logo

trugen jacn

مۇھەممەتتوختى دېلوسى ۋە پاكىستاندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرى-1-2

9fee280f-0e33-4a1f-a36f-2e61cdc0e9ce

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي دائىرىلىرى يەكەن ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان «سىياسىي جىنايەتچى» – مۇھەممەتتوختى مۇھەممەتروزىدىن سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن پايدىلانغان

مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان تۈرمىدىكى مۇھەممەتتوختى بۇ يىل 7-ئايدا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە تۇتقۇن قىلىنغان نۇرگۈل بىلەن بىللە يەكەن ۋە خوتەنلەرگە ئېلىپ بېرىلغان. ئۇلار تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئايرىم-ئايرىم «توۋىنامە» يېزىپ، يەكەن ۋە خوتەندىكى ئاممىۋى تەشۋىقات يىغىنلىرىدا ئوقۇغان شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «جىنايەتلىرى» ئۈستىدىن جامائەت ئالدىدا «تۆۋە» قىلغان

ئۇنداقتا، ئۆز دەۋرىدە پاكىستاندىن تۇتۇپ كېلىنىپ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەقسىتىنىڭ قۇربانى قىلىنغان مۇھەممەتتوختى مۇھەممەتروزى زادى كىم؟ ئۇ قاچان، قانداق شارائىتتا ۋە نېمە ئۈچۈن پاكىستاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، مەخپىي ھالدا ئۈرۈمچىگە يالىنىپ كېلىنگەن؟ ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سوتى نېمە ئۈچۈن 2 يىلغا يېقىن سوزۇلۇپ كەتكەن؟ ئۇنىڭ دېلوسى ۋە پاجىئەلىك قىسمەتلىرىگە خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى قانداق ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ۋە يوشۇرۇن مۇناسىۋەتلەر يوشۇرۇنغان؟

مۇھەممەتتوختى مۇھەممەتروزىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى كەچمىشلىرىگە شاھىت بولغان، ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

مەلۇم بولۇشىچە، مۇھەممەتتوختى مۇھەممەتروزى 1977-يىلى 3-ئايدا خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق يېزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتىنى ئۆز يۇرتىدا ئالغاندىن كېيىن، قاغىلىققا بېرىپ مەشھۇر دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمدا ئوقۇغان. 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ مەكتىپى مەجبۇرىي تاقىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق پاكىستانغا بارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوتتەك ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن ئىسلامابادتىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئە (قانۇن) كەسپىدە باكلاۋېرلىقنى پۈتتۈرگەن. ئاندىن يەنە شۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇپ ماگېستېرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن

2000-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇشى ۋە ياشىشى ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش تۈپەيلى قىيىن ئەھۋالدا قالغان. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار پاكىستان ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ يوشۇرۇن تۇتقۇن قىلىشىغا ئۇچراپ ئارقا-ئارقىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، مۇھەممەتتوختى ب د ت نىڭ پاكىستاندىكى مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، شىۋېتسىيەگە يولغا چىقىشقا بىرقانچە كۈن قالغاندا، يەنى 2003-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇ تۇيۇقسىزلا پاكىستان مەخپىي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ يوشۇرۇنچە خىتايغا ئەۋەتىپ بېرىلگەن

ئۇنىڭ ئايالى ۋە پاكىستاندىكى دوستلىرى شۇنچە ئىزدەپمۇ ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرىنى ئالالمىغان. 2003-يىلى 12-ئايغا بارغاندا ئاندىن ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ليۇداۋان تۈرمىسىدە قاماقلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئاڭلىغان.

ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ مۇھەممەتتوختىغا بىرمۇنچە ئويدۇرما «جىنايەتلەر» نى ئارتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئۆزى شەخسەن شاھىت بولغان ئەمەلىي ئەھۋاللارغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

2014-u1212-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىگىلىشىمىزچە، مۇھەممەتتوختى دېلوسى «11 – سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يوشۇرۇن «سىياسىي سودا» نىڭ جامائەتچىلىككە ئاشكارا بولغان بىر مىسالى ئىكەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار شاھىتلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، شۇ يىللاردا پاكىستاندىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بۇ رەزىل «سىياسىي سودا» نىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.

ئىسلامابادتىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان، جاپالىق ئوقۇش ئارقىلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمىي بويىچە ماگېستېرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان مۇھەممەتتوختى 2003 – يىلى 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئىسلامابادتا تۇيۇقسىز غايىپ بولغان.

ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يېقىن دوستى ئابدۇللا كۆكيارنىڭ ئەسلىشىگە قارىغاندا، مۇھەممەتتوختى شۇ كۈنى يېڭىلا قولىغا ئالغان ماگېستېرلىق دىپلومىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئېلىپ بارغان.

شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئۇ پاكىستان ئىستىغبارات خادىملىرى تەرىپىدىن چاقىرىتىپ كېتىلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز – دېرىكى بولمىغان. ئۇنىڭ ئايالى ئەمدىلا 7 ئايلىق بولغان ئوغلىنى كۆتۈرۈپ مۇھەممەتتوختىنىڭ دوستلىرىنىڭ ياردىمىدە تەرەپ – تەرەپتىن ئۇنى سۈرۈشتە قىلغان. ھالبۇكى، مۇھەممەتتوختىنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرى بولمىغان.

ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ مەزگىللەردە پاكىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

مۇھەممەتتوختىمۇ ئۆزىگە كېلىۋاتقان خەۋپنى ھېس قىلىپ، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى شىۋېتسىيە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئائىلە بويىچە قولىغا سەپەر پاسپورتى بېرىلگەن.

مۇھەممەتتوختى 2003 – يىلى 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى شىۋېتسىيەگە يولغا چىقىشقا تەييارلانغان. ھالبۇكى، شۇنىڭدىن 7 كۈن بۇرۇن تۇيۇقسىزلا پاكىستان ئىستىغابارات خادىملىرى ئۇنى تۇتقۇن قىلغان.

ئابدۇللا كۆكنۇر ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مۇھەممەتتوختىنىڭ خوتۇن، بالىسىنى ئېلىپ ب د ت ئىشخانىسىغا ۋە پاكىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بارغانلىقىنى، كۆپ قېتىم سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

مۇھەممەتتوختىنىڭ ئايالى بۇ قىيىن كۈنلەردە شىۋېتسىيەگە كېتىشتىن ۋاز كەچكەن. ئۇ ئېرىنىڭ خەۋىرىنى ئالمىغىچە ھېچ يەرگە بارمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق جاپا – مۇشەققەتنى تارتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/muhemmettoxti-12112014163359.html

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/muhemmet-toxti-pakistan-dilosi-12122014225637.html

Share
2359 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.