logo

trugen jacn

يالغۇز ئادەم

225px-Nietzsche187a

فرېدرىخ نىچشې(گېرمانىيە)



1. ھەقىقەتنىڭ  دۈشمىنى: ئېتىقاد بولسا ھەقىقەتنىڭ يالغانچىلىقتىنمۇ كۈچلۈكرەك بولغان دۈشمىنى.
2. تەتۈر جاھان: ئادەتتە ئاللىقانداق بىر مۇتەپەككۇرنىڭ ئىدىيىسى ئۆزىمىزنىڭكىگە ئوخشىماي قالغان چاغدا بىز ئۇنى ئەيىبلەپ كېتىمىز؛ بىراق، ئۇنىڭ ئىدىيىسى  ئۆزىمىزنىڭكىگە ئوخشاپ قالغان چاغدا ئاندىن ئۇنى ئەيىبلىسەك تېخىمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن بولار ئىدى.
3. خاسلىقى بار ئادەم: بىر ئادەمنىڭ پىرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرۈشى ئەمەس، بەلكى ئۆز مىجەزى بويىچە ئىش كۆرۈشى  ئۇ ئادەمنى ئۆزىگە خاس خاراكتېرگە ئىگىدەك قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
4. زۆرۈرىيەت: بىر ئادەمدە تۆۋەندىكى ئىككىسىنىڭ بىرى بولمىسا بولمايدۇ : يا بولمىسا تۇغما مۇلايىم مىجەز، يا بولمىسا سەنئەت ۋە پاراسەت تەرىپىدىن مۇلايىملاشتۇرۇلغان مىجەز.
5 . نەرسىلەرگە بولغان قىزغىنلىق: ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقىنى ئىلىم-پەن، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشى، مەرىپەتچىلىك، سەنئەت قاتارلىق  نەرسىلەرگە بېغىشلىغان ئادەمدە باشقا ئادەملەرگە نىسبەتەن تۈزۈك قىزغىنلىق قالمايدۇ، ھەتتا بىز دەۋاتقان باشقا ئادەملەر دەل ئاشۇ نەرسىلەرنى نامايان قىلىپ بىرىدىغان ئالىم، سىياسىئون، پەيلاسوپ ۋە سەنئەتكار بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
6. ھەرىكەتتىكى سالماقلىق: خۇددى شارقىراتمىنىڭ سۈيى پەسكە چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن بارا-بارا ئاستىلاپ، كېڭىيىپ تىنچ ئاققانغا ئوخشاش، ئۇلۇغ زاتلارمۇ ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ھاياجاننى بېسىپ تۇرۇپ سالماق ھەرىكەت قىلىدۇ.

7. تىيىز: بىر نەرسىنى شۇ نەرسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلىقىغىچە چۈشەنگەن ئادەم  ئۇ نەرسىگە داۋاملىق ساداقەت كۆرسىتەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ نەرسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى يورۇقلۇققا ئېلىپ چىقىلغان ھامان، ئۇنىڭدىكى رەزىل تەرەپلەرمۇ بىللىلا يورۇقلۇققا چىقىدۇ .
8. ئىدىئالىزىمچىلارنىڭ خام خىيالى: بارلىق ئىدىئالىزىمچىلار ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدىن خېلىلا ئۇلۇغۋار دەپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ؛ بىراق ، ئۇلار ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشنى روناق تاپقۇزىمەن دەيدىكەن چوقۇم باشقا كەسىپلەرگە لازىم بولىدىغان سېسىق گەندە-سۈيدۈكلەرگە ئۆزىنىڭمۇ ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى خالىمايدۇ .
9. ئۆزىنى بىلىش: ئادەمدە ئۆز ئۆزىگە قىلىنىدىغان ھۇجۇمىغا قارىتا ئىنتايىن مۇستەھكەم بىر مۇداپىئە قورغىنى بولىدۇ، ئادەتتە ئۇ پەقەت بۇ قورغاننىڭ سىرتقى يۈزىنىلا كۆرەلەيدۇ؛ دوستلىرى ياكى دۈشمەنلىرى قورغان ئىچىدىكى خائىنغا ئايلىنىپ ئۇنى مەخپىي يول بىلەن ھەقىقىي قورغانغا باشلاپ بارمىسا، ئۇ بۇ ھەقىقىي قورغاننى مەڭگۈ بايقىيالمايدۇ.   
10. مۇۋاپىق  كەسىپ: ئەگەردە كىشىلەر ئۆزى قىلىۋاتقان كەسىپنىڭ باشقا كەسىپلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىمراق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمىسە، ئۇ ھالدا ئۇ بۇ كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ؛ ئاياللار ئۆزىنىڭ سۆيگىنىگە قارىتامۇ مۇشۇنداق ئويدا .
11.ئالىيجاناپ روھ: ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا، ئالىيجاپ بولغان روھىيەت ياخشى تەبئىيەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا باشقىلارغا بولغان گۇمانخورلۇق ۋە ئىشەنمەسلىك يوق ياكى ئاز بولىدۇ؛ دەل مۇشۇ سەۋەبتىن،  نەپسانىيەتچىلىك بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھاكاۋۇر كىشىلەر ئالىيجاناپ  روھنى پەس كۆرىدۇ .
12. نىشان ۋە يول: نۇرغۇن كىشىلەر يولغا چىققاندىن كىيىن شۇ يولدا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرىۋالىدۇ، ئەمما ئۆز نىشانىدا ئۇنچىلىك چىڭ تۇرالمايدۇ.
13. شەخسىي  ھاياتنىڭ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان يېرى: ئۆزىگە خاس شەخسىي ئۆلچەم بويىچە ياشىغان ھەر قانداق كىشى دائىم باشقىلارنى قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئادەتتىن تاشقىرى تەلىپى ۋە مۇئامىلىسى سەۋەبىدىن، باشقىلار ئۆزىنى بەكلا ئادەتتىكى ئادەمدەك ھېس قىلىپ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.
14. ئۇلۇغلۇقنىڭ ئىمتىيازى: ئۇلۇغ كىشىلەر ئەڭ ئەرزىمەس سوۋغاتتىنمۇ چەكسىز خۇشاللىق تاپالايدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئىمتىيازى .
15: بىلىپ-بىلمەي ئېسىل بولۇپ قىلىش: ئەگەردە بىر كىشى ھە دېسىلا باشقىلاردىن بىر  نەرسە ئۈندۈرۈۋېلىشقا ئەمەس بەلكى باشقىلارغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا كۆنۈپ قالغان بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ كىشى ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەي ئېسىل بولۇپ قالىدۇ .
16.قەھرىمان بولۇشنىڭ شەرتى:  ئەگەردە بىر كىشى قەھرىمان بولىمەن دەيدىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھازىرقى رەقىبى بولمىش يىلان ئاۋال ئەجدەرھاغا ئايلىنىشى كېرەك؛ ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇنى قەھرىمان قىلىدىغانغا تۈزۈكرەك رەقىب كەمچىل بولۇپ قالىدۇ .
17. دوستلۇق: بەھىرلىنىلگەن ھېسداشلىق ۋە ئېچىنىش ئەمەس، بەلكى بەھىرلىنىلگەن خۇشاللىقلا دوستلارنى دوست قىلىدۇ .
18. كۆتۈرۈلگەن ۋە پەسەيگەن دولقۇندىن پايدىلىنىش: ھەقىقىي ئىلىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا كۆتۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئۇلارنى مەلۇم بىر نەرسىگە باشلىغان دولقۇندىن پايدىلىنىشنى بىلىشى كېرەك ؛ ئوخشاشلا، مەلۇم بىر باسقۇچقا كەلگەندە پەسىيىپ ئۇلارنى شۇ نەرسىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان دولقۇندىن پايدىلىنىشنىمۇ بىلىشى كېرەك.
19 .ئۆز-ئۆزىدىن خۇشاللىق تېپىش: كىشىلەر «كەسپىڭدىن خۇشاللىق تاپ » دېيىشىدۇ. بىراق ھەقىقەت بولسا «كەسىپنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئۆز-ئۆزىدىن خۇشاللىق تېپىش.»
20. كەمتەر ئادەم: باشقا كىشىلەرگە كەمتەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم ، ھامىنى باشقا نەرسىلەر (دۆلەت ، جەمئىيەت ، ئىنسانىيەت ياكى دەۋر) گە تەكەببۇرلۇق بىلەن قارايدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ ئۆچ ئېلىشى.
21.  ھەسەتخورلۇق: ھەسەتخورلۇق بولسا ئىنسان روھىنىڭ ئەۋرىتى. بۇنداق ئوخشىتىشنى يەنىمۇ بەكرەك « ئوخشىتىش » مۇمكىن .
22. بىزارلىق: بىزارلىق بولسا بەدەندىكى بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، بىزنى بىزار قىلغان نەرسىنى مەنبەسىدىن يوق قىلغان تەقدىردىمۇ، بىزارلىقنىڭ ئۆزى شۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەيدۇ.
23 .ئەڭ ياخشى نىقابلانغان ساختىپەزلىك: ئۆزى توغرىسىدا زىنھار سۆز ئاچماسلىق بولسا ناھايىتىمۇ ياخشى نىقابلانغان ساختىپەزلىك  .
24.ھەقىقەتنىڭ ۋەكىلى: ھەقىقەتنى سۆزلەش خەتەرلىك بولغان چاغدا ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت تېتىقسىزلىشىپ مەززىسى قالمىغان چاغدا، ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسىنى تېپىش ئەڭ  تەسكە توختايدۇ.
25. دۈشمەنگە يولۇققاندىنمۇ بەكرەك ئاۋارىگەرچىلىك: مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تايىنى يوق كىشىلەر «ھە» دەپ قويسا بىزنىڭ «ھۇ» دەپ ئەگىشىشىمىزگە توغرا كەلگەندە، ئۇلار بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى دۈشمەندىنمۇ بەكرەك قىينايدۇ.
26. تەبىئەت قوينىدا: بىز كەڭ تەبىئەتنىڭ قوينىغا كېرىپ كېتىشنى بەكمۇ خالايمىز . چۈنكى بىز توغرىسىدا تەبىئەتنىڭ ھېچقانداق كۆز قارىشى يوق.
27 .ھەر بىر ئادەم بىر نەرسىدە باشقىلاردىن ئۈستۈن: مەدەنىي جەمئىيەتتە، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنى كەم دېگەندە بىر ساھەدە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ؛ مۇشۇنىڭ ئۆزى بارلىق ياخشى نىيەت ۋە ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ ئاساسى. شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇ خىجىلچىلىق ھېس قىلمايدۇ؛ چۈنكى مەلۇم بىر خىل ئەھۋالدا ئۇمۇ باشقىلارغا ياردەمدە بولالىشى مۇمكىن.
28.  تەسەللىگە مۇھتاج بولۇشنىڭ سەۋەبى: بىرەر يېقىنىمىز ئالەمدىن ئۆتكەندە، بىز ھە دېگەندىلا باشقىلارنىڭ تەسەللىسىگە مۇھتاج بولىمىز؛ تەسەللىگە مۇھتاج بولۇشىمىز قايغۇ-ھەسرىتىمىزنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قايغۇ-ھەسرىتىمىزنىڭ شۇنچىۋالا ئاسان ۋە تېز يەڭگىللەپ قالغانلىقىغا بىر ئاساس تېپىش ئۈچۈن .
29.ئۆز  ئەقىدىسىگە ساداقەتمەن بولۇش: نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئادەم، ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتمەي دېگۈدەك ياشايدۇ ؛ مەلۇم   بىر ئىددىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھەر قانداق ئادەممۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئۇ ئەزەلدىن شۇ ئىدىيەنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرمەيدۇ، ئۇنداق قىلىدىغانغا ئۇنىڭ چولىسى يوق. دەرۋەقە، ھەتتا شۇ ئىدىيەنى مۇھاكىمە قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلىشقىمۇ ئۇنىڭ قىزىقىشى يوق .
30. ئەخلاق ۋە مىقدار: بىر ئادەمنى باشقا بىر ئادەمگە قارىغاندا ئەخلاقلىق  دېيىش پەقەتلا ئۇنىڭ مەقسەت نىشانىنىڭ مىقدار جەھەتتىكى بەكرەك چوڭلۇقىغا قارىتىلغان . ھېلىقى «باشقا بىر ئادەم » ئۆزىنى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارغا گول قىلىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈنلا تۆۋەن كۆرۈلىدۇ.
31. ھاياتلىقنىڭ مەھسۇلاتى بولغان ھايات: بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئىلمىنى قانچىلىك دەرىجىدە بېيىتىپ، قانچىلىك دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتۇرمىسۇن، مەيلى ئۇ ئۆزىچە ئۆزىنىڭ پاراسىتىنى قانچىلىك دەرىجىدە ئوبىيېكتىپ ھېس قىلمىسۇن، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەتلا ئۆزىنىڭ تەرجىمھالىدىن ئىبارەت .
32. پولاتتەك مۇقەررەر ھەقىقەت: تارىختىن قارىغاندا، ئىنسانلار ئاتالمىش «پولاتتەك مۇقەررەر ھەقىقەت » نىڭ پولاتمۇ ئەمەس، مۇقەررەرمۇ ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتتى .
33. باشتىن ئۆتكەن تەجرىبە: بىر نەرسىنىڭ «ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس»لىكى ئۇنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنىڭ ئىسپاتى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ بىر شەرتى.
34.ھەقىقەت: بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە كۈنلەردە ھېچكىم «جانغا زامىن ھەقىقەت» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ قالمايدۇ، چۈنكى زەھەر قايتۇرغۇچ دېگەن جىق.
35. ئەڭ ئەقەللىي كۆزىتىش: ھەقىقەتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ بەخىت سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارىسىدا ھېچقانداق ئالدىن بېكىتىلگەن مۇقەررەر ماسلىشىشچانلىق يوق .
36. ئىنساننىڭ قىسمىتى: چوڭقۇرراق ئويلانغانلىكى ئادەم شۇنى بىلىپ يىتىدۇكى، مەيلى چىقارغان ھۆكۈمدە ياكى قىلغان ئىشىدا بولسۇن، ئۇ ھەر ۋاقىت خاتا .
37. سېھرىگەر ھەقىقەت: بىر چاغلاردا خاتالىق ھايۋانلارنى ئىنسانلارغا ئايلاندۇرغان ئىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقەت ئىنسانلارنى قايتىدىن ھايۋانغا ئايلاندۇرۋېتەلەرمۇ؟
38. مەدەنىيىتىمىزنىڭ خەتىرى: مەدەنىيەتنى مەدەنىيەت يولى بىلەن ۋەيران قىلىدىغان بىر زاماندا ياشاۋاتىمىز.
39. ئۇلۇغلۇق دېمەك يول كۆرسىتىش دىمەكتۇر: ھەر قانداق دەريا ئېقىنى پەقەت ئۆزىگىلا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن تارماق ئېقىنلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ ئالغا قاراپ ئېقىشقا تايىنىپ ئاندىن ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك بولىدۇ. ئۇلۇغ روھلارمۇ مۇشۇنداق. مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى؛ شۇنىڭدىن كېيىن باشقا روھلار مۇشۇ يولغا قاراپ قوشۇلۇپ ماڭىدۇ. ئۇ روھلارنىڭ تۇغما تالانتى بارمۇ-يوق، بۇ مۇھىم ئەمەس .
40. زەئىپلەشكەن ۋىجدان: ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقى توغرىسىدا بولۇشىچە گەپ سېتىپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى ئېلىم-بېرىم ئىشلىرىدىكى ۋەدىسىدە تۇرۇش ۋە كېلىشمگە رىئايە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ۋىجدانى تولىمۇ زەئىپ كېلىدۇ .
41. سۆيۈلۈشنى خالاش: باشقىلاردىن ئۆزىنى سۆيۈشنى تەلەپ قىلىش ئۇچىغا چىققان تەكەببۇرلۇق.
42. باشقىلارنى مەنسىتمەسلىك: بىر بولسا ئۆز مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەممە كىشىگە كەڭ قورساقلىق قىلىش، بىر بولسا زادىلا كەڭ قورساقلىق قىلماسلىق باشقىلارنى پەس كۆرۈشنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى.
43. جىدەلخورنىڭ شاگىرتى: كىشىلەرنى ئۆز-ئۆزىدىن غەزەپلەندۈرۈپ ئۆز-ئۆزىگە ئۆچ قىلىۋېتىدىغان ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ كەينىدىن دائىم بىر توپ كىشىلەر ئەگىشىپ يۈرىدۇ.
44. ئۇنتۇغاقلىق: تەپەككۇرغا ھېرىسمەن كىشىلەر ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى ئاسانلا ئۇنتۇپ قالىدۇ، بىراق شۇ ئىشلار پەيدا قىلغان تەپەككۇرنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
45. بىر پىكىردە چىڭ تۇرۇش: بىر بولسا شۇ ئىدىيەنى ئۆزى ئويلاپ چىققانلىقتىن ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن، بىر بولسا شۇ ئىددىيەنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئاران دېگەندە چۈشىنىۋالغانلىقى ئۈچۈنلا، كىشىلەر شۇ ئىدىيەگە رودۇپايدەك چاپلىشىدۇ ؛ شۇنداق قىلىپ، مەلۇم خىل ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇش پەقەت ۋە پەقەت شۆھرەتپەرەسلىكتىنلا ئىبارەت خالاس.
46. يورۇقلۇقتىن قېچىش: ياخشىلىق قىلغانلار بىلەن يامانلىق قىلغانلار ئوخشاشلا ئالاقىزادىلىك ئىچىدە يورۇقلۇقتىن قاچىدۇ: يامانلىق قىلغانلار يامانلىقىنىڭ ئاشكارىلانغاندىن كېيىن جازالىنىپ ئازاپ-ئوقۇبەت تارتىشىدىن قورقىدۇ؛ ياخشىلىق قىلغانلار بولسا ياخشىلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ياخشىلىق قىلىشتىن تاپقان خۇشاللىقىنىڭ شۇنىڭلىق بىلەن تۈگىشىدىن ئەنسىرەيدۇ . چۈنكى  ياخشىلىقنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن كەلگەن شۆھرەتپەرەسلىك بىلەن ياخشىلىق قىلىشتىن كەلگەن خۇشاللىق بىر بىرى بىلەن ئەسلا پېتىشمايدۇ.
47. بىر كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى: ئەگەردە بىر ئادەمنىڭ سىغدۇرۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىش-كۈشلىرى بار بولسا، ئۇنداقتا بىر كۈننىڭمۇ يۈزلىگەن يانچۇقى بار، ھەممىنى سىغدۇرىۋېتەلەيدۇ.
48. تالانتلىق زالىم: ئەگەر روھ بىر خىل ياۋايى ئارزۇ ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە توختىماستىن ئۆزىنى زالىملىققا ئۈندىسە ھەمدە بۇ خىل ئوتتەك قىزغىنلىق داۋاملاشسا، ئۇنداقتا، سەنئەت ۋە سىياسەتتىكى ئانچىكىم تالانتلىقلارمۇ ئاخىرىغا كېلىپ توسالغۇسىز بىر تەبئىي كۈچكە ئايلىنىدۇ.
49. دۈشمەننىڭ ھاياتى: دۈشمەن بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈنلا ياشايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دۈشمەننىڭ ھايات تۇرۇشى ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق.
50. تېخىمۇ مۇھىم: چۈشەندۈرۈلۈشكە ئامالسىز، مۈجمەل مەسىلىلەر چۈشەندۈرۈلگەن، ئېنىق مەسىلىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارىلىدۇ.
51 . مۇلازىمەتنى باھالاش: باشقىلار تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنى بىزگە قانچىلىق قىممىتى بارلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى شۇ مۇلازىمەتكە ئۇلارنىڭ قانچىلىك باھا چاپلىغانلىقى بىلەن باھالايدىكەنمىز.
52. بەخىتسىزلىك: بەخىتسىزلىكنى شۇ قەدەر شەرەپلىك ھېس قىلىمىزكى، خۇددى بەخت ۋە خۇشاللىق بولسا يۈزەكىيلىك، ئىرادىسىزلىك ۋە پەسكەشلىكنىڭ ئالامىتىدەك، بىرەرسى بىزگە «سىز نېمىدىگەن بەخىتلىك » دېگەن ھامان رەددىيە بېرىپ كېتىمىز.
53. قورقۇنچنىڭ خىيالى ئوبرازى: بىر ئادەم ھاسىراپ-ھۆمۈدىگەن ھالدا چىداشلىق بېرەلمەي دەپ قالغاندا، زەھەرخەندە ئادەمسىمان جىنلار ئۇنىڭ ئۆشنىسىگە مىنىۋالدى.
54. كىشىنى بىزار قىلىدىغان رەقىبنىڭ قىممىتى: بەزىدە بىزنىڭ مەلۇم بىر ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇشىمىزنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى شۇكى ، مۇشۇ ئىدىيىنىڭ رەقىبى بىزنى ئاجايىپ بىزار قىلىدۇ .
55. كەسىپنىڭ پايدىسى: بىر خىل كەسىپ بىزنى ھېچنىمىنى ئويلىماس قىلىۋېتىدۇ، مانا بۇ ئۇنىڭ ئەڭ زور پايدىسى. چۈنكى كەسىپ دېگەن بىر قورغان بولۇپ، دۇنيانىڭ تەشۋىش ۋە غەم ئەندىشىسى دېگەنلەر بىزگە ھۇجۇم قىلغاندا، بىز شۇ قورغاننىڭ كەينىگە چىكىنەلەيمىز .
56.تالانت: بەزى كىشىلەر ئۆزىگە بەك چوڭ نىشانلارنى بېكىتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تالانتى ئەمەلىيەتتە بار بولغىنىدىن كىچىكرەك كۆرۈنىدۇ .
57.ياشلىق: ياشلىقتىكى چاغلار كىشىنى يىرگەندۈرىدۇ. چۈنكى ئۇ چاغلاردا بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىش  مۇمكىن بولمايلا قالماستىن، ئەقىلغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس.
58. بەك ئۇلۇغ نىشان: جامائەت ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانى بارلىقىنى جاكارلىۋەتكەن ئادەم، كېيىن ئۆزى يالغۇز قالغاندا بۇ نىشانغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، بىراق ئۇنىڭدا بۇ نىشاننى ئوچۇق ئاشكارە قايتۇرۇۋالىدىغان جاسارەت بولمىغانلىقتىن، مۇقەررەر يوسۇندا بىر ساختىپەزگە ئايلىنىدۇ.
59. ئېقىندا: كۈچلۈك ئېقىن نۇرغۇن تاش-شېغىللارنى ۋە شاخ-شۇمبىلارنى ئېقىتىپ ماڭىدۇ؛ بۈيۈك روھلارمۇ نۇرغۇن ھاماقەت ۋە خۇنۈك روھلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.
60. ئىدىيە ئەركىنلىكىنىڭ خەتىرى: ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى ئەركىن قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرماشسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھېس-ھاياجانلىرى ۋە ھەۋەس-خاھىشلىرىمۇ بۇ خىل ئەركىنلىكتىن مەنپەئەتلىنىشنى مەخپىي ئۈمىد قىلىدۇ.
61. روھنىڭ كۆرۈنۈشى: ئەگەر بىراۋ تەپەككۇرغا ھېرىسمەن بولسا، ئۇنىڭ چىرايىلا ئەمەس، بەدىنىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.
62. ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچار: كۆرۈش قۇۋۋىتى ناچار كىشىلەرنىڭ كۆرىدىغىنى ھامان باشقىلارنىڭكىدىن ئاز بولىدۇ؛ ئاڭلاش قۇۋۋىتى ناچار كىشىلەرنىڭ ئاڭلايدىغىنى ھامان باشقىلارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ.
63. شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ خۇشاللىقى: شۆھرەتپەرەس كىشىلەر باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ھېس قىلىشنىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇ باشقىلارنىمۇ، ئۆزىنىمۇ ئالداشتىن يانمايدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق قارىشىغا ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ قارىشىغا ئۆزىنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.
64. باشقىچە شۆھرەتپەرەسلىك: ئۆزىنى چوڭ چاغلايدىغان كىشىلەر ئاغرىپ قالغاندا تېخىمۇ شۆھرەتپەرەس بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇ سىرتقى دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان باھاسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كېسەل جەريانىدا يوقىتىپ قويغانلىرىنى تولۇقلىماقچى بولىدۇ.
65. پاراسەتلىك ئادەم: پاراسەت ئىزدەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ پاراسىتى يوق.
66. تەشەككۈرنىڭ ئارغامچىسى: شۇنداق قۇل روھلارمۇ باركى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياردىمىنى ئۆمۈر بويى ئۇنتۇيالماي، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنى تەشەككۈرنىڭ ئارغامچىسى بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرىدۇ.
67. بىشارەتچىلىك ھۈنىرى: ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدىن ئالدىن بىشارەت بېرىش ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى «ئوڭۇشسىز شارائىتتىن قۇتۇلۇش يولىدا ئىمكانقەدەر ئاز زېھنىنى سەرپ قىلىدۇ» دەپ پەرەز قىلىشىمىز كېرەك.
68. بىردىنبىر ئىنسانىي ھوقۇق: ئەنئەنىدىن چەتنىگەن كىشى ئەنئەنە داھىيلىرىغا ئاتالغان نەزىر-چىراغدىكى قۇربانلىققا ئايلىنىدۇ؛ ئەنئەنىدە چىڭ تۇرغان كىشى ئەنئەنىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ ھەر ئىككىلىسى ھالاكەتكە باشلايدۇ.
69. ھايۋاندىنمۇ پەس: بىر ئادەم ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ كۈلگەن چېغىدا، ئۇنىڭ قوپاللىقى بارلىق ھايۋانلارنى بېسىپ چۈشىدۇ.
70.يۈزەكى بىلىم: مەلۇم خىل چەتئەل تىلىنى ئازراقلا سۆزلىيەلەيدىغان ئادەمنىڭ بۇنىڭدىن تاپىدىغان خۇشاللىقى بۇ خىل تىلنى تولۇق سۆزلىيەلەيدىغان ئادەمنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ بىلىشى يۈزە بولغانسىرى بىلىشتىن شۇنچە شادلىنىدۇ.
71.خەتەرلىك ياردەم: شۇنداق ئادەملەرمۇ باركى، باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈنلا ئۇلار كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرىۋېتىدۇ. خرىستىيان مۇرتلىرى بۇنىڭ مىسالى.
72. تىرىشچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق:  تىرىشچانلىق بىلەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىر-بىرىگە دۈشمەن. تىرىشچانلىق پىشمىغان مېۋىنى ئۈزىمەن دەپ تۇرۇۋالىدۇ، مەسئۇلىيەتچانلىق بولسا مېۋە شېخىدا تۇرىۋېرىپ سېسىپ كەتكۈچە ئۇنى ئۈزمەيدۇ.
73. گۇمان: ئۆزىمىز سىغدۇرۇشنى خالىمىغان ئادەملەردىن گۇمانلىنىپ باقىمىز.
74. پۇرسەت يوق: بەزى كىشىلەر ئۆزى ئۈمىد قىلغان يوسۇندا ياخشى بولۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر پەيت كۈتىدۇ.
75. دوستى يوق: كىشىلەرنىڭ دوستىنىڭ يوقلۇقى ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇقى ۋە ھەسەتخورلۇقىدىن بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دوستىنىڭ بولغانلىقى پەقەتلا دوستىدا ھەسەت قىلغۇدەك نەرسىنىڭ يوقلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ خالاس.
76. كۆپ خىللىقنىڭ خەتىرى: بىر خىل تالانتنىڭ كۆپ بولۇشى بىر خىل تالانتنىڭ ئاز بولغىنىدىن خەتەرلىك؛ ئۈچ پۇتلۇق ئۈستەل تۆت پۇتلۇق ئۈستەلگە قارىغاندا مۇقىم تۇرىدۇ.
77. ئۈلگە: ئۆزىنى باشقىلارغا نەمۇنە قىلىپ تىكلەپ بەرمەكچى بولغان ئادەم چوقۇم ئۆز پەزىلىتىگە ئازدۇر-كۆپتۇر ھاماقەتلىكنى قوشۇۋېتىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن باشقىلار ئۇنىڭدىن ئۆگىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلەيدۇ، بۇ كىشىلەر تولىمۇ ياقتۇرىدىغان بىر ئىش.
78. نىشانغا ئايلىنىپ قىلىش: كۆپىنچە ھالدا، باشقىلارنىڭ بىزگە ياغدۇرغان زەھەرخەندە گەپ سۆزلىرى ئەمەلىيەتتە بىزگە قارىتىلغان ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ باشقا ئاللىقانداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن غەزەپلەنگەنلىكى ياكى يىرگەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
79. ئاسانلا تەن بېرىش: ئەگەر بىر ئادەم ئۆتمۈشنى يىرگىنچلىك دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئادەتلەنگەنلا بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئىشقا ئاسماسلىقى ئۇنى جىق خاپا قىلالمايدۇ.
80. خەتەر ئىچىدە: بىر ماشىنىنىڭ سوقۇۋېتىشىدىن ئۆزىمىزنى ئوڭۇشلۇق قاچۇرۇپ ئۇھ دەپ تۇرغان ئاشۇ دەقىقىدە، بىزنىڭ يەنە بىر ماشىنا تەرىپىدىن سوقۇۋېتىلىش ئېھتىماللىقىمىز ئەڭ چوڭ.
81. مۇھەببەت ۋە نەپرەت: مۇھەببەت ۋە نەپرەتنىڭ ئۆزى ئەسلى قارىغۇ ئەمەس، ئۇلارنى ئۆزلىرى ئېلىپ يۈرگەن ئوت قارىغۇ قىلىدۇ.
82. دۈشمىنىدىن پايدىلىنىش: ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى جاھانغا تولۇق بىلدۈرەلمىگەن كىشى قاتراپ يۈرۈپ ئۆزىگە دۈشمەن ئىزدەيدۇ، ئاندىن «مۇشۇ دۈشمەننى يەڭسەملا جاھان مېنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يېتىدۇ» دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ جاسارىتى ئۇرغۇپ ئىشەنچىسى ئاشىدۇ.
83. تۆۋە قىلىش: مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئالدىدا گۇناھىمىزغا ئىقرار بولۇپ تۆۋە قىلغاندىن كېيىن، بىز گۇناھىمىزنى ئۇنتۇيمىز، بىراق تۆۋىمىزنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان كىشى گۇناھىمىزنى ئۇنتۇمايدۇ.
84. يالقۇن ئىچىدىكى خۇنۈكلۈك: ئوت يالقۇنى ئۆزىنىڭ ئىچىنى سىرتتىكى نەرسىلەرنى يورۇتقاندەك يورۇتالمايدۇ؛ دانىشمەنلەرمۇ شۇنداق.
85. ئۆزىمىزنىڭ قارىشىمىز: كىشىلەر بىزدىن مەلۇم نەرسە توغرىسىدىكى كۆز قارىشىمىزنى سوراپ قالسا، كاللىمىزغا بىرىنچى بولۇپ كېلىدىغىنى ھەقىقىي ئۆزىمىزنىڭ قارىشىمىز ئەمەس، بەلكى ئەنئەنە، ئىجتىمائىي ئورۇن ياكى كېلىپ چىقىشىمىز بىزگە ئۆگەتكەن كۆز قاراش. ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقىي كۆز قارىشىمىز بىزگە ئاسانلىقچە ئايان بولمايدۇ.
86. سېھىرلىك شۆھرەت: ھاۋارايى توغرىسدا ئالدىن مەلۇمات بىرىپ 3 قېتىم ئۇدا توغرا چىقىپ قالغان ئادەم روھىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۆزىنىڭ بىشارەتچىلىك ھۈنىرى بارلىقىغا چىنپۈتۈپ قالىدۇ. بىزنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىمىزنى قاندۇرسىلا، ئۇنىڭ سېھىر-جادۇ ياكى غەيرىي ئەقىلدىن كەلگەن نەرسە ئىكەنلىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمىز.
87. يېرىم-يارتا بىلىش: يېرىم-يارتا بىلىم پۈتۈن-سۈرۈك بىلىمگە قارىغاندا بەكرەك مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدۇ، چۈنكى يېرىم-ياتا بىلىم شەيئىلەرنى ئەسلىدىكى ھالىتىدىن ئاددىيلاشتۇرۇپ كۆرسىتىدۇ، شۇنداق قىلىپ تولىمۇ چۈشىنىشلىك ھەم قايىل قىلارلىق ئىدىيەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
88. شەھىد (ھەقىقەت يولىدا قۇربان بولغۇچى): شەھىدنىڭ شاگىرىتى شەھىدتىنمۇ بەكرەك ئازاب چېكىدۇ.
89. ھاياتلىق سائىتى: ھاياتلىق تولىمۇ كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان، بىباھا ھەم ئۇلۇغ بولغان يىگانە دەقىقىلەردىن شۇنداقلا بۇ دەقىقىلەرنىڭ ئارىسىدىكى چەكسىز بولغان بوش ۋاقىتلاردىن تەشكىل تاپىدۇ، ئارىلىقتىكى بۇ ۋاقىتلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنىڭمۇ پەقەت سايىسىلا كاللىمىزدا قىپقالىدۇ. مۇھەببەت، باھار پەسلى، گۈزەل مېلودىيە، تاغلار، ئاي، دېڭىز قاتارلىقلار ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ پەقەت بىرلا قېتىم بىزنىڭ چىن يۈرىكىمىزگە سۆزلىيەلەيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق دەقىقىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھاياتى پەقەتلا چىن ھاياتنىڭ گۈزەل سىمفونىيەسىنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر بوش ۋاقىت خالاس.
90. بىر كۈندىكى تۇنجى تەپەككۇر: ھەر بىر كۈننى ياخشى باشلاشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى بولسا مۇشۇ كۈندە ئۆزىنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىرەر ئادەمگە خۇشاللىق ئاتا قىلالاش-قىلالماسلىقى ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش. ئەگەر كىشىلەر ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئورنىغا مۇشۇ ئىشنى قىلغان بولسا، ئىنسانلارنىڭ كۈنى كۆپ ياخشىلىپ كېتەتتى.
91. پەيلاسوپچاق: ئەگەر بىز مەلۇم بىر مۇتەپەككۇرنىڭ ئىدىيىسى بىلەن يېڭىلا ئۇچراشقان بولساق، ئۇنداقتا يولدا مېڭىۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئۆزىمىزنى خۇددى پۈتۈنلەي يېڭىلىنىپ قالغاندەك، ئۇلۇغلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلىمىز، چۈنكى بىز ئۇچراتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئىدىيەنى ئۇقمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز بارلىق نەرسىلەرگە يېڭى ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم چىقىرىمىز؛ ئۆزىمىزچە مەلۇم بىر قانۇننى بىلگەندىن كېيىن چوقۇم سوتچىدەك ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەكتەك ئويلاپ قالىمىز.
92. سۆيۈشنى ئۆگىنىش: بىز سۆيۈشنى، ئاق كۆڭۈللۈكنى ھەم مۇلايىملىقنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك، بۇنى كىچىك ۋاقتىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك؛ ئەگەر مۇھىت ياكى مائارىپ بىزگە بۇ خىل تەربىيەنى بەرمىسە، بىزنىڭ روھىمىز قاغجىراپ مېھىر-مۇھەببەتلىك كىشىلەر ئىجاد قىلغان يېقىملىق كەشپىياتلاردىنمۇ بەھىرلىنەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىمىز؛ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر بىراۋ راۋۇرۇس بىر نەپرەتلەنگۈچى بولۇشنى خالىسا، ئۆچمەنلىكنىمۇ ئۆگىنىشى ۋە يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، نەپرەتنىڭ بىخىمۇ بارغانسىرى سولىشىپ قۇرۇپ كېتىدۇ.
93. ئەركىن تەپەككۇرنىڭ خەتىرى: ئەركىن تەپەككۇرنىڭ ھۇزۇرى خۇددى قىشقاقنى قاشلىغان چاغدىكى ھۇزۇرغا ئوخشايدۇ؛ قىچىشىشقا چىدىيالماي قاشلايمىز، دەسلەپتە راھەت ھېس قىلىمىز، ئاندىن قاشلىغان جايدىن بىر يارا ئېغىزى پەيدا بولىدۇ، بۇ يارا ئاغرىپ ئارام بەرمەيدۇ؛ ئاخىرقى ھېسابتا ئەركىن تەپەككۇر بىزنىڭ ھاياتلىق پوزىتسىيەمىز ۋە كىشىلىك ئالاقىمىزغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ بىزنى قىينايدۇ.
94. ھازىردىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىش: كۆز ئالدىمىزدىكى ھاياتتىن ئانچە-مۇنچە ئۆزىمىزنى تارتىپ ئېلىپ، قەدىمىي زامانلاردىكى دۇنياغا قاراپ شۇڭغۇشنىڭ پايدىسى چوڭ: قەدىمكى دۇنيادا تۇرۇپ ھازىرقى دۇنياغا قارىغىنىمىزدا، بىز ئۇنىڭ تولۇق شەكىلىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ يېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قايتا يېقىنلاشقىنىمىزدا، بىزنى ئۇنى ئەزەلدىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ باقمىغانلارغا قارىغاندا ئوبدانراق چۈشىنەلەيمىز.
95. قۇربانلىق: كىچىك قۇربانلىقتىن چوڭ قۇربانلىق ياخشى. چۈنكى بىزنىڭ بەرگەن قۇربانلىقىمىز چوڭ بولغاندا، ئۆز-ئۆزىمىزگە چوقۇنۇش ئارقىلىق قۇربانلىقنىڭ ئورنىنى تولۇقلىيالايمىز، بىراق قۇربانلىقىمىز كىچىك بولغاندا، بۇنداق قىلىشقا ئامال بولمايدۇ.
96. ئاھ، ۋولتېر! ئاھ، ئادىمىيلىك! ئاھ، گالۋاڭلىق! ھەقىقەتكە ۋە ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەرگە دەيدىغان گەپ بار. ئەگەر ئىزدەنگۈچىلەر بەكلا ئادىمىيلىشىپ كەتسە، «ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈنلا ھەقىقەت ئىزدىسە»، مېنىڭ دەيدىغىنىم، ئۇلار ھېچنېمە تاپالمايدۇ.






تەرجىمە قىلغۇچى: مەمتىمىن ئوبۇل

http://bbs.bagdax.cn/thread-44505-1-1.html

Share
1722 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.