logo

trugen jacn

مىللىي ئازادلىق يولىدا ئويلىنىش -2

 

mehmet-emin-.-1

 

مەمەت ئەمىن ھەزرەت

 

تۈرك تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان؛ ئەندەر قاراخانلى

 

 

 

پەقەت خىتايلا شەرقىي تۈركىستاننى مالىمان قىلمايدۇ

 

ئۆز مەيلىمىزگە قويىۋېتىلسەك، شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان مالىمانچىلىق ۋە بۆلۈنۈشلەرنى ئەتراپلىق تەشكىللەش ۋە تىزگىنلەش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنى ئەسلى نىشانغا قارىتا تەربىيىلەپ ئاڭلىق ھالغا كەلتۈرۈش ئانچە قېيىن ئەمەس. چەتئەلدىن سوزۇلغان قارا قوللارنى بايقاش ۋە ئۇلارنىڭ بىزنى ئويۇنغا سېلىپ، مالىمانچىلىق پاتقىقىغا تىقىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەممىدىن قېيىن.

شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى باشلانغاندا، تەكچىدە توپا بېسىپ ياتقان ياكى ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن بارلىق مەسلىلەر تۇيۇقسىز تەرەپ – تەرەپتىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدۇ. بۈگۈن ئۇيغۇرلارنى رەھىمىسىزلىك بىلەن پىچكا قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان چوڭ، كۈچلۈك دۆلەتلەر، كۈچلەر ۋە خوشنا ئەللەر ئۆز مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۈستىمىزدىن كۈچكە ئىگە بولۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان توڭلىتىپ قويۇلغان ئىددىئولوگىيىلىك ئوخشاشماسلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆز مەنپەئەتىگە ماس ھەرىكەتلەرنى ئوڭايلا ئېلىپ بارالايدۇ.

بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە مىللىي داۋانىڭ ئالدىنقى سېپىدە يەر ئالغان شەخسلەر ئارىسىدا، بۇ مۇقەددەس داۋانى مەنپەئەت ئېرىشىش ۋە شۆھرەتكە ئىگە بولۇش ۋاستىسى دەپ قارايدىغان؛ « شەرقىي تۈركىستان » ۋە « ئۇيغۇر » ئاتالغۇلىرىنى ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاستە قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان؛ ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەت ۋە باشقا دۆلەت جاسۇسلۇق تەشكىلاتلىرىغا مەخپىي ( قوشۇمچە ) خىزمەت قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قۇچقىغا ئولتۇرغان « ئۇيغۇرلار » يوق ئەمەس. بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ناچار ۋە يىرگىنىشلىك ئۆتمىشى، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسى بىلەن ھېچقانداق بىر شەكىلدە ھېسسى ۋە ئورگانىك رىشتىسىنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇرۇش باشلانغاندا، ئۇلار قۇچقىدا ئولتۇرغان ۋە نەپ ئالغان دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئانا ۋەتىنىمىزگە ئەۋەتىلىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەر ھەر خىل مەقسەتلەر ئۈچۈن پايدىلىنىپ كەلگەن ۋە پايدىلىنىدىغان « ئۇيغۇر » ئىسىملىك بۇ شايكىلار ئىستىخىيلىك ھالدا ئېلىپ بارىدىغان زىيانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى مالىمانچىلىق قاينىمىغا غەرق قىلىشتا؛ شۇنداقلا بېيجىڭنىڭ بۇ رايۇندىكى رەزىل پىلانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز بىر شەكىلدە ياردەم قىلىدۇ. ھەر خىل ئىددىئولوگىيىلىك ۋە مەزھەپ خاراكتېرلىق گۇرۇپپىلارغا قەيەردىن كەلگەنلىكى نامەلۇم بولغان قورال – ياراق قاتارلىق ياردەملەر كۆپەيگەنسىېرى، تارىم ۋە ئىلى دەرياسى قىزىل رەڭدە ئېقىشقا باشلايدۇ. مانا بۇ ۋاقىتتا پەقەت بىزلا ئۆزىمىزگە يىغلايمىز. بۇ ھالغا چۈشۈپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، خوشنىمىز ئافغانىستاننىڭ يېقىن تارىختا بېشىدىن ئۆتكەنلىرىگە قاراپ باقساق تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

 

ئافغانىستان نېمە سەۋەپتىن ۋە قانداق بولۇپ بۈگۈنكى ھالغا چۈشۈپ قالدى؟

 

ئافغانسىتان پادىشاھى زاھىر شاھ 1964 – يىلى قايتىدىن ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزدى ۋە ئامېرىكا ئاساسى قانۇنىنى ئۆرنەك قىلىپ يېڭى ئافغان ئاساسىي قانۇنىنى يولغا قويدى. خەلققە  كەڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكىراتىك ھەقلەر بەرگەن بۇ ئاساسىي قانۇندىن پايدىلانغان سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي، ئافغانىستاندا ئۆزىگە مايىل تەرەپتارلارنى ۋە تەشكىلاتلارنى تەشكىللەشكە باشلىدى. موسكىۋا تەرەپتىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەنگەن ئافغانىستان كوممۇنىستلىرىنى، كېيىنكى يىللاردا خىتايلار بىر – بىرىگە دۈشمەن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلىۋېتىشكە مۇۋەپپەق بولدى. 1968 – يىلى موسكىۋا تەرەپتارلىرى « پەرچەم »؛ بېيجىڭ تەرەپتارلىرى « شۇلە » ناملىق گېزىت ئەتراپىدا ئۇيۇشقان ئىككى زىت ۋە دۈشمەن كوممۇنىست پارتىيىگە ئايلاندى. كېيىنكى مەزگىلدە خىتاي، موسكىۋا تەرەپتارى بولغان « پەرچەم – بايراق » كوممۇنىستلىرىنى يەنە ئىككىگە بۆلىۋېتىشكە مۇۋەپپەق بولدى. پەرچەمدىن ئايرىلغان تاھىر بەدەخشى باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا « مىللىي سىستېما » پارتىيسىنى قۇردى. بۇ پارتىيە ئافغانىستاننىڭ چەت رايۇنلىرىدا ماۋ زېدوڭنىڭ يەرنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزىۋېلىش سىياسىتىنى ئۆزىگە پىرىنسىپ سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى. مۇھاپىزىكار بىر كىشىلەر، قەۋملەر ۋە قەبىلىلەر دۆلىتى بولغان ئافغانىستاندا، بۇ ئەلنىڭ ئىككى چوڭ كوممۇنىست خوشنىسى، ئىسلام دىنىنى رەت قىلىدىغان ۋە ئۆز ئىچىدە بىر – بىرىگە دۈشمەن بولغان، سۈركىلىشىپ تۇرىدىغان ئۈچ كوممۇنىست پارتىيىنى، مۇسۇلمان ئافغانىستان خەلقىنىڭ بېشىغا بالا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن كەڭ مۇسۇلمان ئامما ۋە قەبىلىلەر نارازلىقلىرىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ نارازلىق ئىسيانغا ئايلاندى. دۆلەت ۋەزىيىتى كۈندىن كۈنگە يامانلىشىپ مالىمانچىلىق گىرداۋىغا ئىتتىرىلىۋاتقانىدى. 1973 – يىلى 17 – ئىيۇلدا زاھىر شاھ تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان سابىق باش مىنىستىر ۋە قېيىن ئىنىسى گېنىرال مۇھەممەد داۋۇتخان، موسكىۋا ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ئوفېتسىرلارنىڭ قوللىشى بىلەن ھەربىي ئۆزگۈرۈش قىلىپ، زاھىر شاھنى ئىككىنچى قېتىم ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ۋە جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۆزىنى جۇمھۇر رەئىسى ۋە باش مېنىستىرلىككە تەيىنلىدى. ئافغانىستاندىكى سىياسى ۋە ئىجتىمائى داۋالغۇش روس ۋە خىتاي رىقابىتى سەۋەبىدىن خەتەرلىك نوقتىغا قاراپ ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. موسكىۋانىڭ ئەپلەشتۈرۈشى بىلەن قايتىدىن بىرلەشكەن ئافغان ماركسىزمچىلىرى، 1977 – يىلى 27 – ئاپرېلداھەربىي ئۆزگۈرۈش قىلىپ داۋۇتخاننى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ۋە 28 – ئاپرېلدا « دېموكىراتىك ئافغانىستان جۇمھۇرىيىتى » قۇرۇلغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى. بۇ قېتىمقى ھەربىي ئۆزگۈرۈشنىڭ يېتەكچىسى نۇرمۇھەممەت تاراقى ئالدى بىلەن خىتايپەرەست كوممۇنىستلارغا، ئاندىن ئۆز ئىچىدىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارغا قارىتا تازلاش ئېلىپ باردى. 1978 – يىلىدا بەش مىڭدىن ئارتۇق سوۋېت مۇتەخەسىسى ئافغانىستانغا كەلدى. كابۇل كوچىلىرىدا ئاخشاملىرى يوتىسى ئوچۇق سېرىق روس خوتۇن – قىزلىرى بىلەن ئېرماش – چىرماش بولۇپ كەتكەن ئافغان ئوفېتسىرلىرى كۆپيىشكە باشلىدى. بۇ سەۋەپتىن دىندار ۋە مىللەتچى ئافغانلار كوممۇنىستلارغا قارشى قوراللىق ھەرىكەتنى باشلىدى ۋە بۇ ھەرىكەت ناھايىتى تىزلا ئەۋج ئېلىپ، ئافغانىستاننىڭ ھەممە تەرىپىگە يېيىلدى. 1979 – يىلىنىڭ باشلىرىدا ئافغانىستاننىڭ يېرىمى مۇجاھىدلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئافغان خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرالمىغان ئېمپورت قىلىنغان مەجلىس باشلىقى، باش مىنىستىر ۋە باش قوماندان تاراقى، سوۋېت قىزىل ئارمىيسىنى ياردەمگە چاقىردى ( تاراقى 1978 – يىلى 5 – دېكابىردا موسكىۋاغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا سوۋېت قىزىل ئارمىيسىنىڭ ئافغانىستانغا كىرىش يولىنى ئاچقان ئىدى ). 1979 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئافغانىستانغا 20 مىڭدىن ئارتۇق سوۋېت ئەسكىرى كىرگەن بولسىمۇ، قوزغىلاڭ ئافغانىستاننىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى. تاراقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھافىزۇللاھ ئامىن باشچىلىقىدىكى گۇرۇپ تېخىمۇ قاتتىق قوللۇق قىلىشقا باشلىدى. 1979 – يىلى 24 – دېكابىردا سوۋېت ھەربىي ئايروپىلانلىرى كابۇل ئايرۇدۇرمىغا ئەسكەر چۈشۈرۈشكە باشلىدى. 27 – دېكابىردا ھۆكۈمەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بىر قىسىم ئافغان ئارمىيسىنى قورالسىزلاندۇردى. ئىلگىرى تاراقى تەرىپىدىن ئافغانىستاندىن سۈرگۈن قىلىنىپ، موسكىۋاغا سېغىنغان بابراق قارمان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بىلەن بىرگە ئافغانىستانغا كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن رەقىبى ھافىزۇللاھ ئامىننى ئۆلتۈرگۈزدى ۋە باشقا كوممۇنىستلارنى تۈرمىگە تاشلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمانى ئاستىدىكى ئافغانىستان تۇپرىقى جەسەت ئېكىنزارلىقىغا ئايلاندى. 1979 – يىلى بۇ رايۇندىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىراننى ئىسلام ئىنقىلابى نەتىجىسىدە قولدىن چىقىرىپ قويغان ۋە ئافغانىستاننى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە تارتقۇزۇپ قويغان ئا ق ش، بۇ ۋەقەلەرگە ھەيرانلىق ئىچىدە شاھىت بولۇشقا مەجبۇر بولدى. ئامېرىكا دەرھال ھۇشۇنى يىغىپ، سەئۇدىي ئەرەبىستان ۋە پاكىستاننى يېنىغا ئالدى ۋە ئافغانىستاندا دۇنيا مۇجاھىدلار قوشۇنىنىڭ تاجاۋۇزچى سوۋېت ئارمىيىسىگە قارشى ئۇرۇشىنى تەشكىللەشكە باشلىدى…36 يىلدىن بۇيان ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىدىن چىقالمايۋاتقان ئافغانىستاندا، مەيلى موسكىۋانىڭ تەشكىللىشى بىلەن ماركىسىزمنى ئافغانىستانغا ئېلىپ كىرگەن يولداش يېتەكچىلەر بولسۇن، مەيلى ۋاشىنگىتۇننىڭ تەشۋىقى ۋە ياردىمى بىلەن ئەپسانىۋى قەھرىمانلارغا ئايلانغان مۇجاھىد يېتەكچىلەر بولسۇن، ھەممىسى ئافغانىستاندىكى ئىچكى ئۇرۇشتا تارىخى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىنلا كۆزدىن يوقۇتۇلدى. ئافغانىستان ئۈچۈن كۆرەش قىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنىڭ بۈگۈن ئافغانىستان مازىرىمۇ يوق. ماركىسىزمچى ئافغان كوممۇنىستلار بولسۇن ياكى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن جىھا قىلغان مۇجاھىدلار بولسۇن، ھەممىسى بۇ يولغا چىققاندا خىيالىدىكى « جەننەت ئافغانىستان »نى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغانىدى. ئەمما ئۇلاردىن ئافغانىستانغا ئازاپ ۋە كۆز يېشىنىڭ مىراس قالىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغانىدى. بۈگۈنكى ئافغانىستان بارلىق مىللەتلەر / دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر ئىبرەت مۇزېيى سۈپتىدە كۆز ئالدىمىزدا تۇرماقتا 

باتۇر، مېھماندوست، ئاق كۆڭۈل ھەر مىللەت خەلقى تارىختىن بۇيان قېرىنداش بولۇپ بىرلىكتە ياشاپ كەلگەن ئافغانىستان، ئۆز ئۇقۇمۇشلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن تارىخى خاتالىقى سەۋەبى نەتىجىسىدە، مۇسۇلمانلىقنىڭ خارلىنىشى بەدىلىگە كۈنىمىز دۇنيا تەرەققىياتىدىن 100 يىل ئارقىدا قالدى. 

بۈگۈن خىتاي، تالىبان يېتەكچىلىرىنى بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدە مېھمان قىلىۋاتىدۇ. خىتاي دىپلوماتلىرى تالىباننىڭ دۇبەيدىكى ئىشخانىسىنى پات – پات زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان مېھمانلاردۇر. خىتاي، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئا ق ش پۈتكۈزەلمىگەن قايسى پىلاننىڭ كويىدا بولىشى مۇمكىن؟ ئافغانىستاندا چوڭ كۈچلەرنىڭ كۈچ سېنىشى تېخى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگىنى يوق.

ۋىرۇس ئىنسان بەدىنىگە سىرىتتىن يۇقىدۇ، ۋۇجۇتتىن ئۆزىگە ئازراق بوشلۇق تاپسىلا ئىچكى ئورگانلارغا ماكانلىشىدۇ ۋە چىرىتىشكە باشلايدۇ. بىر خەلق، بىر دۆلەتمۇ بەدەنگە ئوخشايدۇ. ئافغانسىتان خەلقى ماركىسىزم ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان بولسا ئىدى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان ئىشغالىيىتى ئەمەلىيلەشمەيتتى. سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئافغانىستاننى ئىشغال قىلمىغان بولسا، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئوكيانۇس ئاتلاپ كېلىپ بۇ زېمىننى بومباردىمان قىلمايتتى. 

نېمە ئۈچۈن ئافغانىستان ھەققىدە توختىلىمىز؟

 

نېمە ئۈچۈن ئافغانىستان ھەققىدە توختىلىمەن؟ ئافغانىستان شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوشنىسى، دىن ۋە قان قېرىندىشىدۇر. ئافغانىستاندا ئۆزبەك، تۈركمەن، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق بەش مىليۇنغا يېقىن تۈرك خەلقى ياشايدۇ. چار روسىيە غەربىي تۈركىستاننى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندا، كۆپ ساندىكى تۈرك خەلقى ئافغانىستانغا كۆچۈپ كەتكەن. ئافغان قېرىنداشلار ھەر دائىم بۇ قېرىنداشلارغا قۇچاق ئاچقان. 1933 – يىلى 12 – دېكابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەت ئافغانىستاندۇر. روس ۋە خىتايلارنىڭ بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە جۇمھۇرىيەت يىقىتىلغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۇل سالغۇچىلاردىن بىرى بولغان يېتەكچىمىز مەھمەت ئەمىن بۇغراغا يەنە ئافغانسىتان قۇچاق ئېچىپ، كابۇلدا يىللارچە ئېزىز مېھمان سۈپىتىدە كۈتىۋالغان.

ئوتتۇرا ئاسيادا قەھرىمانلىق ۋە ھۆرلىك يولىدا ئەتراپىدىكى خەلقلەرگە ئۈلگە ۋە ئىلھام مەنبەسى بولۇپ كەلگەن بۇ دۆلەت، بۈگۈن تارىختا ئەڭ نادىر كۆرۈلىدىغان مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى ئىچىدە تۇرۋاتىدۇ. ئوخشاش تېراگىدىيە، يېڭى بىر ئۇرۇش قاينىمىغا ئىتتىرىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا قايتىدىن يۈز بەرمىسۇن دەپ ئافغانىستان ھەققىدە توختىلىۋاتىمىز.

« بۇ، بىر مىللەت ئۆزىدىكىنى ( گۈزەل ئەخلاق ۋە ئارتۇقچىلىقلارنى ) ئۆزگەرتىۋەتمىگىچە، ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدىغانلىقىدىندۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر » ( ئەنفال، 53. تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ).

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ئازادلىق جەڭچىلىرى، دىنى ئۆلىمالىرى، زىيالىلىرى، بارلىق ئەقىل ئىگىلىرى مۇستەقىللىق كۆرىشىمىز باشلانغاندا دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلە، مۇشكىلات ۋە خەۋپلەر ھەققىدە ھازىردىن باشلاپ ئويلىنىشى، باش قاتۇرۇشى كېرەك. ئاللاھ نىڭ ياردىمى بىزنىڭ ياخشىلىققا يۈزلەنگەن ھالدا ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك.

پەپىلىگەنسېرى ئۇيقىغا غەرق بولىدىغان، بىر تەستەك بىلەن ئۇيقۇسى ئېچىلىدىغان مۈگىدەك روھى ھالىتىمىزدىن قۇتۇلۇپ، ئاڭلىق ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى.

 

تۈركچە مەنبە

MİLLİ KURTULUŞ YOLUNDA DÜŞÜNCELER-2.BÖLÜM

Share
3157 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.