logo

trugen jacn

مەھبۇس ئاتىسى: ئوغلۇمنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنىمۇ بىلمەيمەن، كېسەل سەۋەبىنىمۇ

0b266590-7dba-42e0-bf3c-44f0e6f2f1dc

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىز ئۆتكەن ھەپتە قاغىلىقنىڭ سايباغ يېزا ھويلا كەنت سېكرېتارىنى زىيارەت قىلىپ مەزكۇر كەنت ئاھالىلىرىدىن 24 ياشلىق ئابلىكىم نۇرمەمەتنىڭ بۇلتۇر قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىككى ئايدىن كېيىن پالەچ ھالەتتە كېپىللىككە قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئېنىقلىغان ئىدى.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن سابىق مەھبۇس ئابلىكىم نۇرمەمەتنىڭ دادىسىنى زىيارەت قىلىپ، مەھبۇسنىڭ تۇتۇلۇش ۋە كېسەل سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات سورىدى. چارىسىز ئاتا ئوغلىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىدىن تا بۈگۈنگە قەدەر خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى، كېسەللىك سەۋەبىنىمۇ ئۇقمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ چارىسىز ئاتا يەنە، ساق-ساغلام تۇتۇپ كېتىلگەن ئوغلىنى ساقچىلار پالەچ ھالەتتە ئائىلىگە قايتۇرۇپ كېپىللىك ئۈچۈن 10 مىڭ سوم تۆلەشنى بۇيرۇغاندا بۇنىڭغىمۇ ئۈن-تىنسىز بويسۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.

يۇقىرىقى ئاتىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇمكى، ئۇ ئوغلى ۋە ئائىلىسى ئۇچرىغان بۇ ھەقسىزلىققا قارشىلىق كۆرسىتىش تۈگۈل، سوئالمۇ قويمىغان. ئوغلىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ۋە كېسەل سەۋەبىنى بىلىشكىمۇ ئۇرۇنمىغان. مەزكۇر كەنتتىكى ئاھالىلەردىن بىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە بۇ خىل ھەقسىزلىقلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئەمەس، سوئال قويۇشنىڭ ئۆزىمۇ «سىياسىي خاتالىق» ۋە «قانۇنسىزلىق»؛ ئەگەر بىرەرى بۇ خىل ھەقسىزلىقلار ئۈستىدىن سوئال سوراپ قالسا، ئۇ كىشى «ئىدىيىسىدە مەسىلە بار» دەپ قارىلىدۇ ۋە دەرھال «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئەكىتىلىدۇ. تەربىيىلەش مەركىزىگە ئەكىتىلگەنلەر ئۇزۇن ئۆتمەي ياكى تۈرمىدە ياكى دوختۇرخانىدا ئۆزىنى كۆرىدۇ.

بۇنىڭدىن مەلۇمكى، رايوندا بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۆزلىرى ئۇچرىغان چوڭ ھەقسىزلىققا سۈكۈت بىلەن جاۋاب قايتۇرماقتا، خىتاي تەرەپ بۇ سۈكۈتنى قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ غەلىبىسى دەپ تەنتەنە قىلماقتا، ئەمما ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى، سۈكۈتنىڭ ھېچقاچان ئىتائەت ياكى ھەقسىزلىقنى قوبۇل قىلىش ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ رايوندا مۇقىمسىزلىقىنىڭ يەنە بىر بالداق يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/turme-uyghur-06162015135916.html

Share
1239 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.