logo

trugen jacn

مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

چارشەنبە كۈنى ئوتتۇرا شەرق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مىسىر دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يەنە 80 ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ دەرھال خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋەرلەردە، مىسىر دائىرىلىرىنىڭ مىسىردىكى ئوقۇغۇچى ۋە تىجارەتچى ئۇيغۇرلارنى ئومۇمى يۈزلۈك تۇتقۇن قىلىپ، 100 ئارتۇق ئۇيغۇرنى سولىۋالغانلىقى، ئۇلاردىن 12كىشىنىڭ 6‏-ئىيۇل مىسىر ھاۋا يوللىرىنىڭ گۇاڭجۇغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانىدا خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان. مىسىر ئامانلىق دائىرىلىرى 6‏-ئىيۇل چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا، يەنە 22 ئۇيغۇرنىڭ قايتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«ئوتتۇرا شەرق كۆزىتىش گېزىتى» نىڭ 12‏- ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، مىسىر بىخەتەرلىك تارماقلىرى يېقىنقى بىر قانچە سائەت ئىچىدە 80 ئوقۇغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، بۇلاردىن 4كىشى مىسىرنىڭ داخىلىيە رايونىدىكى سامانود شەھىرىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، دائىرىلەر بۇ كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش ئولتۇراق قەغىزىدە قائىدىگە خىلاپلىق بايقالغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە باشلىشى، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى، ئوقۇشى ۋە بىخەتەرلىكىگە جىددىي خەۋپ پەيدا قىلغان.
مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى قايتۇرۇپ كېلىپ جازالاۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى. مىسىردا قېچىپ يۈرۈۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مىسىر ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى چېگرادا توسۇپ تۇتۇۋاتقاچقا باشقا دۆلەتكە كېتەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى: ئەمدى قانداق قىلىمىز، ئاشۇنداق ئىشلار بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. بىزمۇ ئۇ يەرگە يوشۇرۇنۇپ، بۇ يەرگە يوشۇرۇنۇپ دېگەندەك شۇنداق يۈرۈۋاتىمىز. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تۈنۈگۈن يەنە ئاختۇرۇش بولۇپتۇ. ئاخشاملىرى سائەت بىردىن كېيىن ئاختۇرۇپ بولۇۋاتىدۇ، دەيدۇ. بىز ئاساسى جەھەتتىن ئۆيدە تۇرمىغاندىن كېيىن، ئۇياق-بۇياقتا تۇرغاندىن كېيىن مەلۇمات ئالالمىدۇق شۇ. ئۆيگە بەزىدە كېلىمىز، بەزىدە ئۇ يەر -بۇ يەردە تۇرۇپ دېگەندەك ئىشلار بىلەن يۈرۈۋاتىمىز.

مۇخبىر: ئائىلىڭىز بارمىدى ياكى بويتاقمىتىڭىز؟ ئۇلارنى قانداق قىلىۋاتىدۇ؟ بالىلار قانداق قىلىۋاتىدۇ؟

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى: ئائىلەم بار. ئۇلار مەن بىلەن بىللە، نەگە بارسام شۇ يەرگە ئېلىۋېلىپ يۈرىمەن. باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قىلىش بولۇپ قالسا سەل تەس. ئۇلار بىلەن ۋاتسئاپ ئارقىلىق كۆرۈشۈپ شۇنداق قىلىۋاتىمىز. لېكىن بەك قويۇق ئالاقىلىشەلەيمىز. ئاشۇنداق كېتىۋاتىمىز. ئاللاھغا شۈكرى، قانداق قىلىمىز.

مۇخبىر: بولمىسا، سىلەرنىڭ پۈتۈن رەسمىيىتىڭلار تولۇقمۇ؟

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى: تولۇق، رەسمىيىتىمىز تولۇق. تولۇق بولسىمۇ تۇتۇۋاتىدۇ. باشقا ياققا كېتىش مەسىلىسىدە بىز ھېچ ئامال قىلالمىدۇق. بۇ يەردە بىز ئەنسىرەۋاتقان يېرىمىز بۇ يەردىن چىقىش. ئۇياق-بۇياققا كەتكەن بىلەن بۇ يەردىن قانداق چىقىمىز، دېگەن بىر ئوي بار. ئەڭ چوڭى ئاشۇ بولۇپ قالدى ھازىر. ئاساسى جەھەتتىن بۇ يەردە تۇتالمىغانلارنى شۇ چېگرادا تۇتۇۋاتىدۇ.

مىسىر ھۆكۈمىتى 10‏-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەگە ماڭغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى مىسىرنىڭ غەردەقە، دېگەن شەھىرىدە تۈتىۋالغان. تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە قورسىقىدا بالىسى 9 ئايلىق بىر ھامىلىدار ئايال بار ئىدى. ھامىلىدار ئايالنىڭ يولدىشى شۇ كۈنى «ۋاتىسئاپ» ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، ئايالى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ مۇنداق دېگەن: ئەسەلامۇ ئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، قانداق بەلەن تۇرامسىلەر. مەن بۈگۈن ئايالىم 9 ئايلىق ھامىلىدار ئىدى. مىسىردا يەڭگىپ قالمىسۇن، دەپ بىر چوڭ ئاپىمىز بىلەن يەنە بىر نەچچە ئۇيغۇر ئىنىلىرىمىز بىلەن غەردەقە ئارقىلىق تۈركىيەگە يولغا سالغان. ئۇلارنى مىسىر ۋاقتى بىر يېرىمدا ئاپتوبۇستا غەردەقەگە يولغا سالغان. سائەت 7 لەر بولغاندا ئاۋۇلاردىن ئۇچۇر كېلىپ، ئۇلارنى غەردەقەگە ئاز قالغاندا يولدا تۇتۇپ قېلىپ،ئايالىمنى، چوڭ ئاپىمىزنى، يەنە بىر ئىنىمىزنى ئېلىپ قالغانلىق خەۋىرىنى بەردى. سۈرۈشتۈرۈپ تۇرغان ئۇلارنى، ھازىر قويۇپ بېرىدىكەن، مانا-ئەنە،دەپ ئاخىرى ئۇلارنى ساقچىخانىدا تۇتۇپ قاپتۇ، ئۇلارنى ساقچىخانىدا تۇتۇپ قېلىپ تېلېفونلىرىنى تارتىۋالغان ئوخشايدۇ.

بىراق قاھىرەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەردەقە شەھىرىدە تۇتۇپ قېلىنغان ئۇيغۇر ھامىلىدار ئايال بىلەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان ئايال قويۇپ بېرىلىپ، چارشەنبە كۈنى ساق-سالامەت تۈركىيەگە قونغان. بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، مىسىر دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىيىتى تولۇق بولسىمۇ، تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى: ئىككى ئايالنى قويۇپ بەردى. قويۇپ بېرىپ، كىچىك بىر بالا قالغان. شۇنى قويۇپ بېرىش ئالدىدا ئەمدى. ئۇ ئىككى ئايالنى قويۇپ بېرىپ ھازىر بارىدىغان يېرىگە بېرىپ بولدى. ئۇلار تۈركىيەگە بېرىپ بولدى.

مۇخبىر: مىسىر ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر بۇ ئىشلارغا رەسمىي پىكىر بىلدۈرمىدى. خىتاي ئەلچىخانىسى دەيدۇ، بۇ مىسىرنىڭ قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلارنى يىغىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى، دەپ. ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باش مۇفتىسى بىزنىڭ ئەزھەرنىڭ قورۇسىدا تۇتۇلغانلار يوق، دېگەن گەپلەرنى قىلدى؟

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى: ئۇ توغرا بولۇشى مۇمكىن. ئاساسى جەھەتتىن ئەزھەرنىڭ قورۇسىدا تۇتۇلغان بالىلار يوق. مېنىڭ ئاڭلىشىمچە سىرتتىكى بالىلار. ئەزھەرنىڭ ئىچىدە، ئۇ يەردە بىخەتەرلىك قوغداش خادىملىرى بولىدۇ ئەمەسمۇ، ئۇ يەردە ئۇنداق ئىشنى قىلالمايدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ۋاراقلىرى يوق، دېگەن ئۇ گەپلەر توغرا بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، بۇ يەردە ئىقامەتسىز ياكى ۋاراقسىز تۈرىدىغان بالىلار يوق. بۇ يەردىكى بالىلار خىتاينىڭ («جۇڭگونىڭ») بەرگەن قانۇنلۇق پاسپورتى بىلەن ئىقامەتلىك تۇرۇۋاتقان بالىلار. بەزىلىرىنىڭ ئىقامىتى يوق بالىلار بولسا، بەزىدە مەكتەپنىڭ ئىسمى چىققۇچە ساقلايدىغان بالىلار بار، ئىسمى چىققاندىن كېيىنلا دەرھال ئىقامەتكە باش ئۇرىدۇ. شۇڭا، بەلكىم بۇ مەلۇمات خاتا بولۇشى مۇمكىن.
مۇخبىر: ئۇ بۇ يەردە يىغىۋالغان بالىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇشقا كەلگەن بالىلار دەڭە؟

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى: ھەئە، شۇنداق. بۇ يەردىكى كۆپىنچە بالىلار شۇ. بۇ يەردە نېمە ئىش بار دەيسىز ئاكا. بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان بالىلارنىڭ ھېچ بىر سىياسىي ئىش بىلەن ئالاقىسى يوق. مەيلى قايسىمىز بولايلى، بىز ھېچ بىر سىياسىي ئىشقا ئارىلاشمايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە بىر سىياسىي ئىشمۇ يوق. كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇ ئوقۇساق، بىلىم ئالساق، تىل ئۆگەنسەك، دېگەن گەپلا بار. باشقا نېمە بار، بىلىسىز بۇ ئەرەب دۆلىتىدە. ئەزھەرنىڭ پۈتۈن دۇنياغا داڭقى بار. بۇ يەرگە كېلىۋاتقان بالىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇش، دەپلا كېلىدۇ، ئاساسى جەھەتتىن باشقا نىيەت يوق بۇلاردا. بىز 3 ئادەم بىر يەرگە كېلىپ قالساقمۇ بىز ھەرگىز سىياسىي گەپنى قىلىپ قالمايمىز. مەيلى يېقىندا بولسۇن، مەيلى يىراقتا بىز سىياسىيغا ھېچ ئارىلاشمايمىز. چۈنكى، بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئوقۇش.

مىسىر ھۆكۈمىتىدىكى بەزى ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىگە غەيرىي رەسمىي ئىپادە بىلدۈرۈپ، بۇنى قانۇنلۇق رەسمىيەت مەسىلىسىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر رەسمىي چۈشەنچە بېرىپ باقمىدى.

رادىيومىزنىڭ مۇخبىرى سەيشەنبە كۈنى مىسىرنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەلچىخانىنىڭ بىر ياردەمچى ئاخبارات ئەمەلدارى ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشكە ھوقۇقلۇق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/misirda-uyghur-07122017142602.html

Share
1224 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.