logo

trugen jacn

يارىدار ئۈچۈن يېزىلغان جىنايى ئىشلار ئارقا كۆرۈنۈش خېتىنى بايىنغولىن ئوبلاستلىق دوختۇرخانا تەلەپ قىلغان

image

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0519-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بىز تۈنۈگۈن ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدىكى بىر ساقچىخانا تەرىپىدىن يارىدار سەمەت ئەبەي ئۈچۈن يېزىلغان جىنايى ئىشلار ئارقا كۆرۈنۈش خېتى ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇماتلارنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. مۇخبىرىمىز بۈگۈن مەزكۇر خەت ھەققىدە داۋاملىق ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ مەزكۇر خەتنى يازغان ساقچى خادىمىنىڭ ئۆزى بىلەن سۆزلەشتى. ساقچى خادىمى مەزكۇر خەتنى ئۆزى يازغانلىقىنى، ئەمما خەتنى دوختۇرخانىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئەمەس، يارىدار سەمەت ئەبەيگە ياردەم قىلماقچى بولغان مەلۇم بىر ساخاۋەت ئورنىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يازغانلىقىنى بايان قىلدى. مۇخبىرىمىز ئەنە شۇ ساخاۋەت ئورنىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشكىنىدە، مەسئۇل خادىم ئۆزلىرىنىڭ يارىدار تەرەپتىن ئۇنداق بىر خەتنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى. چىلان كەنتىنىڭ بىر مەھەللە باشلىقى مەزكۇر خەتنى كورلىدىكى بايىنغولىن ئوبلاستلىق دوختۇرخانىنىڭ تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، يارىدار سەمەت ئەبەي ئۈچۈن يېزىلغان جىنايى ئىشلار ئارقا كۆرۈنۈش خېتى كورلىدىكى بايىنغولىن ئوبلاستلىق دوختۇرخانا تەرىپىدىن تەلەپ قىلىنغان، دوختۇرخانا بۇ خەتنى تەلەپ قىلىشتا داۋالاش – داۋالىماسلىق مەسىلىسىدە ئەمەس، بەلكى يارىدارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن يار – يۆلەك بولۇش – بولماسلىقتا قارار بېرىش ئۈچۈن تەلەپ قىلغان. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بىر يارىدار ئۈچۈن سىياسىي ۋە جىنايى ئارقا كۆرۈنۈشنى سۈرۈشتە قىلىش ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان بىر ھادىسە ئەمەس؛ بۇ ھادىسە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدىكى ئادالەتسىزلىك ۋە جىددىيلىكنى ئېنىق يورۇتۇپ بېرىۋاتقان يەنە بىر پاكىت

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/yaridar-pakit-05192015232710.html

Share
1137 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.