارغا نۇقتىلىق سولىماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مالايشىيامۇ خىتاينىڭ بېرىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار چوقۇم تەكشۈرۈلىدىغان مۇسۇلمان ئەللىرى ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى قاتارىدىكى سەزگۈر دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، يېقىندىن بۇيان خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىنمۇ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە كەم دېگەندە بىر مىليونچە ئۇيغۇرنىڭ قانۇنسىز ھالدا بۇ خىل لاگېرلارغا سولانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ پەقەتلا چەتئەلدە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈنلا لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/ghayib-uyghur-05232018171434.html

Share
1664 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.