logo

trugen jacn

مىللىيەتچى ھەركەت پارتىسى ئىپتارىدا شەرقى تۈركىستان كۈنتەرتىپكە كەلدى

 

سولدىن ئوڭغا مىللىيەتچى ھەركەت پارتىسى ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى ئارزۇ ئەردەم، نەسىبە فلورا ھەزرەت، گۈنگۆرەن ناھىيە تەشكىلات رەئىسى فۇئات گۈل

 

تۈركىيە مىللىيەتچى ھەركەت پارتىسى ئىستانبۇل ۋىلايەت گۈنگۆرەن ناھىيە پارتىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2017. يىلى 21 . ئىيۇن ئىززەت ئۇنۋەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەيدانىدا 2000 كىشىلىك ئىپتار بىرىلدى. 300 مىڭ نوپۇسلۇق گۈنگۆرەن ناھىيىسىنىڭ مىللىيەتچى ھەركەت پارتىيە تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى شەرقى تۈركىستانلىق نەسىبە فلورا ھەزرەت خانىم بولغانلىغى ئۈچۈن، ئىپتارغا شەرقى تۈركىستانلىقلار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى ۋە ئىپتاردا رەھبەرلەرگە ئايرىلغان پروتوكول ئۈستىلىگە تەكلىپ قىلىندى
ئىپتاردا، شەرقى تۈركىستانلىقلار، مىللىيەتچى ھەركەت پارتىسى رەھبەرلىرىگە، شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىنى، بولۇپمۇ بۇ ئۇلۇغ رامىزان كۈنلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىڭ تارتىۋاتقان ئازاب- ئۇقۇبەتلىرى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى. ئىپتاردىن كېيىن سەھنىدە نۇتۇق سۆزلىگەن مىللىيەتچى ھەركەت پارتىسى ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى ئارزۇ ئەردەم خانىم، مۇسۇلمان ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالغاندا، مەزلۇم شەرقى تۈركىستانغا، ئۇيغۇرلارغا ھەر رايىم ۋە ئاخىرغىچە ئىگە چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ھەر قانداق بىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا مەنى ئارىڭلار. سىلەرگە 24 سائەت تېلىپۇنۇم ئۇچۇق،دېدى. ئارزۇ ئەردەم، پۈتۈن مىللىيەتچى ھەركەت مەنسۇپلىرىنى ئىزلىگەن مۇسۇلمان، تۈركلەرگە، بولۇپمۇ شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن دۇئا ئېتىشكە چاقىردى

 

ئىپتار كۆرۈنىشلىرىدىن رەسىملەر

 

 

 

 

 

Share
1431 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.