logo

trugen jacn

مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ 50.يىلىدا بىر ئەسلىمە

160511110921_cultural_revolution_paper_cutting_512x288__nocredit

مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىنىڭ 50.يىلىدا بىر ئەسلىمە

مەھمەت ئەمىن ھەزرەت

بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن-يەنى 1966.يىلى 5.ئاينىڭ 16.كۈنى ماۋزىدوڭ تىيەنئەنمىن مەيدانىدا 10 مىڭلىغان خۇڭۋىيبىڭلارنى قۇبۇل قىلىپ “مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى”نىڭ باشلانغانلىغىنى ئىلان قىلغان كۈن. مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدا يۇرتىمىزدا قۇرئانى كېرىم كۆيدۈرۈلدى.ناماز قىلىش مەنئى قىلىندى. ئەرلەرنىڭ ساقىلى،ئاياللارنىڭ چېچى كىسىلدى.خالىغان ئادەمنى تارتىپ چىقىرىپ كۈرەش قىلدى.ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-نەپسى ئاياق-ئاستى قىلىندى. مەن شاھىت بولغان بىر مىسالنى ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىمەن

ئورتا مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ ئەلەم كۆرىشى قىزىپ كەتكەن كۈنلەردە بىر مەزگىل يېزامغا قايتتىم. مىنىڭ مەھەللەم قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياغاچچى يېزىسى ئىدى. 1968.يىلى ياز كۈنلىرى ئىدى.مەھەللىمىزدىكى مەسچىت ئېغىلغاغا ئايلاندۇرۇلغان ئىدى. مەسچىتنىڭ ئىمامى سايىت ئاخۇنۇمنىڭ ساقىلىنى كىسىۋەتكەنلىگى ئۈچۈن خەخنىڭ كۆزىگە كۆرۈنىشتىن بەك ئىزا تارتاتتى. “بەش خىل ئۇنسۇر” قالپىغى كەيدۈرۈلگەنلىگى ئۈچۈن نازارەت ئاستىدا ئەمگەك قىلاتتى. بىر كۈنى گۇڭشېدىن بىر ماشىنا كوزۇپىدا ئون نەچە چوچقا ئەكىلىپ مەسچىتكە چۈشۈرۈپتۇ ۋە سايىت ئاخۇنۇمنى مەسچىتتە چوچقا بېقىشقا مەجبۇر قىلدى. ھىچكىمىنىڭ بۇ ئىشقا قارشى چىقىش جۈرئىتى يوق ئىدى.چوچقا باقتۇرۇش ئۇيغۇر يېزىلىرىدا بىردىن مودا بولۇشقا باشلىغان ئىدى

بىزنىڭ يېزىدىلا ئەمەس، خوجىيەن گوڭشې،دەپ ئاتالغان ۋە بۇگۈن پۇچاقچى يېزىسى،دەپ ئاتىلىدىغان (ئۇ زاماندىكى نۇپۇسى 60 مىڭ ئىدى) بۇ رايوندا بىرمۇ خىتاي پۇخرا يوقتى.شۇڭا،ئۇيغۇرلار چوچقا بېقىشنى بىلمەيتتى. سايىت ئاخۇنۇم تېخىمۇ بىلمەيتتى. ئۆزى ئىماملىق قىلىپ كەلگە مەھەللە مەسچىتىدە چوچقا بېقىشقا مەجبۇر بولغان،يېشى 60 لاردىن ئاشقان سايىت ئاخۇنۇم بىر ھەپتىدىن كېيىن مەسچىتتە ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلىۋالدى. ئۆلىۋېلىش ئالدىدا مەھەللە جامائىتىگە بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قويغان ئىكەن. سايىت ئاخۇنۇمنىڭ جەسىدىنى مەچىت ھويلىسىدا ياتقۇزۇپ قويغان خولۇم – خوشنىلار خەتنى ئوقۇيالماي تۇرغاندا بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان مەن،مەسچىتكە كىرىپ كەپتىمەن. خەتنى ئوقۇپ بىرىشىمنى تەلەپ قىلىشتى. ئىسىمدە قېلىشىچە خەت مۇنداق يېزىلغان: “ مەن ئۆمرۈم بويى بۇ مەسچىتتە ئىماملىق قىلىپ كەلدىم. مەسچىت دىگەن ئاللانىڭ ئۆيى. ئاللانىڭ ئۆيىدە ماڭا توڭگۇز باققۇزدى.جاماتكە قاراشقا يۈزۈم يوق. ئاللا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى ھارام قىلغان. مەن بۇ رەسۋاچىلىق ئىچىدە ياشاشتىن ئۆلۈۋېلىشنى ئەلا كۆردۈم. ئاللا، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.ئاللادىن كەچۈرۈم سورايمەن. مەھەللىمىزدىكى قەدىردان جامائەتنىڭمۇ مىنى كەچرۈم قىلىشىنى تىلەيمەن. مەندە ھەققى قالغانلار بولسا،ھەققىنى ھالال قىلغاي.” بىر سائەت ئىچىدە گوڭشېنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوتەي دىگەن خىتاي تەرجىمانى بىلەن يىتىپ كەلدى ۋە پۈتۈن دادۈينىڭ ئەزالىرىنى چوڭ مەيدانغا يىغدى. سايىت ئاخۇنۇمنىڭ ئابدۇللا ئىسىملىك بىر بالىسى بار ئىدى. ئابدۇللا بىراز گومۇش،ئامما بەستىلىك،25 ياشلىرىدا بىر يىگىت ئىدى. سايىت ئاخۇنۇمنىڭ جەسىدىنى ئوغلى ئابدۇللاغا يۈتكۈزۈپ مەيدانغا ئەكەلدى. دادىسىنىڭ جەسىدىنى يۈدۈپ تۇرغان ئابدۇللا كۈرەش مەيدانىنىڭ ئورتىسىدا تۇرغۇزۇلدى. خەلىقنى “ يۇقالسۇن ئەكسىل ئىنقىلاپچى سايىت موللا” دەپ شۇئار توۋلىغىلى سالدى. ئىككى ساەتتىن ئارتۇق ئۆلۈك دادىسىنى يۈدۈپ ئاياقتا تۇرغان ئابدۇللا بىردىن يىقىلىپ چۈشتى. ۋاڭ گوتەي يۈگۈرەپ كىلىپ ئابدۇللانى تەپتى ۋە ياقىسىدىن تۇتۇپ تۇرغۇزۇپ يۈزىگە تۈكۈردى، ئىككى تەستەك ئۇردى. ياغاچ مىلتىق تۇتۇپ تۇرغان ئۇيغۇر مىنبىڭلار، سايىت ئاخۇنۇمنىڭ ئۆلۈگىنى يەنە ئابدۇللانىڭ دۈمبىسىگە ئارتىپ قويدى. كۈرەش-پىپەن يەنە بىر يېرىم سائەتتەك داۋاملاشتى. ئاخىرىدا ۋاڭ گوتەي “ ئەكسىل ئىنقىلاپچى سايىت موللىنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلمەيدۇ. كىم نامىزىغا قاتناشسا ئاقىۋىتى سايىت موللىدەك بولىدۇ” دەپ پوپۇزا قىلىپ قويۇپ، جۇماخۇن دىگەن ئۇيغۇر تەرجىمانى ۋە گۇپپاڭچىلىرى بىلەن ئاتلىرىغا مىنىشىپ كىتىپ قالدى
ئابدۇللا،دادىسىنى توپىلىق يەرگە ياتقۇزدى. باياتىن “ يۇقالسۇن سايىت موللا” دەپ شۇئار توۋلىغان جامائەت ئەر- ئايال ھەممەيلەن يىغىلىشىۋاتاتتى. ئامما ھىچكىم سايىت داموللامىڭ جەسىدىگە يېقىنلىشىشقا پېتىنالمىدى

كىچىك بالىلاردىن بىرسى بىر قاپاق سۇ ئەكىلىپ ئابدۇللانىڭ ئالدىدا قويدى.ئابدۇللا قاپاقتىكى سۇنى قانغۇچە ئىچتى.ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ دادىسىنىڭ ئۆلۈگىنى كۆتۈرۈپ مازار تەرەپكە ماڭدى. بىر قانچە كىچىك بالا ئونىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى. مەھەللىدە قادىر دەپ بىر دوستۇم بار ئىدى. (ھازىرمۇ ھايات) ئۇ باشلانغۇچتىن كېيىنلا ئوقۇماي دىھقان بولۇپ كەتكەن. قادىر قورقمايدىغان،جاسارەتلىك دوستۇم ئىدى. ئۇنى چاقىردىم ۋە “مازارغا بارايلىمۇ!” دىدىم قادىر “بارايلى” دىدى. ئىكىمىز مازارغا بارساق، ئابدۇللا گور كولاۋاتقان ئىكەن. بىز ياردەملەشمەك ئىستىسەكمۇ، رەت قىلدى. گورنى كولاپ بولغاندا ،سايىت ئاخۇنۇمنىڭ بىر تەرىپىنى بىز تۇتۇپ يەرلەشتۇرۈشكە ياردەم قىلماقچى بوساقمۇ،رەت قىلدى. سايىت ئاخۇنۇمنى كىيىمى بىلەن كۆمدى. ئابدۇللا،كۈرەش مەيدانىدىمۇ، مازاردىمۇ ھىچ يىغلىمىدى

مەن، شۇ كۈنى “ئەگەر مەن بىر يازغۇچى بولغان بولسام،مۇشۇ پاجىيەلىك ۋەقەلەرنى يېزىپ قالدۇرغان بولاتتىم.” دەپ ئويلىدىم ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ يۈرۈگۈمگە يازغۇچى بولۇش يالقۇنى تۇتاشتى
مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدا، دۇنيانىڭ ئەڭ ئۇزاق بىر چېتىدىكى يېزامدا سايىت ئاخۇنۇمنىڭ پاجىيەلىك ئۆلۈمىگە شاھىت بولۇشۇم، مىللىتىمنى ئازاتلىققا ئىرىشتۈرۈش يولىدىكى غايەمنىڭ بىخ تارتىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. ھەر قېتىم قىيىن ئۆتكەللەرگە دۇچ كەلگەندە سايىت ئاخۇنۇم قالدۇرۇپ كەتكەن خەتىنى ۋە ئۇنىڭ پاجىيەلىك ئۆلۈمىنى خاتىرلىدىم. بەش ياشلىق ۋاختىمدىن باشلاپ دادامغا ئەگىشىپ مەسچىتكە كەلگىنىمدە، نامازدىن كېيىن سايىت ئاخۇنۇمنىڭ ماڭا قاراپ مۇلايىم كۈلۈمسەشلىرى،بېشىمنى سىلاشلىرى ھىچ بىر زامان ئىسىمدىن چىقمايدۇ

.يىل 1968، 2 ئاي ئىچىدە خوجىيەن گوڭشې تەۋەلىگىدە 16 ئۇيغۇر دىھقان ۋاڭ گوتەي تەرىپىدىن كۈرەش قىلىپ ئۆلتۈرىۋ”تىلدى
گوڭشېنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوتەينىڭ جەسىدى 1968. كۈزدە گوڭشېنىڭ يېنىدىكى پۇچاقچى يېزىسىدىكى بىر ياڭاق دەرىخىگە ئېسىلغان ھالەتتە تېپىلدى. ۋاڭ گوتەينى كىم ۋەياكى كىملەر ئېسىپ ئۆلتۈرگەنىلىكى توغرىسىدا قاراقاش ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇزۇن يىللارغىچە ھىچقانداق يىپ ئۇچچىغا ئىرىشەلمىدى

يىل1968 مەھەللىمىزنىڭ ئىمامى سايىت ئاخۇنۇم باشچىلىغىدىكى ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقىلىنى كەسكەن كومۈنىستىك پارتىيە، 50 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە يەنە باشقا سايىت ئاخۇنۇملارنىڭ ساقىلىنى كىسىۋاتىدۇ. ئۇ زامان سايىت ئاخۇنۇمنى ئۆلۈۋېلىشقا مەجبۇرلىغان بولسا، بۇگۈن سايىت ئاخۇنۇملارنى توپ- توپ تۇتۇپ كىلىپ ئۆزلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. سايىت ئاخۇنۇمنىڭ ئۆلۈگىنى كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، جەسەتنى قالدۇرۇپ كەتكەن، بۇگۈن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ جەسىدىنى نەگە ئاپىرىپ، نىمە قىلغانلىقى توغرىسىدا ئائىلەلەر ھىچقانداق مەلۇماتقا ئىرىشەلمەيۋاتىدۇ. يىلان پوستىنى تاشلايدۇ،ئامما، خۇيىنى تاشلىمايدۇ

مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىنى كۆرمىگەن ۋە بۇگۈن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەبىيىتىنى چۈشەنمىگەن قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن،خەلقىمىز بېشىدىن كەچۈرگەن مىليۇنلىغان پاجىيەدىن بىرنىلا يازدىم. ئۆتمۈشىنى ئۇنۇتقان خەلق،ئۆزىنى ئىنكار قىلغۇچى خەلقتۇر

Share
2039 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.