logo

trugen jacn

لياۋتيەنچى خانىم: بىر مىللى قەھرىمان دۇنياغا كەلدى

 

ئازاد

liao-tianqi-qeyser-abdurusul-bei-ling-bishkek.jpg

لياۋتيەنچى خانىم قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ۋە بېي لىڭ ئەپەندىلەر بىلەن خەلقئارا قەلەمكەشلەر قۇرۇلتىيىدا 2014-يىل 2-ئۆكتەبىر بىشكەك.

RFA/Azad

«دېموكراتىك خىتاي» تورىدا لياۋ تيەنچى خانىمنىڭ «بىر مىللىي قەھرىمان دۇنياغا كەلدى» ناملىق ماقالىسى ئىلان قىلىندى.

ئاپتور ماقالىسىدە، كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە قارىتا تارىخى نۇقتىدىن تەھلىل يۈرگۈزۈشنى ھەمدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاپتونومىيەلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى تەشەببۇس قىلغان ئىلھام توختىنى بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن قارىلاپ، ھېچقانداق جىنايى پاكىتلار دەلىللەنمىگەن تۇرۇقلۇق ئۇنى قانۇنسىزلىق بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنسىز ھۆكۈمى ئىلھام توختىنى ئادەتتىكى بىر زىيالىيدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىكى مىللىي قەھرىمانغا ئايلاندۇردى، چۈنكى ئۇ شۇنچىۋالا ئېغىر ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان، بۇنىڭدىن كېيىنكى پۈتۈن ئۈمرى تۈرمىدە ئۆتىدىغان تۇرۇقلۇق يەنىلا ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋە ئۆز خەلقىنى ئۆچمەنلىكنى تاشلاپ كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراشقا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ ھامان بىر كۈنى جەمئىيەتنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ھەمدە قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە چاقىردى، دەپ يازىدۇ ئاپتور ماقالىسىدە.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى ھەققىدە توختالغان لياۋ تيەنچى خانىم ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ:

بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى مىللەتلەر ئارا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ ھەر تۈرلۈك رەزىل ۋاستىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرگە ئېرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلدى.

بولۇپمۇ، كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەتنى ۋە مىللىي مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش، ئىشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىقابى بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش، ياش ئۆسمۈرلەرنى ئانا تىل مۇھىتىدىن ئايرىۋېتىپ ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ سىنىپلىرىنى ئېچىش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى ھەمدە دىنىي ھەق – ھوقوقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى قاتارلىقلارغا قارىتا ئىلھام ئەپەندى مەردانىلىق بىلەن تەنقىد يۈرگۈزۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاپتونومىيەلىك ھوقوقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان ھەمدە ئۆزى باشقۇرغان «ئۇيغۇر بىز» تور بېتى ئارقىلىق خىتايدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئۆرپ – ئادەت ۋە تۇرمۇش شەكلىگە قارىتا تارىخى نوقتىدىن تەھلىل يۈرگۈزۈپ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز – ئارا پەرقلەرنى مىللىي ئۆچمەنلىكنىڭ سەۋەبى دەپ قارىماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق دۆلەت ئۈچۈن تۆھپىكار ئۇستاز بولۇشقا تېگىشلىك ئادەم خىتايدىكى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان» دېگەن بەتنام بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

مۇخبىرىمىزنىڭ تېلىفۇن زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان لياۋ تيەنچى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

– ئىلھام توختى ئىنتايىن موتىدىل كۆز قاراشتىكى بىر ئالىم. ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىلى مەسىلىسىدىكى مەيدانى ھەقىقەتەن تولىمۇ ئاقىلانە. راست گەپنى قىلسام، ئەگەر مەن ئۇيغۇر پەرزەنتى بولغان بولسام، ئۇنىڭ بۇنداق موتىدىل كۆز قاراشلىرىنى قوبۇل قىلالماسلىقىم مۇمكىن. بىر ئۇيغۇرنىڭ ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلىشقا تامامەن ھوقوقلۇق بولسىمۇ، ئۇ ئەزەلدىن بۇنداق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغىنى يوق.

بۈگۈنكى دۇنيادا كىچىك مىللەتلەرنىڭ چوڭ دۆلەتلەردىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدىغان بىر چوڭ ئېقىم. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشىنى تامامەن چۈشىنىشكە بولىدۇ.

لياۋتيەنچى خانىم يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:

– ئىلھام توختىنىڭ نامى بۈگۈنكى كۈندە ھەقىقەتنىڭ، تىنچلىقنىڭ، مەردانىلىقنىڭ ھەمدە ئەقىل – پاراسەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالدى. ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنى بىر سىياسىيۇن دەپ قارىمىغان بولسىمۇ، مەن ئۇنى سىياسىيۇنلارغا خاس يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە، مىلىيونلىغان قەلىبلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدىغان مىللىي كۈرەشنىڭ داھىسى دەپ تونۇيمەن. شۇنداقلا مەن ئۇنى يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىنىڭلا داھىسى بولۇپ قالماي، بارلىق ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ھەمدە ئىنسان ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ داھىسى بولۇشقا لايىق ئىنسان دەپ قارايمەن.

لياۋتيەنچى خانىم ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

– جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەپەككۈر شەكلىنى ئۆزگەرتىدىغان ۋاقتى ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى. بېيجىڭ ھاكىمىيىتىنىڭمۇ ھاكىم مۇتلەق تۈزۈلمىدىن ۋاز كېچىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى دەپسەندە قىلىشنى توختىتىپ، ئىناق بولغان بىر مۇھىت يارىتىشنى ئويلىشىدىغان ۋاقتى ئاللىقاچان يېتىپ كەلدى.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/liao-tianchi-ilham-toxti-12302014205410.html

Share
1784 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.