logo

trugen jacn

يوپۇرغا ساقچىسى: گۈلنار ئەمەتنى 11 ئايدىن بۇيان تەربىيىلەۋاتىمىز، مۇددىتى ئاچىسى تۈركىيەدىن قايتىپ كەلگۈچە

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىز بۈگۈن يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى ساقچى خادىملىرىغا قارىتا تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا، ناھىيىلىك تەربىيىلەش مەركىزىدە 11 ئايدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 19 ياشلىق تۇتقۇن گۈلنار ئەمەتنىڭ تۈركىيەدىكى ئاچىسى دىلبەر ئەمەت سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، گۈلنار ئەمەت ئىككى يىل بۇرۇن تۈركىيەگە چىقىپ كەتكەن ئاچىسى دىلبەر ئەمەت بىلەن تېلېفوندا 3 قېتىم سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپ ۋە كويزا سېلىنىپ تۇتۇپ كېتىلگەن. ساقچىلار گۈلنارنى تۇتقان كۈنى دادىسى ئەمەت كىچىككە ، گۈلنارنىڭ ئاچىسى تۈركىيەدىن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋالى بىرقانچە يىلدىن بېرى يۈز بەرمەكتە. ئەمما، دائىرىلەر تۇتۇش سەۋەبىنىڭ تۇتقۇننىڭ چەتئەلدىكى تۇغقىنى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى گۆرۈگە ئېلىش باندىتلىقى دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە . تۆۋەندىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يوپۇرغىنىڭ سىيەك يېزىسىدىكى ساقچىلار، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر دىلبەر ئەمەتنى قايتۇرۇپ ئەكىلىش ئۈچۈن سىڭلىسى گۈلنار ئەمەتنى تۇتقۇن قىلغان.  گۈلنار ئەمەتنى بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈپ ئېلىپ ماڭغان ساقچىلار، ئۇنىڭ دادىسىغا، گۈلنارنىڭ تۈركىيەدىكى ئاچىسىنى قايتىپ كېلىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە ئۇنداق قىلمايدىكەن، ئائىلە بويىچە قامىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

يېقىنقى ئايلاردىن بېرى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل گۆرۈگە ئېلىش جازاسى، يالغۇز سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەنلا چەكلەنمىگەن؛ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ھەتتا ھېچقانداق تەشكىلىي پائالىيەتلەرگە ئارىلاشمىغان، پەقەت تىرىكچىلىك كويىدا ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەن مۇھاجىرلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىمۇ بۇ جازانىڭ سىرتىدا قالمىغان. مەلۇم بولۇشىچە دىلبەر ئەمەت، توي قىلماقچى بولغان يىگىتى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈنلا تۈركىيەگە كەلگەن.

بىز دىلبەر ۋە يىگىتىنىڭ تۈركىيەدە نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇللۇقىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. ئېنىقلاشلىرىمىزدىن ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئاكتىپ ياكى كۆزگە چېلىققان كىشىلەردىن ئەمەسلىكى مەلۇم. ئەمما يوپۇرغا ساقچىلىرى ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكى پەرىزىدە.

مەلۇم بولۇشىچە، گۈلنار ئەمەت، ئىككى يىل بۇرۇن تۈركىيەگە چىقىپ كەتكەن ئاچىسى بىلەن 3 قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشكەن، تېلېفوندا سىياسىي مەزمۇن ياكى خىتاي دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىت سۆزلەرمۇ بولمىغان. شۇنداقتىمۇ، گۈلنار ئەمەت بىر ئاي قاماقتا ياتقاندىن كېيىن، يوپۇرغا ناھىيىلىك تەربىيىلەش مەركىزىگە يۆتكەلگەن. 11 ئايدىن بېرى ئاتالمىش سىياسىي قانۇن تەربىيىسى ئېلىۋاتقان گۈلنار ئەمەت، تېخىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.

يوپۇرغىدىكى دائىرىلەر گۈلنار ئەمەتنى تۇتۇپ تۇرۇشتا يەنىلا ئۇنىڭ ئاچىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋاتامدۇ ياكى رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈۋاتامدۇ؟ بۇ، ھازىرچە مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/gulnar-emet-tutuqta-07282017200825.html

Share
1490 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.