logo

trugen jacn

لىيۇشاۋبو ئۆلمىدى، 1،35 مىليارد خىتاينىڭ ۋىجدانى ئۆلدى

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

لىيۇشاۋبو ئۆلمىدى، 1،35 مىليارد خىتاينىڭ ۋىجدانى ئۆلدى

 

لىيۇشاۋبو خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى پانجىڭ تۇرمىسىدا جىسمانى ۋە مەنىۋىي ئازاب تارتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە نوبىل مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى. مۇكاپات مۇراسىمىدا ئائىلىدىن مۇكاپاتى ئالىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. چۈنكى، لىئۇشاۋبونىڭ ئايالى لىيۇشا بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن ئېلىنىپ بىلىنمىگەن بىر يەردە پولىس نازارىتى ئاستىدا تۇتۇلىۋاتاتتى. دۇنيا مەدياسى لىيۇشاۋبو ۋە لىيۇشا توغرۇلۇق ئۇزۇن بىر مەزگىل ھېچقانداق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدى. 2017.يىلى 6.ئاينىڭ 26. كۈنى لىياۋنىڭ ئۆلكىلىك تۇرما ئىدارىسى تورىدا،لىيۇشاوبونىڭ جىگەر راكى بىلەن ئاغرىغانلىقى سەۋەپلىك دوختۇرخانىدا داۋالىنىشىغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. شىنياڭ تىپ ئۇنىۋېرسىتېت دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقانلىغى بىلدۈرۈلگەن لىيۇشاۋبونى كۆرگەن ھەر قانداق بىر يېقىنى ۋەياكى جورنالىست بولمىدى. چۈنكى، دوختۇرخانا ئەتىراپىدا يۈزلىگەن رەسمى، مىڭلىغان پۇخراچە كىيىنگەن خىتاي ساقچىلار بار ئىدى

ئامېرىكا ۋە گىرمانىيەدىن مۇتەخەسسىس دوختۇرلار كەلدى. لىيۇشاۋبونىڭ ئامېرىكىدىكى ئاۋدۇكاتى، ئۇنى چەتئەلگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئامبۇلانس ئايرۇپىلان ھازىر ھالەتتە كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى لىيۇشاۋبوغا مەركەزلەشكەن بولسىمۇ خىتاينىڭ پەرۋايى پەلەك ئىدى. 2017.يىلى 7. ئاينىڭ 13. كۈنى لىيۇشاۋبونىڭ ۋاپات بولغانلىغى دوختۇرخانا تورىدا خەۋەر قىلىندى. ئايالى لىيۇشا، لىيۇشاۋبونىڭ جەسىتىنى توڭلىتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىراپ، سالدىراپ جەسەتنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى لىيۇشاغا تۇتقۇزۇپ قويدى.61 ياشلىق لىيۇشاۋبونىڭ ئۆلۈمى دۇنيانى زىلزىلگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، خىتايدا ئۆلۈم خەۋىرىمۇ بېرىلمىدى.خىتاي جەمىيىتىنىڭ پەرۋايى پەلەك ئىدى

لىيۇشاغا يولدىشى لىيۇشاۋبونىڭ كۆيدۈرۈلگەن جەسىدىنىڭ كۈلى بىرىلدى

 

لىيۇشاۋبو ھاياتىنى خىتاي مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ئۈچۈن ئاتىغان بىر ئۇنىۋېرسىتېت مۇئەللىمى ۋە مەشھۇر جامائەت ئەربابى ئىدى. ئۆمرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ساقچى نازارىتى ۋە تۇرمىلاردا ئۆتكۈزگەن لىيۇشاۋبو پۈتۈن دۇنيا رەھبەرلىرى ۋە مەديانىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە قارىماي ئەڭ ئاخىرقى نەپسىگىچە ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەي بۇ دۈنيا بىلەن ۋىدالاشتى. ئايالى لىيۇشانىڭ يالۋىرىشلىرىغا قارىماي جىنازە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنمىدى. لىيۇشاۋبونىڭ ئۆلۈگىدىنمۇ قورققان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇنىڭ كۈلىنى مەجبۇرى دېڭىزگە تۆكتۈرۈۋەتتى. لىيۇشاۋبو تۇنجى قېتىم نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خىتاي پۇخراسى ئىدى. بۇ پۈتۈن خىتاي مىللىتى ئىپتىخارلىنىدىغان بىر شەرەپ ئىدى. بىراق نوبىل مۇكاپاتى خىتاي شارايىتىدا لىيۇشاۋبونىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋە ئېغىر ئازاپ تارتىشىغا، تېخىمۇ بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولۇشتىن باشقا ئىشقا يارىمىدى

لىيۇشاۋبو خىتايدىكى دىكتاتۇرلۇق تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلاتتى.ئامما، زوراۋانلىق ئىشلىتىشكە قەتئى قارشى ئىدى. تىنىچ يول بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش تەرەپدارى ئىدى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بولسا زوراۋانلىق يولى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ۋە زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىر پارتىيە ئىدى
لىيۇشاۋبونىڭ ”مېنىڭ دۈشمىنىم يوقتۇر“ دەيدىغان مەشھۇر بىر ماقالىسى بار بولۇپ، خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىنى دۈشمەن سۈپىتىدە كۆرمەيتتى. بىراق خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ئىچكى دۈشمىنى لىيۇشاۋبو ئىدى. خىتاي دۇنيانىڭ 2. بۈيۈك ئىختىسادى كۈچىگە ئايلاندى. قولىدا ئاتوم، ۋودورود بومبىلىرى بار. خوشنا دۆلەتلەرگە ۋەھىمە سېلىپ تۇرىۋاتىدۇ. بىراق لىيۇشاۋبو ۋەھىمىسىدىن ئۆلگىدەك قورقتى. نىمىشكە؟ چۈنكى، خىتاي دۆلىتىدە كۇچ بار، ئامما ھەقىقەت يوق. لىيۇشاۋبودا بولسا كۇچ يوق،ئامما ھەقىقەت بار ئىدى. ئاخىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، جەسىدىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى كۆككە سورىۋېتىپ خاتىرجەم بولدى. خىتاي كومىنىستىك پارتىيىسى ”ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى“ تېررور تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت شەكلىنى ئالغان بىر يۈزىدۇر. ”ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى“ تېررور تەشكىلاتى جىنايەتنى ئاشكارە قىلىدۇ. خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسى ئوخشاش جىنايەتنى مەخپى قىلىدۇ. پەرقى بۇنىڭدىن ئىبارەت

لىيۇشاۋبو ئەينى زاماندا بىر ئۇيغۇر دوستىدۇر. ئۇ، 2000. يىلى 11. ئايدا ”ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ ھۇقۇقى“ سەلەۋھىلىك قىسقا بىر ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ماقالىدا، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرگە ۋەدە قىلغان ھەقىقى ئاپتونومىيەنى بىرىش كېرەكلىگىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەر بىلەن تەڭ- باراۋەرلىك شەرتى ئاستىدا تەكرار مۇزاكىرە ئۈستىلىگە ئولتۇرۇپ كېلىشىم ھاسىل قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. لىيۇشاۋبو ئىلھام توختىنىڭمۇ يېقىن دوستى ئىدى. لىيۇشاۋبو 2009.يىلى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قولغا ئېلىنىپ 11 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلگەن سوتتا سوتلانغاندا، ئۇنىڭغا ئارتىلغان جىنايەتلىرىدىن بىرسى ”بۆلگۈنچىلەرنى ۋەتەننى پارچىلاشقا قۇتۇرتۇش جىنايىتى“ ئىدى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى 8 يىلىنى تۇرمىدا جىسمانى ئازاب ئىچىدە ئۆتكۈزگەن لىيۇشاۋبو، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەق گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئازاب چېكىشكە مەجبۇر قالغان خىتاي زىيالىسىدۇر

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ھاكىمىيىتى، دۆلەت كۇچىنى خەلقنى ئېزىش ئۈچۈن ئىشلىتىشىنى باشقۇرۇش ماھارىتى دەپ سانايدىغان، كىبىرلىك ۋە شەپقەتسىزلىگى ئىسپاتلانغان قانخور ھاكىمىيەتتۇر. بۇ ھاكىمىيەتنىڭ لىيۇشاۋبوغا بولغان شەپقەتسىز مۇئامىلىسى خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر. بىراق بىر مىليارد 350 مىليون خىتاي خەلقى ھېچبىر زامان، ھېچبىر يەردە لىيۇشاۋبوغا بولغان ھېسداشلىقىنى كۆرسەتمەسلىكى ئەجەبلىنەرلىك ھادىسە. 2009.يىلى 12.ئاينىڭ 25.كۈنى لىيۇشاۋبو بېيجىڭ 1.ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان جەرياننى تور ئارقىلىق سائەتمۇ، سائەت كۈزىتىپ تۇرغان ئىدىم. شۇ كۈنى سوت بىناسى ئالدىغا 100 دەك ئادەم توپلانغان بولۇپ، 70 ئەتراپىدىكى كىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ باش ئەلچىلىك خادىملىرى ۋە جورنالىستلىرى ئىدى. لىيۇشاۋبونى قوللىغۇچى خىتايلاردىن 30 دەك ئاكتىۋىست بار ئىدى. كۇچ ئالدىدا تىز پۈكىيدىغان خىتاي خەلقىنىڭ ھەقىقەتنى ھىمايە قىلىش تۇيغۇسىنىڭ تامامەن ئۆلگەنلىكىگە ئىنتايىن ئېچىنغان ئىدىم. خىتاي مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلغان بۇ يولباشچىسى تۇرمىدا سۈيىقەست بىلەن ئۆلۈمگە يوللانغانلىقىغا قارشى مىليونلىغان خىتاي پۇخراسى شەھەر، شەھەردە نامايىشقا چىقىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق، خىتاي شەھەرلىرىنىڭ مىغ، مىغ ئادەم بىلەن تولغان كوچىلىرىدا پۇل ئۈچۈن ئۆلۈپ تىرىلىشىگە قارىماي چېپىپ يۈرگەن خىتاي مىللىتى مەنسۇپلىرىنىڭ خىيالىدا لىيۇشاۋبونىڭ يوقلىغى كۆرۈلدى. بىرمۇنچىلىغان خىتاي پۇخراسى لىيۇشاۋبونىڭ كىم ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىدى. خىتايدا ئۆلگەن لىيۇشاۋبو ئەمەس، بەلكى 1 مىليارت 350 مىليون نۇپسقا ئىگە خىتاي خەلقىنىڭ ۋىجدانى ئىدى

خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ 3 مىڭ يىللىق يازما تارىخى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. تارىختىن بىرى خىتاي ھاكىمىيەتلىرى خەلقنى ئېزىپ كەلگەن زور بىر زۇلۇم ۋاسىتىسىدۇر. دۆلەت خەلقنى قانچىلىك قاتتىق ئەزسە، خەلق دۆلەتنى شۇنچە قابىلىيەتلىك دەپ ھىساپلىغان ۋە شۇنچە ھۆرمەت كۆرسىتىپ كەلگەن.2 مىڭ يىللىق تارىخى ئۆتمۈشى بولغان كۇڭزى پەلسەپىسىنىڭ نىگىزىدە ”ماسلىشىش“ سۆزى ياتىدۇ. ماسلىشىش، دۆلەتكە ماسلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. خىتاي خەلقى تارىختىن بەرى ”ماسلىشىش“نى، بۇيۇندۇرىقىغا ئاشىق ئۆكۈز بولۇش، دەپ چۈشۈنۈپ كەلگەن

كېيىنكى 500 يىل ئىچىدە مەدەنىي دۇنيا 838 كەشپىياتىنى ئىجات قىلدى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى. بىراق بۇ 838 كەشپىياتنىڭ بىرسىمۇ خىتاي مىللىتىگە مەنسۇپ ئەمەس. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، خىتايدا ئەركىن ئىنسان بولغان ئەمەس. كەشپىيات يارىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ روھى ئەركىن بولىشى شەرت. روھى ئەركىن ئىنسان قورقۇمسىز ئەركىن تەپەككۇر قىلالايدۇ. ئەركىن ھەركەت قىلالايدۇ. ئىنسان روھى قۇللاشتۇرۇلغان ھېچبىر دۆلەتتە كەشپىيات يارىتالايدىغان ئالىملار چىقمىدى ۋە چىقىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. خىتايلار, غەرپ دۆلەتلىرى 300 يىلدا ئىجات قىلغان كەشپىياتلىرىنى 30 يىلدا كۆچۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈپ بولغانلىغى بىلەن ناھايىتى پەخىرلىنىپ ماختىنىدۇ. (ئەسلىدە ماختىنىش ئەمەس، خىجىللىق ھېس قىلىشى كېرەك ئىدى) خىتاي مىللىتى ئەركىنلىكنى ئەمەس، باياشاتلىقى تاللاپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا خىتاي مىللىتىنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجى بولغان ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھاياتىنى پىدا قىلغان ۋە دۇنيادا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لىيۇشاۋبونىڭ خىتاي خەلقى نەزىرىدە ھېچقانداق قىممىتىنىڭ بولمىغانلىقىغا ھەيران بولۇشقا كېرەك يوقتۇر

مەن، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن بىللە ياشىيالمايدىغانلىغىنى ئىسپاتلايدىغان مىڭ ماددىلىق سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويالايمەن. لىيۇشاۋبونىڭ تىرادىگىيەلىك ھاياتى ۋە پاجىئەلىك ئۆلۈمى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن بىللە ياشىيالمايدىغانلىقىمىزنىڭ باشقا بىر دەلىلىدۇر
شەرقى تۈركىستاندا خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاشكارە يۈرگۈزىۋاتىدۇ. ۋەتىنىمىزگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتاي كۆچمەنلەر، خىتاي دۆلىتىنىڭ مەدەتكارلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنى يۈرەكلىك ھالدا بولاڭ- تالاڭ قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنى بۈزەك قىلىشتىن نۇمۇس ھىس قىلغان خىتاي يوق دىيەرلىك. ئۈرۈمچىدە جاڭخەيتاۋ ئىسىملىق بىر خىتاي ياش، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي ئايرىمچىلىق سىياسىتىنى تەنقىت قىلىپ يازغان ماقالىسىنى چەتئەلدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن 2016.يىلى 1. ئايدا ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىتەرىپىدىن ”بۆلگۈنچىلەرنى ۋەتەننى بۆلۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى“ بىلەن ئەيىبلەپ 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. ئۆيىنى تارتىۋېلىپ ئايالى لى ئەيجىئەنى 6 ئايلىق بالىسى بىلەن كوچىغا ھەيدەپ چىقاردى. لى ئەيجىئەگە ھەقسىز ئۆي بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا پۇل ياردەم قىلغان ئۇيغۇرلار بۇگۈن تۇرمىدا. يۇرتىمىزدىكى كۆچمەن خىتايلار جاڭخەيتاۋنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ”خىتاي مىللىتىنىڭ خائىنى، مىللىي مۇناپىق“ دەپ ھاقارەتلەپ مىڭلىغان يازمىلار يازدى. خىتاي دۆلىتىنىڭ رەسمى ئىستاتىكىسىدا شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي نوپۇسى 10 مىليون دەپ كۆرسىتىلمەكتە. ئەگەر كۈن كېىلىپ يۇرتىمىزدا ئاچارچىلىق ئاپىتى يۈز بەرسە، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈپ يېسەڭلار بولىدۇ، دىسە، خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدىن ”بۇلارمۇ ئىنسان. نىمىشكە ئۆلتۈرۇپ يەيلۇق؟“ دەيدىغانلار بەك ئاز چىقىشى مۇمكىن ۋە كۆپچىلىكى قوللىرىغا قۇرال ئېلىپ ئۇيغۇرلارنى ياۋايى ھايۋانلارنى ئۆۋلىغاندەك ئوۋلاش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. زادى، خىتاينىڭ كلاسسىس ئەسىرى “سۇ بويىدا” دېگەن روماندا ئادەم گۆشىنىڭ قانچىلىك لەززەتلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەپسىلى تەسۋىرلەر مەۋجۇت. خىتايدا ئادەم گۆشى يېيىش 1960. يىللارغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن. 2014.يىلى گۇۋاڭجۇدا ئادەم گۆشىدە كاۋاپ ،مانتا قىلىپ ساتقان بىر گۇرۇھ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى خىتاي مەدياسى ئاشكارىلىدى

بىز ئۇيغۇرلار، لىيۇشاۋبوغا ئوخشاش نامى دۇنياغا مەشھۇر بىر زىيالىي ۋە يول باشچىسىنىڭ بېشىنى يېگەن خىتاي دۆلىتىنى قوللىغان، ھەقىقەت تەرەپتە ئەمەس، كۇچلۇقلار تەرىپىدە تۇرىدىغان، ھەققانىيەت تۇيغۇسىدىن مەھرۇم بىر مىللەت بىلەن بىر دۆلەتتە ياشىيالمايمىز. چۈنكى، ئۆلگەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لىيۇ شاۋبو ئەمەس، بەلكى بىر مىليارد 350 مىليون نوپۇسلۇق خىتاي خەلقىنىڭ ۋىجداندۇر. ۋىجداننى يوقاتقان جەمئىيەت ئىنسانلىق سۈپىتىنى يوقاتقان جەمىيەتتۇر. ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتى يوقىتىلغان خەلقلەر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلغۇچى ئاپەتتۇر. گېتلېر فاشىستلىرى مەدەنىيەتلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقمىغانمىدى؟ بۈگۈن شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن خىتاي كوممۇنىست فاشىستلىرى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن پۈتۈن دولەت كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىۋاتمامدۇ؟ بارلىق ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى شۇنى ئىسىدىن چىقارماسلىقى لازىم،؛ خىتاي بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلماي تۇرۇپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيىتى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ. بۈگۈن بىزنىڭ ئۆز ئۆزىمىزدىن سورايدىغان سوئالىمىز، قاچان قۇتۇلىمىز؟ ئەمەس، قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى قانداق ھازىرلايمىز؟ بولىشى كېرەك

تۇركچىدىن تەرجىمە قىلغىچى: بەختىيار نىجات

 

مەنبەلەر

中国著名异见人士、诺贝尔和平奖得主刘晓波于2017年7月13日因病去世,终年61岁。

刘晓波:中国无法抹走的人物

刘晓波:自治的权利

刘晓波最后的陈述:我没有敌人

新疆异议人士张海涛二审再延期

1949年后中国的人吃人事件(一)

1949年后中国的人吃人事件(二)

1949年后中国的人吃人事件(三)

1949年后中国的人吃人事件(四)

1949年后中国的人吃人事件(五)

ÖLEN NOBEL ÖDÜLLÜ LİUŞAOBO DEĞİL,1,35 MİLYARLIK ÇİN ULUSUNUN VİCDANİDIR

Share
3103 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.