logo

trugen jacn

مۇستەقىللىق بىزدىن قانچىلىك يىراقتا؟

 

 

ئاسىيە ئۇيغۇر: مۇستەقىللىق بىزدىن قانچىلىك يىراقتا؟

  1. مۇستەقىللىقنىڭ شەرتلىرى ۋە رېئاللىقىمىزدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر

 

مىللىي مۇستەقىللىق بولسا ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئاللاھ ئاتا قىلغان ھوقۇقى بولۇپ ، مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ كۈچلىرى زور دەرىجىدە ئاجىزلىغان 21-ئەسىردىمۇ يەنىلا نۇرغۇن مىللەتلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تىنىمسىز كۆرەش قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى يەنىلا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سودا مەنپەئەتىگە يانداش بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ كونترول قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلاردۇر. چۈنكى دۇنيا جامائىتى بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان ھېچبىر مىللەت جامائەت ئىچىدىكى ئىشلاردىن مۇستەسنا بىرەر ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ.

ئۇنداقتا بىز يىراقنى قويۇپ يېقىنقى يەنى ئىككى مىڭىنجى يىللاردىن كېيىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرگە قاراپ باقايلى:

  1. شەرقىي تىمور دېمۇكراتىك جۇمھۇرىيىتى، 16-ئەسىردىن باشلاپ پورتىگالىيە تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان، كېيىن گوللاندىيە بىلەن بىرلىكتە مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەت بولۇپ، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەرقىي تىمور پورتوگالىيىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ قالغان. 1975-يىلى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قوزغىغان ۋە ئۇزۇن يىللار ئىزچىل كۆرەش قىلىش داۋامىدا 2002-يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.
  2. قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى. 19-ئەسىردىلا مۇستەقىل دۆلەت بولغان ۋە ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بالقان ئارىلىغا جايلاشقان بۇ دۆلەت جۇغراپىيىلىك ئورنى سەۋەبلىك نۇرغۇن دۆلەتلەرنى <بىر قىسمى>غا ئايلىنىپ قالغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۈگۈسلاۋىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان. 90-يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن يۇگۇسلاۋىيە ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. قارا تاغ بولسا 2006- 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئومۇم خەلق ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 5پرېسەنلىك كىچىككىنە ئۈستۈنلۈك بىلەن مۇستەقىل بولغان ۋە 6-ئاينىڭ 3-كۈنى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى مۇستەقىل دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ب د ت غا رەسمىي ئەزا بولغان ۋە دۇنيا تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپقا ئېرىشكەن.
  3. جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتى. ئافرىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بۇ دۆلەت سۇدان جۇمھۇرىيىتىدىن ئايرىلىپ چىققان بولۇپ، 2011-يىلى 9-ئىيۇلدا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ۋە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 54-دۆلەت بولغان شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. بۇ دۆلەت نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ياش دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

يۇقارقى ئۈچ دۆلەتنىڭ مۇستەقىل بولالىشى بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مۇستەقىللىق پەقەت بىر چۈشلا ئەمەس، بەلكى تارىخىي پۇرسەتلەرگە تولغان ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىدە پەقەت پۇرسەتنى كۆرۈپ يېتەلىسەكلا مۇستەقىللىق بىز ئۈچۈن ئانچە يىراق بولمىغان بىر مەنزىل خالاس!

ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى ئۈچۈن پۇرسەت كەلدىمۇ؟

بىز بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال ، بىزنىڭ پۇرسەتلىرىمىزنى ئۆزىدە يوشۇرغان دۇنيا ۋەزىيىتىگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ ، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ قاراپ باقايلى،پۇرسەت زادى قەيەردە؟

بىز ئىزچىل ھالدا دۈشمىنىمىز تاجاۋۇزچى خىتايلار دەپ توۋالاپ كېلىۋاتىمىز، ئۇنداقتا بىز ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپتە بىلىشكە تېگىشلىكى دۈشمەننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بولۇشى كېرەك ئەلۋەتتە.

  1. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى

خىتاي – ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى نۆۋەتتە ھەتتا روسسىيەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان”دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى“دىنمۇ بەكرەك قىززىق نوقتىلىق مەسىلىگە ئايلاندى دېسەك ئارتۇق كەتمەس. چۈنكى دۇنيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغان بۇ ئىككى  ئىقتىسادىي چوڭ گەۋدە ئارىسىدىكى سودا تالاشلىرىنىڭ ئاقىۋەتتە سودا ئۇرۇشى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى ۋە سىياسىي خاراكتېرگە  ئىگە بولۇشى ھەم شۇنداقلا بۇ سودا ئۇرۇشى سەۋەبلىك خىتاي ئىقتىسادىدا داۋالغۇش بولۇشى ………..ۋەھاكازالار كىشىلەرگە ئەينى يىللاردىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى سودا ماجراسى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى قاتارلىق بىر قاتار تارىخلارنى ئەسلەتتى. دەرۋەقە ئەينى يىللىرى ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەنلىك سەۋەب ئىقتىسادىيدا چېكىنىش بولغان ۋە ئاقىۋەت  پارچىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مانا مۇشۇنداق تارىخىي پۇرسەتلەر سەۋەب بۈگۈنكى قازاقىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇستەقىللىقنىڭ بۇيۈك قەدىمىنى ئالالىغان.

ئۇنداقتا تارىخ تەكرارلىنامدۇ؟ كىمنىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ئېسىمدە قالماپتۇ ، مۇنداق بىر سۆز بولىدىغان:”تارىخ تەكرارلانمايدۇ، ئەمما بەزى تارىخلار بىر – بىرىگە كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئوخشايدۇ“. بەلكىم مانا مۇشۇنداق ئوخشاشلىقلار يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بۈگۈن كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھېس قىلىشماقتا. ئامېرىكا قوزغىغان سودا ئۇرۇشى خىتاينىڭ ئىقتىسادىيغا تەسىر يەتكۈزىۋاتقان بولسا، خىتاي ئىچىدىكى كوممۇنىست پارتىيەگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى تېزدىن ئەۋج ئېلىپ بىۋاسىتە ھالدا خىتاي ھاكېمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كەلدى. مەسىلەن، تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاش ھەرىكىتى، يۈك ماشىنىشى شوپۇرلىرىنىڭ مەملىكەن خاراكتېرلىك تەشكىللىنىپ ئىش تاشلاش ھەرىكتى، كونا ئەسكەرلەرنىڭ مەملىكەت بويىچە تەشكىللىنىپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىشى قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەر كەينى – كەيندىن يۈز بەردى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا شىن جىنپىڭنىڭ رەسىمىگە سىياھ چېچىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ پۈتۈن خىتاي ئىچى – سىرتىدىكىلەر ئارىسىدا سىياھ چېچىش ھەرىكىتى كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشقا باشلىدى. مانا بۈگۈن خىتايدا چوڭ سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر گەپ سۆزلەر ۋە مۇلاھىزىلەر پۈتۈن ئىنتېرنېت دۇنياسىنى بىر ئالدى…….

بىز ئامېرىكىنىڭ جۇڭشىڭ شىركىتىنى جازالاش ۋەقەسىدىن شۇنى كۆرۈپ يەتتۇقكى، ئۆزلىرىنى يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن چوڭ دۆلەت دەپ جار سالغان ۋە 2025 پىلانى ئارقىلىق دۇنيا پەن – تېخنىكا ساھەسىدە يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈشنى پىلان قىلغان خىتاينىڭ ھەتتا كىچىككىنە “芯片” ئۆتكۈزگۈچ پىلانستىنكا ياساش تېخنىكىسىدىمۇ باشقىلارغا تايىنىدىغان دەرىجىدە پەن – تېخنىكىدا بەكلا ئاجىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. ئۇنداقتا پەن – تېخنىكىدا شۇنچە ئاجىز بىر دۆلەت قانداق قىلىپ دۇنيا پەن – تېخنىكا ساھەسىدە رەھبەرلىك ئورنىغا ئۆتەلىشى مۇمكىن؟ بۇ دەل ئامېرىكىنىڭ خىتايغا سودا ئۇرۇشى ئېلان قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبدۇر.  چۈنكى خىتاي تاكى بۈگۈنگە قەدەر يۇقىرى پەن – تېخنىكىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكىنى يوق، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس بولىۋاتقىنى ھەممىسىلا غەربنىڭ يۇقىرى پەن – تېخنىكىسى ۋە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇچۇر ۋە تېخنىكا جاسوسلىرىنىڭ تۆھپىسى خالاس. ئامېرىكا جۇڭشىڭنى جازالايمىز دېيىشى بىلەنلا جۇڭشىڭ پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، گەرچە خىتاي دەسلەپتە ئامېرىكىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ باققان بولسىمۇ لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىيلىكى نەتىجىسىدە جۇڭشىڭ ناھايىتى زور ئىقتىسادىي تۆلەم تۆلەش ۋە جۇڭشىڭ شىركىتىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىنى پۈتۈنلەي ئالماشتۇرۇش ۋە ئامېرىكىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش شەرتى ئاستىدا جازانى بىكار قىلىش پۇرستىگە ئېرىشتى. بىز بۇ يەردە جۇڭشىڭنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇنداق كۆپ ئىقتىسادىي جازانى قوبۇل قىلىشنى ، شىركەتنى ۋەيران قىلىشتىن مۇھىم دەپ بىلگەنلىكى ۋە بۇ ئاتالمىش <شەخس شىركەت> نىڭ ئىشلىرىغا خىتاينىڭ بىر دۆلەت سۈپىتىدە قو ل تىقىپ ئارلىشىشى نەتىجىسىدە بىز جۇڭشىڭنىڭ نوقۇل ھالدىكى شەخس شىركىتى ئەمەس بەلكى خىتاينىڭ ئۇچۇر ئالاقىسى ۋە  جاسوسلۇق ساھەسىدىكى مۇھىم ئورگىنى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتۇق. يەنى ئامېرىكىنىڭ تېخنىىكىسى ئىران بىلەن شىمالىي كورىيەگە سېتىپ ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۆلۈك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلغان جۇڭشىڭنىڭ كەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى بارلىقىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ۋە شۇ سەۋەب ئامېرىكا خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەكشۈرۈش، كۆزىتىش ۋە ئامېرىكىغا خىتايدىن ئوقۇشقا ۋە خىزمەت بىلەن كېلىدىغانلارنىڭ ۋىزا ئېلىش ئىشلىرىغا چەك قويۇش، ۋەتەنداشلىققا چەك قويۇش، خىتاي گراجدانلىرى ياكى ئامېرىكا گراجدانلىقىغا ئۆتكەن خىتايلارنىمۇ دۆلەتنىڭ تېخنىكىلىق مۇھىم خىزمەت ئورۇنلىرىغا قوبۇل قىلماسلىق، ھازىر ئىش ئورنىدا بولغانلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىدى.  شى جىنپىڭ گەرچە دەسلەپتە”قانغا قان ئالىمىز“دەپ چوڭ سۆزلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ترامپنىڭ دېگىنىنى قىلىدىغان، خىتايدىن قورقۇپ قالمايدىغان جەسۇر ۋە قەتئىيلىكى كېلىپ چىقىشى تىجارەتچى بولغان بىر پرېزدېنتنىڭ خىتاينىڭ قارىشىدىكى”پۇلنى مۇھىم بىلىدۇ“قارىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. دەرۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى ترامپنى پەقەت”گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق“ ئادەم دەپ پەرەز قىلىشقان ۋە شۇ پەرىزىگە ئاساسەن ستراتېگىيىسىنى تۈزگەن بولۇپ، ترامپنىڭ ئويلىمىغان يەردىن بۇنداق قاتتىق قول پرېزدېنت بولۇشى خىتاينى چۆچۈتتى. 6-ئىيۇل كۈنى 50مىلياردلىق خىتاي مېلىغا باج ئالدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن خىتايمۇ ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش مىقداردىكى مېلىغا ئوخشاش باج ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.  خىتاينىڭ بۇ ئىپادىسى ئامېرىكىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈردى ۋە كەينىدىنلا ترامپ يەنە 200مىليارد ۋە 300مىلياردلىق خىتاي ماللىرىغا باج ئالىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات بەردى. 6-ئىيۇل ئامېرىكا خىتاي ماللىرىغا رەسمىي يوسۇندا باج ئېلىشنى باشلىغاندا بولسا خىتاي پورتىدا ئامېرىكىنىڭ ماللىرى خىتاي پورتىدىن كىرەلمەي تۇرۇپ قالدى، چۈنكى خىتاي پورتىدىكىلەر تېخى ئامېرىكىنىڭ ماللىرىغا قانداق باج ئېلىش ھەققىدىمۇ ئېنىق بىر بۇيرۇققا ئېرىشمىگەنىدى…….يەنى خىتاي بۇ سودا ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى ئوقىنىڭ چوقۇم ئېتىلىدىغانلىقىغا ئانچە ئىشەنمىگەن ۋە تەييارلىق كۆرمىگەن…..

ئۇنداقتا بۇ ئىشتىن نېمىنى ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن؟ خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان سودا ئۇرۇشىدەك مۇشۇنداق چوڭ بىر ئىشتا خىتاينىڭ بۇنداق ھاماقەتلەرچە سەۋەنلىكلەرنى سادىر قىلىشى خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا يەنىلا تەدبىرسىزلىك ۋە مۇقىمسىز ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرۈۋېلىشىمىز مۇمكىن.

نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا – خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ خىتاينى ھالاكەتكە يۈزلەندۈرۈشىگە ئانچە ئىشىنەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما بۇ دېگەنلىك بۇنداق ئېھتىماللىق يوق دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى ئامېرىكا 2017-يىلى دۆلەت بىخەتەرلىك دوكلاتىدا خىتاي بىلەن روسسىيەنى بىرىنجى دەرىجىلىك دۈشمەن دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. يەنى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تېرورلۇق كۈچلىرىنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان سىياسىي كۈچ دەپ قارىغان ئامېرىكا ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىگە چوڭ تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان كۈچنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تېرورلۇق كۈچلىرى ئەمەس بەلكى خىتاي ۋە كوممۇنىست ئىدىيىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكا ترامپنىڭ رەھبەرلىكىدە ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت پەيدا قىلغان شىمالىي كورىيەنىمۇ بويسۇندۇردى، مانا بۈگۈن پرېزدېنت ترامپ بىلەن روسسىيە پرېزدېنتى پۇتىن ئۇچراشتى…….بۇ ئۇچرىشىش روسسىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن يېڭى بىر باشلىنىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. 20يىل ئاۋۋال ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە نىمە ئۈچۈن خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن روسسىيە بىلەن ھەمكارلاشمىسۇن؟ ئەگەر ئامېرىكا روسسىيە بىلەن ھەمكارلاشسا ، شىمالىي كورىيەنى بويسۇندۇرغان، تېرور كۈچلىرىنى يوقىتىپ بولغان تۇرسا ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىن باشقا دۈشمىنى قالاتتىمۇ؟ ئامېرىكا نۆۋەتتە ئەلۋەتتە پۈتۈن كۈچىنى مانا بۇ ئەشەددىي دۈشمەننى يوقىتىشقا قارىتىدۇ.

بۇ ئەشەددىي دۈشمەن ئەلۋەتتە ئاجىز ۋە يۆلەكسىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ ئەشەددىي دۈشمىنىدۇر. دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى بىزنىڭ دوستىمىز بولىدىغانلىقى ھەقىقەت. ئۇتۇق قازىنىمىز دەيدىكەنمىز ئەلۋەتتە دۈشمەن بىلەن دوستنى پەرق ئېتەلىگۈدەك ئەقىل ۋە كۆزىمىز بولۇشى كېرەك. چۈنكى بىز دۈشمەننى يېڭىش ئۈچۈن دوستلارغا مۇھتاج بولغىنىمىزدەك، دۈشمەندىن غالىپ كېلىپ ئۆز دۆلىتىمىزنى قۇرغان مىنۇتلاردىمۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ دوستلارغا ئەلۋەتتە مۇھتاج بولىمىز. چۈنكى  مۇستەقىل بولساقمۇ بىز يەنىلا دۇنيا چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلايمىز.

ئۇنداقتا دۈشمىنىمىزنىڭ ئەھۋالى خاراپ، دۈشمەنلىرى كۈچلۈك ۋە كۆپ بولۇۋاتقان بۇ تارىخىي شارائىتتا بىزگە پۇرسەت كەلمىدى دېيىشكە يەنە قانداق سەۋەبىمىز بار؟

  1. مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى

 

يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تەشكىلاتلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان ئىختىلاپلار مەيدانغا چىقىشقا باشلىدى. بۇ ئىختىلاپلاردىن شۇنى بايقىدىمكى ئىختىلاپلارنىڭ سەۋەبى، ئۇسۇلى ۋە نەتىجىسى چەتئەلدىكى خىتاي پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار بىلەن ئاساسىي جەھەتتە ئوخشاش ئىكەن. يەنى، بىر بىرىنى خائىن، جاسوس دەپ زارلاش، خەلققە پاش قىلىش، ئۆز ئارا قارىلاش ۋە ئېكرانغا چىقىپ ھېكايە سۆزلەش. يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەردىن تارتىپ ئادەتتىكى ئاۋام پۇخراغىچە ھەرخىل پىكىر ئېقىمىغا ئەگىشىش ۋە بۆلۈنۈش، بىر بىرىگە قارىمۇ قارشى تەشكىلاتلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈش……..قاتارلىقلار.  مېنى ھەيران قالدۇرغىنى نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار خىتاي پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارغا ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاپ قلغالىقىدۇر. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە خىتاينىڭ جوسوسلۇق ھەرىكىتى دۇنيادا خېلى ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ، ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدىكى خەلقئارادا يۈز بەرگەن خىتاينىڭ جاسوسلۇق ھەرىكەتلىرىگە دائىر ۋەقەلىكلەردىن كوڭزى مەكتىپى ۋەقەسى ، ئاۋسترالىيەدىكى بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئاشكارە باياناتى، گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى 1000نەپەر خىتاي جاسوسى ۋەقەىسى، كانادادىكى خىتاي كۈچىنىڭ ھۆكۈمەتكە تەسىر كۆرسىتىشى دېگەندەك بىر قاتار ۋەقەلەردىن خىتاينىڭ چەتئەلدىكى قارا قولىنىڭ نەقەدەر كەڭ يېيىلغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنىدۇق. ئۇنداقتا خىتاي قارا قولى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاكېمىيەت قاتلىمىغا تەسىر يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە بارغان بۇنداق ئەھۋالدا بۇ قارا قوللارنىڭ چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئارىسىغا يامرىماسلىقى ئەقىلگە ئەلۋەتتە ئۇيغۇن ئەمەس. خىتاي ئەسلىدىمۇ ۋەتەندە كىشىلەر ئارىسىغا پىتنە سېلىش، بىر بىرىنى چېقىش، نازارەت قىلدۇرۇش…….قاتارلىق پەشكەش ئۇسۇللاردا خەلقنى نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىپ قۇل قىلغان. چەتئەللەردىمۇ ئوخشاش ئۇسۇللاردا خىتاي ھاكېمىيىتىگە قارشى ھەرقانداق ھەرىكەتلەرگە توسقۇنلۇق قىلىشى ئېنىق بولۇپلا قالماي يەنىلا شۇ كونا ئۇسلۇبىنى قوللىنىدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى پىتنە تېرىشنىڭ ئادەملەر ئارىسىدىكى ئىشەنچنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئىناقسىزلىق كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق چوڭراق بىر كۈچلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى توسالايدىغانلىقىنى نۇرغۇن يىللىق تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىغان. بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىڭىزدا بەلكىم ئەتراپىڭىزدىكى پىتنە تېرىگۈچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن خىتاينىڭ جاسوسلىرىمۇ بەك كۆپ بولسا كېرەك ياكى ھەممە ئادەم جاسوسلۇق قىلىشقا باشلىدىمۇ قانداق دېگەن ئويغىمۇ كېلىپ قالغانسىز – ھە؟ لېكىن ئەنسېرىمەڭ،چۈنكى پۈتۈنلەي ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. بىر خەلقنىڭ ئارىسىغا پىتنە سېلىش ئۈچۈن بىر ئېغىز گەپ، بىر نەچچە ئادەم بولسا مەقسەتكە يېتىش ئۇنچە تەس بولمىسا كېرەك. خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللارچە باستۇرۇش سىياسىتى ئاستىدا ستوكخولم ئۇنىۋېرسال كېسىلىگە گىرىپدار بولۇش ئېھتىماللىقىمىز ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئارىمىزغا بەك كۆپ كۈچىمەيمۇ مەقستىگە يېتىش ئىمكانى بار ئەلۋەتتە. (ستوكخولم ئۇنىۋېرسال كېسىلى بولسا بىر خىل روھىي كېسەللىك بولۇپ، يەنى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ قىلمىشىنى يوللۇق دەپ قاراش ۋە ئاقىۋەتتە زۇلۇم قىلغۇچىغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئۆز قەۋمىگە زۇلۇم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە توردىن ئىزدەنسەڭلەر تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەنچىگە ئىگە بولىشىڭلار مۇمكىن. https://zh.wikipedia.org/wiki/%E6%96%AF%E5%BE%B7%E5%93%A5%E7%88%BE%E6%91%A9%E7%97%87%E5%80%99%E7%BE%A4)

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى يېقىن يىللاردىن بۇيان بۆلۈنۈش ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىدە بىر بىرىدىن گۇمان قىلىش، ھاقارەتلەش ھەتتا چەتئەل مېدىيالىرىغا <غەيۋەت >قىلىپ بېرىش……تىن ئېغىرلاپ ئادەم توپلاش، يېڭىدىن تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ ، مەۋجۇت تەشكىلاتلارغا قارشى يوسۇندا ھەرىكەت قىلىش دولقۇنى ئەۋج ئالدى. بۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان، ھەممە تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئىگە چىقالايدىغان بىردىنبىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى جار سالىدىغان غەلىتە ئەمما كىشى كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى.  يىللارچە داۋام قىلغان بۇ دە – تالاشلار ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق پايدا ئېلىپ كەلدى؟ نۆۋەتتە بارلىق تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە تەشكىلاتلار ھەمدە بارچە خەلق ئۆز ئارا تالاش تارتىش ۋە قارىلاشقا چۈشۈپ كېتىپ، دەۋا قىلىشتىكى مەقسىتىنى ئۇنتۇپ قالدى. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ۋە مەقسىتىمىز نىمە ئىدى؟ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ۋەتىنىمىزنى ئازاد قىلىش، مۇستەقىل قىلىش! مەقسىتىمىز خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ھالاك قىلىش ئىدى. نۆۋەتتە بىز قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى بارچە ئۇيغۇرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىرلەشكىلى بولغۇدەك كۈچنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ  بىردىنبىر دۈشمىنىمىز بولغان خىتايغا قارشى زور بىر قوشۇن شەكىللەندۈرۈش! مەيلى سىز قانچە ئىقتىدارلىق سىياسىئون، ئىقتىدارلىق رەھبەر ، ئىقتىدارلىق پائالىيەتچى بولۇڭ، سىز تالاشقان شۇ ھۆرمەت ۋە ئىمتىيازلار خىتاي ھالاك بولماي تۇرۇپ ھەرگىزمۇ سىزگە بېرىلمەيدۇ. تۆھپە تالىشىش مەيلى سىز خالاڭ ياكى خالىماڭ پەقەت ۋەتەن ئازاد ۋە مۇستەقىل بولغاندىلا ئاندىن بۇ يولدا كۆرەش قىلغانلارغا ئەمگىكىگە يارىشا تەقسىم قىلىنىدۇ. ئەگەر ۋەتەن بىر كۈن ئازاد بولمايدىكەن، سىز بۇ يەردە تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قېلىۋېرىسىز ۋە ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئارزۇيىڭىزنى ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە گۆرگە  ئېلىپ كېتىشىڭىزمۇ مۇمكىن. بىزنىڭ تارىختىكى ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىز ھالاك بولماستا ئاشۇ دۆلىتىمىزنى قۇرۇش يولىدا قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن تۆھپىكارلارنى خەلق بىلگەنمىدى؟ خىتايغا قارشى غۇلجا ۋەقەسى، ئۈرۈمچى ۋەقەسى، مارالبېشى ۋەقەسى، يەكەن ۋەقەلىرىدىكى قەھرىمانلارنى شۇ ۋەقەدىن بۇرۇن خەلق بىلگەنمىدى؟ شۇ ۋەقەلىكلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن شۇنداق بىر قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلغانلىقىنى ئاندىن بىلدۈق ۋە ئۇلارنى قەھرىمان دەپ تەرىپلەشتۇق. ۋەتىنىمىز مۇستەقىل بولغاندا ئەلۋەتتە بۇ قەھرىمانلىرىمىز تېگىشلىك تۆھپىلەر بىلەن تارىخىمىز سەھنىسىدە يۈكسەك مەرتىۋىلەرگە ئىگە بولىدۇ.

  1. نۆۋەتتىكى رېئاللىقىمىز

 

ھەرقانداق بىر ھاكىمىيەتكە قارشى كۈچ ئالدى بىلەن سىياسىي تۈس ئېلىشى كېرەك. يەنى تارىختىكى ئىنقىلابچىلىرىمىزمۇ مەلۇم بىر سىياسىي ئىدىيە ئاساسىدا تەشكىللىنىپ ھەرىكەت  قىلغان ۋە ئاقىۋەتتە ھاكېمىيەتكە قارشى غايەت زور كۈچ بولۇپ شەكىللىنەلىگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان خىلمۇ خىل تەشكىلاتلارنى قۇردى ھەم داۋاملىق قۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارزۇ- نىشانلىرى، ئېسىل پىلانلىرى بار ۋە بولغان. ئەمما نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دەۋاسىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك زور نەتىجىلەر قولغا كېلىپ باقمىدى؟ بۇنىڭدىكى بىردىنبىر سەۋەب  ئۇلارنىڭ زەنجىرسىمان ئىش تەرتىپىنى شەكىللەندۈرەلمىگەنلىكىدۇر. ئەلۋەتتە بىر تەشكىلاتنى نورمال ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن غايەت زور ئىقتىسادقا ئېھتىياجلىق بولىمىز. ئۇنداقتا بىزدە ئىقتىساد يوقمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئىقتىسادىي بار. ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە ھەر بىر تەشكىلات ئۆز ئىقتىسادىنى ئۆزى ئىشلىتىش، ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىش، ھېچكىمنىڭ ھېچكىم بىلەن كارى بولماسلىق ھەتتا بىر بىرى بىلەن رىقابەتلىشىش……..تەرەپدارى بولۇپ ئىقتىسادنى بىرلىككە كەلتۈرمىگەنلىكى ۋە ئىش بىرلىكى ھاسىل قىلمىغانلىقتۇر. شۇ سەۋەب، خەلقنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشىغىمۇ ئېرىشەلمىگەن. گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر تەشكىلاتلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى خالىسىمۇ، ئەمما شۇنداق قىلىشقا ئىككىلىنىپ قالغان.بولۇپمۇ  تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ ئاشكارە بولماسلىقى، يىغىلغان ئىئانە ۋە ياردەملەرنىڭ ھېساۋاتى ئېنىق بولماسلىقى، تەشكىلات ئىچىدە ئىقتىسادىي خىيانەتچىلىك ئەھۋاللىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلى تەشكىلاتلار خەلقنىڭ ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن  قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان. مۇشۇنداق شارائىتتا خىتايمۇ تەشكىلاتلار ئارىسىغا پىتنە سېلىشقا باشلىغان ۋە تەشكىلاتلارنى بىر بىرىگە قارشى تۇرىدىغان، بىر بىرىنى ياراتمايدىغان، تەشكىلات ئەزالىرى ئارىسىدىمۇ ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا بولۇپ، خەلق قايسى تەشكىلاتقا ئەگىشىش ياكى قوللاشتا قىىينىلىپ قالغان ئەھۋاللار كېلىپ چىققان. مانا ھازىر بۇ مەسىلىلەر ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئىقتىسادىي كۈچ بولماسلىق، چوڭ بىر كۈچ بولۇپ شەكىللىنەلمەسلىك،  تەشكىلاتلار ئۆز ئارا بىر بىرىنى چەتكە قېقىشتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر دەۋاسى بېشىدىكى تەشكىلاتلاردىن ئۈمىد كۈتۈپ كەلگەن نۇرغۇن شەخسلەرنىڭ دەۋا سېپىغا قوشۇلۇشىنى توسۇپ قويغان. ئۇنداقتا ئويلاپ باقايلى، ئۇيغۇر دەۋاسى شۇنچە يىللاردىن بېرى مانا مۇشۇ ھالەتتە داۋاملىشىپ كەلدى. نەتىجە چىقمىدى، بىز يەنە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ مۇشۇ ھالەتنى ساقلاپ مېڭىۋېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ ناۋادا خىتايدا چوڭ بىر سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ۋەتەن مۇستەقىللىقىگە پۇرسەت يارىتىلىپ قالسا بىز قايسى ھالىتىمىزدە يېڭى بىر تارىخىي دەۋرنى كۈتۈپ ئالالايمىز؟ بىزنىڭ كۈتۈپ ئولتۇرۇشقا ۋاقتىمىز بارمۇ؟ كېسىپ ئېيتىمەنكى ئەمدى ۋاقىت يوق! ئەمدىكى كۆرەشتە مۇستەقىل بولۇش ياكى يوقىلىشتىن باشقا يولىمىز يوق. ئەگەر مۇستەقىل بولۇشقا تەييار بولمايدىكەنمىز ئۇنداقتا ئۇيغۇر دېگەن سۆز بىر تارىخقا ئايلىنىشى مۇمكىن!

ھازىر قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز،  مەيلى سىز قانداق ئادەم بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر پەقەت خىتايغا قارشىلا بولسىڭىز، ھايات ۋاقتىڭىزدا ۋەتەننىڭ ئازادلىقىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەنسىز،  قەلبىڭىزدىكى ئۆچمەنلىكنى، ئايرىمىچىلىقنى، تەكەببۇرلۇقنى، ياراتماسلىقنى ، دۈشمەنلىكنى ۋە ھەممە ناچار قىلمىشلىرىڭىزنى تاشلاپ  پۈتۈن دىققىتىڭىزنى خىتايغا قارىتىڭ.ئەگەر شۇنداق قىلمايدىكەنسىز خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن چاپان ياپقان، ۋەتەن خەلقنىڭ ئازادلىقىغا توسقۇنلۇق قىلغان بولىسىز!

  1. قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

ئۇيغۇرلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ دېگەن بۇ سوئال مەن ئۈچۈن سالمىقى تولىمۇ ئېغىر بولغان سوئال بولسىمۇ، لېكىن  ئويلىغانلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇھىم ئىش دەپ بىلىمەن. قاراشلىرىمنى ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى بىلەن باشلايمەن.گەرچە ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى 200نەچچە يىللار بۇرۇن يېزىلغان ۋە ئۇيغۇر بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان بىر خىتابنامە بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى پىكىر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق دەپ قارايمەن. ئۇنداقتا بۇ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدە نېمىلەر دېيىلگەن ۋە ئۇنىڭ بىز بىلەن بولغان ئالاقىسىچۇ؟

مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنىڭ مۇقەددىمىسى:

بىزنىڭ قارىشىمىزچە تۆۋەندىكى ھەقىقەتلەرگە سۆز كەتمەيدۇ. ياراتقۇچى ئىنسانلارنى باراۋەر ياراتتى ۋە ئۇلارغا تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان ھوقۇقلارنى ئاتا قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھاياتلىق ھوقۇقى، ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە بەخت- سائادەتكە ئېرىشىش ھوقۇقلىرى بار. بۇ ھوقۇقلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلار ئارىسىدا ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى بولسا بويسۇنغۇچىلارنىڭ رازىلىقى بىلەن روياپقا چىقتى. ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت پەقەت يوقارقى ھوقۇقلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىكەن خەلقنىڭ ئۇنى ئۆزگەرتىش ۋە بىكار قىلىش ۋە قايتا ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش ھوقۇقى بولىدۇ.  يېڭى ھۆكۈمەت تايىنىدىغان پىرىنسىپ بولسا ھوقۇقنى كۈچىنى تەشكىللەش ئارقىلىق ئەڭ زور دەرىجىدە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بەختلىك ياشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. ھەقىقەتەن ئەستايىدىل ئويلىنىدىغان بولساق يەڭگىلتەكلىك بىلەن كىچىككىنە ۋاقىتلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇزۇن يىللىق ھۆكۈمەتنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئۆتمۈشتىكى بارلىق ساۋاقلاردىن شۇنى بىلدۇقكى، ھەرقانداق جاپا – مۇشەققەتلەر پەقەت بەرداشلىق بەرگىلى بولسىلا، ئىنسانلار ئادەتتە سەۋر قىلىشنى ئەۋزەل كۆرىدۇكى، ئۆزىلىرى ئۇزۇندىن بېرى كۆنۈپ قالغان بۇ ھۆكۈمەتنى بىكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى خالىمايدۇ. لېكىن، ھۆكۈمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، زورلۇق- زۇمبۇلۇق قىلسا ۋە ئىزچىل تۈردە بىرلا نىشاننى كۆزلەپ ماڭغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ خەلقنى مۇتلەق مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىغا ئالغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا خەلقنىڭ بۇ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرىۋېتىش ئارقىلىق كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭى بىر كاپالەت يارىتىش ھوقۇقى بولىدۇ.

مانا يۇقارقىلار ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنىڭ بېشىدىكى مۇقەددىمە بولۇپ، بۇ ھەم ئامېرىكىنىڭ 200يىلدىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قانۇن – سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسىدۇر. بۇ ئاساسلار بولغاچقىلا قانۇن تۈزۈملەردە قانداقلا ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەركىنلىك، ھۆرلۈك، باراۋەرلىك ۋە بەختنى قوغلىشىش ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچرىمايدۇ ۋە ئۇچرىمىغان.  بۇ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنىڭ يازغۇچىسى ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزدېنتى توماس جېففېرسون بولۇپ، ئۇنىڭ قەبرىسىگە ئۇنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنىڭ ئاپتورى ئىكەنلىكى يېزىلغان بولۇپ، قىزىقارلىقى ئۇنىڭ يەنە  ئامېرىكىنىڭ پرېزدېنتىمۇ بولغانلىقى پەقەتلا تىلغا ئېلىنمىغان.

بىز بۇ خىتابنامىگە قارايدىغان بولساق باشتا دېيىلگىنى ھەر بىر ئىنساننىڭ ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان تەبىئىي ھوقۇقلىرى بولىدىغانلىقى بولسا كەينىدە بۇ ھوقۇقلارنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى خەلق تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى سۆزلەنگەن. يەنى ھۆكۈمەت بەرپا قىلىشتىكى سەۋەب، خەلقنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش ياكى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ خىتابنامىدىكى بىزگە ئالاقىدار مەسىلە نىمە؟ ئۇ بولسىمۇ ئىنسانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان تەبىئىي ھوقۇقلارنىڭ ھېچكىم دەخلى – تەرۇز قىلىشقا بولمايدىغانلىقىدۇر. دېمەك بىز يارىلىشىمىزدىن ھۆر  يارىتىلدۇق. بىزنىڭ ياشاش ۋە بەخت – سائادەتنى قوغلىشىش ھوقۇقىمىز بار.

ئۇنداقتا بىزنىڭ ھوقۇقلىرىمىز قېنى؟ ۋەتىنىمىزنى خىتاي مۇستەملىكە قىلغان 70يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە خەلقىمىز ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان بۇ ھەق – ھوقۇقلىرىدىن تامامەن مەھرۇم ھالەتتە ياشاپ كەلدى. شۇنداقلا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە ئىنسانلىقتىن ھالقىغان زورلۇق، خورلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرىدى. ئۇنداقتا مىللەتنىڭ بۇ ھاكىمىيەتكە قارشى چىقىش، بۇ ھاكېمىيەتنى يوقىتىش ھەققى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار!   ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئۇيغۇر خەلقى ھەق – ھوقۇقلىرىنى خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا قوغدىشى ۋە ئۆز ھەق – ھوقۇقلىرىنى قولىغا ئېلىش يولىدا ئىزدېنىشى، كۆرەش قىلىشى كېرەك.  ئۇنداقتا خەلقئارا قانۇنلاردا بىزگە كېرەكلىك بولغان پايدىلىنىشقا تېگىشلىك قانداق قانۇن – نىزاملار بار ياكى بولغان؟

مەن بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدېنىشلەردىن كېيىن ب د ت نىڭ 1514-نومۇرلۇق قارارىدا مۇنداق قۇرلارنى ئۇچراتتىم. يەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1960-يىلى 14-دىكابىر مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەتلەر ياكى مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلغان. يەنى بۇ 1514-نومۇرلۇق ھۆججەت تۆۋەندىكىدەك 7 تۈرلۈك قارارنى ماقۇللىغان بولۇپ،ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  1. مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشتەك ئەھۋاللار نورمال ئىنسان ھوقۇقىنى رەت قىلغانلىق بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توسالغۇ بولىدۇ.
  2. ھەرقانداق مىللەتنىڭ قارار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ قارارغا ئاساسەن ئۇلار دەخلىسىز ھالەتتە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئورنىنى بەلگىلىسە، ئەركىن ھالەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، جەمىيىتى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرسا بولىدۇ.
  3. سىياسىي ، ئىقتىسادىي، جەمىيەت ۋە مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەردە يېتەرلىك تەييارلىقى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك مۇستەقىل بولۇشىنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.
  4. مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك خەلقكە قىلغان بارلىق قوراللىق ھەرىكەتلىرى ۋە باستۇرۇشلىرىنى توسۇش ئارقىلىق شۇ خەلقنىڭ تېنچ ، ئەركىن ھالەتتە ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللاش بىلەن بىرگە دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى لازىم.
  5. باشقىلارنىڭ باشقۇرىشىدا تۇرغان، ئاپتونومىيىسى بولمىغان رايونلار ۋە تېخى مۇستەقىل بولمىغان باشقا رايونلاردىمۇ دەرھال شۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇسى بويىچە مىللەت ، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئېرق ئايرىماستىن، شەرتسىز ۋە تولۇق ھالەتتە بارلىق ھوقۇقلارنى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئارقىلىق ئۇلارنى پۈتۈنلەي مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك.
  6. ھەرقانداق بۆلەكنى ياكى بىر دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى پارچىلاش ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشى ب د ت نىزامنامىسىگە خىلاپ قىلمىشتۇر.
  7. ھەرقانداق بىر دۆلەت باراۋەر شەكىلدە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغان ۋە بارلىق دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، ب د ت نىزامنامىسىگە، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ۋە بۇ خىتابنامىنىڭ تۈزۈملىرىگە بويسۇنۇشى كېرەك.

يۇقارقى ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ھەرقانداق بىر مىللەت  مۇستەقىل بولۇشقا ھوقۇقلۇق. ئەگەر بىر مىللەت باشقىلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغاندىن كېيىن ئېزىلىش، باستۇرۇشلارغا ئۇچرىغاندا قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار دېيىلگەن. يەنى ب د ت نىڭ 1514-نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن بىز خىتايدىن ئايرىلىپ ئۆز دۆلىتىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشىمىز ۋە بۇنىڭ

 

 

2.ئورتاق نىشان ئۈچۈن تەشكىللىنىشنىڭ رولى

ماقالەمنىڭ ئالدىنقى بۆلۈكىدە   بىزدە مۇستەقىللىق شەرتلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن ھازىرلانغانلىقى ۋە ب د ت نىڭ 1514-نومۇرلۇق ھۆججىتى ھەققىدە توختالغانىدىم. بۇ بۆلۈمىدە ئورتاق نىشانىمىز ئۈچۈن تەشكىللىنىشىمىزنىڭ دەۋايىمىزغا ئېلىپ كېلىدىغان ئىجابىي تەسىرى ھەققىدە توختىلىمەن.

تەشكىل دېگەن سۆز خىتاي مۇستەملىكىسىدە ياشاپ باققان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئانچە ناتونۇش سۆز بولمىسا كېرەك. چۈنكى خىتايلار ۋەتىنىمىزدە ھەممە ئىشتا تەشكىلنىڭ يول-  يورىقى بويىچە ئىش قىلىش، تەشكىلگە بويسۇنۇشنى تەكىتلىشەتتى. ئىدارە ئورگانلاردىمۇ تەشكىلىي تۈزۈم ۋە تەشكىلچانلىق كۆپرەك تەكىتلىنەتتى. ئۇنداقتا تەشكىللىنىش دېگەن زادى نىمە؟ تەشكىللىنىش دېگىنىمىز كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا كۆپ خىل ئامىللارنىڭ بەلگىلىك يۆنۈلۈش بويىچە سىستېمىلىق بىرىكىشى بولۇپ، ئېنىقراق ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ مەلۇم مەقسەت ۋە نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سەۋەب ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بىر كوللېكتىپ ياكى گۇرۇھتۇر. مەسىلەن پارتىيە گۇرۇھلىرى، ئىشچىلار گۇرۇھى، كارخانا گورۇھى، ھەربىي گورۇھلار دېگەندەك. دېمەك تەشكىللىنىشنىڭ مەقسىتى ئومۇمنىڭ مەلۇم ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن گۇرۇھلىشىش ئىكەن. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئورتاق ئارزۇسى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار، ئۇ بولسىمۇ ۋەتەننى خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە مۇستەقىللىققە ئېرىشىش. ئۇنداقتا بىز مۇشۇ نىشان ئۈچۈن تەشكىللەنسەك بولامدۇ؟

ئەلۋەتتە بولىدۇ. يەنى ۋەتىنىمىز خىتاي مۇستەملىكىسىگە ئۆتكەندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر خىل يوسۇندىكى تەشكىلاتلار ئارقا ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەننى مۇستەقىل قىلىشتىن ئىبارەت بىرلا نىشان ئۈچۈن توپلانغانلار ئىدى. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى ماقالەمنىڭ بىرىنجى بۆلىكىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك دەۋا ئىشلىرىمىزدا كىشىنى خۇشال قىلغۇدەك چوڭ نەتىجىلەر تېخى قولغا كەلتۈرۈلگىنى يوق. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە مەن مۇنداق قارايمەن. يەنى دەۋا يولىدىكى بۇ تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئاجىز، ئادەم كۈچى چەكلىك ۋە ئىش بېشىدىكىلەر ئايرىم ئايرىم جايلاردا تارقاق ئىش ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا ھەمدە دەۋا ئىشلىرى كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ ئۆز خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدىن ئېشىنىپ قىلىىدىغان ھەرىكەت بولغىنى سەۋەب چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان. گەرچە <بارىن ئىنقىلاۋى>دەك چوڭ ئىنقىلابلاردىن كېيىن چەتئەللەردە بىر قىسىم سىياسىي چولپانلار مەيدانغا كېلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىدا بىردىنلا جانلىنىش ھالىتى شەكىللەنگەن ۋە ئىقتىسادىي ياردەملەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما مەشغۇلاتتىكى خاتالىق ياكى باشقا نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى بىر مەزگىللىك جانلىنىشتىن كېيىن چېكىنىش ياكى ئىزىدا توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. 2017- يىلىدىن باشلاپ  ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈپ تاشلىنىشى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زور تۈركۈمدە لاگىرلارغا قامىلىشى قاتارلىق پەۋقۇللاددە ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىدىن دەۋا ئىشلىرى قايتىدىن جانلىنىشقا يۈزلەندى. ئەمما ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئومۇمىي خەلق دەۋاغا ئاۋاز قوشۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە تەشكىلاتلاردىكى ئىناقسىزلىق ۋە دۈشمەنلىشىش ئەھۋالى خەلقنىڭ دەۋاغا بولغان قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىش بىلەن بىرگە ئەسلىدىمۇ پسىخىكىسىدا ئومۇميۈزلۈك مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىغان بىرخەلقنىڭ روھىيىتىنى سۇندۇرىدىغان ۋە كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان پاسسىپ ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. خاتالىق زادى كىمدە؟ تەشكىلاتتىمۇ؟ شەخسلەردىمۇ؟ خەلقلەردىمۇ؟ ياكى دەۋايىمىزنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەردىمۇ؟

بۇ ھەقتە مېنىڭ قاراشلىرىم مۇنداق، يەنى سەۋەب ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدە. بىز خاتالىققا يولۇققىنىمىزدا ئالدى بىلەن مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ بېقىشىمىز كېرەك. تەشكىلات رەھبەرلىرى بولسۇن ياكى ئەزالىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى بولسۇن، دەۋايىمىزدا مەسىلە كۆرۈلگەندە ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ بېقىشىمىز كېرەك. بىز زادى نېمىنى خاتا قىلدۇق؟

مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىمىزدا، تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزدا چاتاق كۆرۈلدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەردىنمۇ؟

مەن بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئامىلنىڭ سەۋەبىدىن دەپ ئويلايمەن. يەنى ،

  • ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ مۇستەقىل بىر گەۋدە شەكلىدە ئۆز ئالدىغا گۇرۇھ تەشكىللەپ، ئايرىم ئىش پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى. يەنى ئەڭ مۇھىمى ئىقتىسادىي بىرلىك، ئىش بىرلىكى بولماسلىقى؛
  • مەۋجۇت تەشكىلاتلارنىڭ بوسۇغىسى پەس، كىرمەك ئاسان بولۇشى سەۋەبلىك ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەزا بولۇش ئىمكانىنىڭ يۇقىرىلىقى

تەشكىلاتلارنىڭ مۇستەقىل بىر بىرىدىن مۇستەسنا ھالدا ئايرىم ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ئەسلىدىمۇ ئادەم كۈچى ئانچە زور بولمىغان ئۇيغۇر دەۋاسىدا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش دەۋا قىلىشقا قارىغاندا ئۈنۈمى ئانچە يۇقىرى بولمايدىغانلىقى ئېنىق. ئەگەر بۇ ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار ئۆز دائىرىسىدە ئوخشىمىغان ئىش پائالىيەتلەرنى قىلسىمۇ ئەمما ئورتاق بىر گەۋدىگە جەملىنىپ، زەنجىرسىمان ئىشلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمى بولاتتى .

تەشكىلاتلارنىڭ بوسۇغىسىنىڭ پەس بولۇشى بۇ تەشكىلاتلارغا ھەرقانداق قاتلامدىكى ھەرقانداق ئىدىيىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەتتا خىتاي جاسوسلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلىغان. يەنى بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ جاسوسلىرىمۇ خالىغان ۋاقىتتا خالىغان ئۇسۇلدا دەۋا سېپىغا سۇقۇنۇپ كىرەلىشى ۋە كىچىككىنە ئىختىلاپلارنى چوڭايتىپ، ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىش ۋە ھەتتا تەشكىلاتنى پالەچ ھالەتكە ئەكېلىپ قويۇشتەك رولنىمۇ ئويناپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى شۇنچە قۇدرەتلىك ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىغىمۇ ئىشپىيۇنلىرىنى سېلىپ، جەمىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلالىغان خىتاي چەتئەلدىكى ئازغىنە ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىدا پىتنە سېلىش ۋە دەۋا سېپىنى قالايمىقان قىلىش ھەتتا دەۋانى سۇغا چىلاشتۇرۇشنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ. ئۇنداقتا ئەھۋالىمىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك تەرتىپسىز، بوسۇغىسى تۆۋەن ۋە دۈشمەننىڭ پايدىلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئەھۋالدا ئىكەن، بۇنداق ئەھۋالنى قانداق قىلغاندا ئۆزگەرتەلەيمىز؟ مەن بۇ ھەقتە بەك كۆپ ئىزدەندىم . دەۋاسىدا ئۇتۇق قازانغان ۋە قازىنىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ  مۇستەقىللىق يولىدا ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرى، قازانغان ئۇتۇقلىرى ھەققىدە كۆپ ماتېرىياللارنى كۆردۈم. شۇنى ھېس قىلدىمكى، سىياسىي دەۋادا ئۇتۇق قازانغانلاردىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك بولسا تەشكىللىنىپ ھەرىكەت قىلىش، ئورتاق نىشان تىكلەش ۋە  ھەممىباپ يول تۇتۇش ئىكەن.  بۇ ھەقتە مەن ئالدىنقى ماقالەمدە تىلغا ئالغان ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. يەنى ئامېرىكا دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇشتىن ئاۋۋال ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى 13 ئۆلكە بولۇپ، چەكتىن ئاشقان باج ۋە سېلىقلارنىڭ سەۋەبى ئۇلار مۇستەقىللىق ئۇرۇشى يولىنى تاللىغان ۋە ئاقىۋەت ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان. غەلىبەدىن كېيىن بۇ 13 ئۆلكىنىڭ كىشىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا يەنىلا بىر ھۆكۈمەتكە ئېھتىياجى بارلىقىنى ھېس قىلىشقان ۋە بۇ ھەقتە قاتتىق ئىزدەنگەن. ئاقىۋەتتە مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئامېرىكا دۆلىتىنى قۇرغان. ئۇلارنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا تۈرتكە بولغىنى مۇستەملىكىلىكتىن قۇتۇلۇش بولغان بولسا، قۇدرەتلىك ئامېرىكا دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقالىشىدىكى سەۋەب تەشكىللىنىپ ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىش ۋە ئىتتىپاقلىشىشنىڭ نەتىجىسىدىن ئېرىشكەن غەلىبىسى سەۋەبلىك بولغان.  دېمەك بىرلىكنىڭ ئۆزى كۈچ دېمەكتۇر. ھەممەيلەن <ئۇيغۇر خەلقى ئويغاندى>  دېگەن سۆزلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرۈشمەيدۇ. توغرا ئويغاندۇق. ئەمما ئويغانغاندىن كېيىنكى بۇ كۈچنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان بىر سىستېما بولمىسا قايتا ئۇخلاپ قېلىش ھادىدىسى كۆرۈلۈشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.

 

ئۇنداقتا قانداق تەشكىللىنىمىز؟  

تەشكىللىنىشتىكى مەقسەت  ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى غايەت زور كۈچ پەيدا قىلىش. ئۇنداقتا بۇنداق بىر كۈچنى قانداق شەكىللەندۈرىمىز؟

  • سىياسىي تەشكىللىنىش : بۇ دەل بۈگۈنكى تېمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى بولۇپ، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولغان بولغان يولدۇر! تەشكىللىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بارلىق تەشكىلاتلار ۋە تەشكىلات ئەزالىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن  ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىل بولۇپ خىتاي بىلەن ۋەتەن دەۋاسىنى دۇنيا سەھنىسىدە ئېلىپ بارالايدىغان بىر ھۆكۈمەت  قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. بەلكىم بۇ سۆزۈمدىن نۇرغۇن كىشىلەر نۆۋەتتىكى مەۋجۇت تەشكىلاتلىرىمىزدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋە سۈرگۈندى ھۆكۈمەت……..لەر بار تۇرسا يەنە ھۆكۈمەت قۇرامدۇ؟ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىزدا خەلقنى قايىل قىلىش ۋە پۈتۈن خەلقنىڭ دەۋا ئىشلىرىغا بىردەك ئاۋاز قوشۇشى، شۇنداقلا  ئادىل ۋە كۈچلۈك بولغان ، خەلقنى ئىشەندۈرەلەيدىغان بۈيۈك بىر دەۋا قوشۇنى بولۇپ شەكىلىلنىش ئۈچۈن يېڭى بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.  يەنى خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپقا ئېرىشىش، ئىقتىسادىي ياردەملەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ ھۆكۈمەت خەلقئارانىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقنىڭ بىردەك قوللىشغا ئېرىشكەن بولۇشى شەرت. ھۆكۈمەت بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن بىز ئاندىن خەلقئارادا خىتايغا قارشى بىر كۈچ سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىمىز ۋە باشقا دۆلەت ۋە شەخسلەرنىڭ ھەمكارلىشىش، ياردەم بېرىش، قوللاش ئوبيېكتىغا ئايلىنالايمىز.
  • ھۆكۈمەت قۇرۇش تەرتىپى: ئىشلارنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمىتىگە بىزنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىمىز ئاتالغان د ۇ ق بارچە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە چاقىرىپ سايلام ئېلىپ بېرىشى كېرەك. (بۇ يەردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى بۇ ئىشقا باشلامچى بولۇش تەكلىپىنى بېرىشىم پەقەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدىغان ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى نوپۇزلۇق بىر ئورگان بولغانلىقى سەۋەبتىندۇر.)يەنى مۇھاجىرەتتىكى <ئۇيغۇر دەۋاسىغا يېتەكچىلىق قىلىش ئىقتىدارىمىز بار> دەپ قارايدىغان بارلىق تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ھەممىسى بۇ سايلامغا  قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىشى، بىرمۇ تەشكىلات ئايرىپ قويولماسلىقى، بىرمۇ شەخس سايلامنىڭ سىرتىدا قالماسلىقى كېرەك.
  • سايلامغا تەييارلىق قىلىش تەرتىپى: سايلامغا قاتناشماقچى بولغان بارلىق تەشكىلاتلار بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قارشى پىلان لايىھەلىرىنى يازما ھالەتتە تۈزۈپ چىقىشى ۋە ئەركىن مېدىيالار ئارقىلىق خەلققە ئۆز پىلانلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشى ۋە لايىق قوللاشلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك.

 

  • سايلام ئۆتكۈزۈش تەرتىپى: ھەرقايسى تەشكىلاتلار ئۆز پىلانلىرى بويىچە سوشىيال مېدىيالاردا نۇتۇق سۆزلەش ۋە قوللاشقا ئېرىشىش باسقۇچىنى تاماملىغاندىن كېيىن سايلام دۇق نىڭ يېتەكچىلىكىدە چاقىرىلىشى كېرەك.

 

  • سايلام نازارىتى: سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى سايلامغا قاتنىشىدىغان ھەربىر تەشكىلاتنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولغان خەلق ئىچىدىن ئىككى نەپەردىن سايلام نازارەتچىسى سايلاپ چىقىش، ئاندىن سايلاپ چىقىلغان بۇ نازارەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇش.

 

  • سايلام نەتىجىسى: بىر نەپەر خەلق سايلىغان پرېزدېنت، مەتبۇئات باياناتچىسى، تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى دېگەنگە ئوخشاش رەھبەرلىك قاتلىمى سايلاپ چىقىلىشى كېرەك. بۇلاردىن باشقا ئىچكى كابېنت ۋە كابېنت ئەزالىرى سايلىنىشى ۋە  كاتىپ بۆلۈمى، ھېساۋات بۆلۈمى تەسىس قىلىنىشى كېرەك.  سايلام تەرتىپى،سايلام ئۆتكۈزۈش مۇددىتى ، شەرتلىرى، قاتناشقۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ نىزامنامىسى……ۋەھاكازالار ئېلان قىلىنىشى لازىم.

 

  • يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى: مەيلى قايسى تەشكىلات بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىقسۇن باشقا تەشكىلاتلار ۋە بارچە خەلق سايلامدا ئۇتۇپ چىققان تەشكىلات ئاساسىدا شەكىللەنگەن يېڭى ھۆكۈمەتكە ئەگىشىشى كېرەك. يېڭى ھۆكۈمەتمۇ ئەگەر ۋەتەن مۇستەقىللىقى قولغا كېلىش پۇرسىتى يېتىلسە دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان قانۇنلۇق ھۆكۈمەت سۈپىتىدە دۆلىتىمىزنى ئۆتكۈزىۋېلىشقا ھوقۇلۇق بىر ھۆكۈمەت بولۇش شەرتىنى ھازىرلىشى كېرەك. يېڭى ھۆكۈمەت ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى سۈپىتىدە بارلىق دۆلەتلەر بىلەن دېپلوماتىك ئالاقە باغلىشى ھەمدە يېڭى ھۆكۈمىتىمىزنى خەلقئارادا بىردەك قوللاشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

 

خاتىمە:

زۇلۇم چەكتىن ئاشقان ئەمما بىزدە زۇلۇمغا قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىنمىغان بۇ پەيتتە، ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە دېمۇكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئېلىپ بېرىش نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىدۇر.  ۋەتەننى ئازاد قىلىش ۋە ئەركىنلىك، مۇستەقىللىققە ئېرىشىش، شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش نورمال بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ۋە خەلقىمىزنى ئۆز زېمىنىدا ئۆزى خالىغان شەكىلدە ئەركىن ۋە باراۋەر، باياشات ۋە بەختلىك ھاياتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن مۇقەررەر ھالدا دۇنيادىكى زور كۆپ سانلىق دۆلەتلەر تۇتقان يولدا شۇلار بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە مېڭىشىمىز كېرەك. يەنى دىن بىلەن سىياسەتنى پۈتۈنلەي ئايرىشىمىز كېرەك. بۇ دېگەنلىك دىنىي ئېتىقادىمىزدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك ئەمەس بەلكى دېمۇكراتىك دۆلەت قۇرۇش ئاساسىدا دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى  ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھۆرلۈككە چىققان ھالەتتە ئۇ زېمىندا نەچچە ئەۋلات ياشاپ كەلگەن خىتاي پۇقرالىرىنى قوغلاپ چىقىرىش ياكى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بۇ مەيلى بىز قوبۇل قىلايلى ياكى قىلمايلى ھامان بىز يۈزلەنمىسەك بولمايدىغان ئاچچىق رېئاللىق.  چۈنكى ھەر ئىككى ئۇسۇل خەلقئارا نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشتۇر. ناۋادا تەليىمىز ئوڭدىن كېلىپ خىتايلار ۋەتىنىمىزنى تاشلاپ بېرىپ ھەممىسى چىقىپ كەتكەندىمۇ خىتايدىن ئۆيلەنگەن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ۋە بىز بىلەن شۇ زېمىننىڭ تارىخىغا ئورتاق شاھىد بولۇپ ياشاپ كەلگەن باشقا قېرىنداش مىللەتلەرمۇ شۇ زېمىندا داۋاملىق ياشىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىمۇ قوغدىلىشى، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىغىمۇ ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. سىياسىي تۈزۈلمىمىز دۆلەت ئەھۋالىمىزغا ئۇيغۇن بولۇشى بىلەن بىرگە ھەممە ئورتاق قوبۇل قىلىشى كېرەك. يېڭى قۇرۇلغان دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىزدە قوشنا ئەللەر بىلەن دوستانە ئۆتەلەيدىغان، باشقىلارغا خەتەر تەھدىتى پەيدا قىلمايدىغان، ئۆزىمىزگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ خاتىرجەملىك بېرەلەيدىغان تۈزۈم يەنىلا دۇنيا ئېتىراپ قىلغان دېمۇكراتىك تۈزۈمدۇر. دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇش بىزنىڭلا رايىمىز بىلەن روياپقا چىقمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىش دەۋاسىنى قىلىۋاتقىنىمىزدا بىزنىڭ دەۋايىمىزنى قوللايدىغان ۋە بىزنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەرمۇ بولۇشى كېرەك. ئەگەر قوللاشقا ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمەيدىكەنمىز دۆلەت قۇرۇش بىر چۈش بولۇپ قېلىشى ئېھتىمال ئەلۋەتتە.

ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق دۆلەت قۇرۇش تەجرىبىمىزدىن مەلۇم بولدىكى دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۆز خەلقىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان بىر دۆلەت قۇرۇش بىلەنلا قالماي، بەلكى دۇنيا قوبۇل قىلىدىغان ۋە باشقىلارغا قورقۇنچ، ئەندىشە ئېلىپ كەلمەيدىغان، ھەممىباپ بىر تۈزۈمدىكى دۆلەت بولىشىمىز كېرەك. يەنە كونا سەنەم بويىچە ياكى پانئىسلام ياكى پانتۈركىزىمنى مىللىي مەنپەئەتىمىزنىڭ ئۈستىگە قويىدىكەنمىز تارىخ يەنە تەكرارلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى ھېچكىم دۇنياغا تەھدىت بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان بىر دۆلەتنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى خالىمايدۇ!

 

 

Share
1706 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.