logo

trugen jacn

مىسىر دائىرىلىرىنىڭ 12 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

 

مىسىر دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بېرى مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلاردىن 12 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى، 22 ئۇيغۇرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىش ئالدىدا تۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىر ئاۋىئاتسىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار 12 ئۇيغۇرنىڭ پەيشەنبە كۈنى مىسىر ھاۋا يوللىرىنىڭ گۇاڭجۇغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانىدا خىتايغا يولغا سېلىنغانلىقىنى، يەنە 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يولغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مىسىر ھۆكۈمىتى يېقىندا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە تىجارەتچىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار 100 دىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، 3000 دەك ئوقۇغۇچىنى قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئۇلار، بۇ ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا ياكى ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مىسىر دائىرىلىرىنى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئەقەللىي پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان. «نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، مىسىر ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ئىككى نەپەر ئەمەلدارى، مىسىر ساقچىلىرىنىڭ 22 نەپەر ئۇيغۇرنى پەيشەنبە كۈنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پەيشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدىن سەل بۇرۇن يولغا چىقىدىغان ئايروپىلاندا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى

Share
834 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.