logo

trugen jacn

كەلپىن قاتارلىق ناھىيەلەردە دىنىي تەبلىغقا قاتناشقان ياشلار تۇتقۇن قىلىندى

Kuçar-3

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىشىمىزچە، «دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش» نامىدا دىنىي تەبلىغ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ياشلار تۇتقۇن قىلىنغان. كەلپىندىكى ساقچى دائىرىلىرى دىنىي تەبلىغقا قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاقسۇدىكى پۇقرالار كەلپىن، كۇچار ناھىيىلىرىدە دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر قىسىم ياشلار تۇتقۇن قىلىنغانلىقنى دەلىللىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيىسى «دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى بۇلتۇر يازدا باشلىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت جەريانىدا تۇتقۇن قىلىنىپ سوتلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئاز بولمىغان. بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسەن «دىنىي ئېتىقاد قانۇنىنى بۇزغان»، «چەتئەللەردە تارقالغان دىنىي ئۇچۇرلارنى تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتتە يوللىغان»، «دىنىي تەبلىغ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان» دېگەن جىنايەتلەر بىلەن قارىلانغان.

بۇ ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن كەلپىن ناھىيىسىنىڭ يورچى، گەزلىك، ئاچال يېزىلىرىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.

تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر خانىم نۆۋەتتە مەزكۇر ناھىيەدە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، مەدەنىيەتلىك پۇقرالاردىن بولۇش تەشۋىقاتى كۈچەيگەنلىكىنى، دىنىي يوسۇندا كىيىنىش چەكلەنگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ يېزىسىدا بىرقانچە ئۇيغۇر ياشنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» گە قاتناشقانلىقى ۋە دىنىي ئۇچۇرلارنى يوللىغانلىقى ئۈچۈن بۇلتۇر يازدا سوتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رېژىسسورى ئابدۇراخمان ئۆزتۈرۈك ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كەلپىن يورچى يېزىسىدىكى تۇغقانلىرىدىن مەمەت يۈسۈپ، ياسىن مەمەت، ئەمەرجان ئابدۇراخمان، ئەخمەتجان ئابدۇراخمان قاتارلىق تۆتەيلەننىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نامىدىكى ھەرىكەتتە تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر كەلپىن يورچى يېزىسىدىكى بۇ يىل قىرىق ياشقا كىرگەن مەمەت يۈسۈپنى 2015 – يىل 6 – ئاي مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن شۇ يىلى 10 – ئايدا سوت ئاچقان. سوتتا ئۇنىڭ 17 ياشلىق قىزىنىڭ تويىنى قىلغانلىقىنى «جىنايى قىلمىش» دەپ بېكىتىلىپ، مۇددەتلىك 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. مەمەت يۈسۈپنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئۇنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، كەلپىن چىلان يېزىسىدىن بۇلتۇر ياز پەسلىدە تۇتقۇن قىلىنغان 22 ياشلىق ياسىن مەمەت «تېلېفوندا قانۇنسىز دىنىي ئۇچۇرلارنى يوللىغان، دىنىي تەرغىبات ئېلىپ بارغان» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. يورچى يېزىسى يۇقىرىس كەنتىدىكى ئاكا – ئۇكا ئەمەرجان ئابدۇراخمان، ئەخمەتجان ئابدۇراخمانلار «قانۇنسىز دىنىي ئۇچۇر يوللىغان»، «دىنىي تەبلىغلەرگە قاتناشقان» دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. 24 ياشلىق ئەمەرجان ئابدۇراخمان بۇلتۇر ياز مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، «قانۇنسىز دىنىي ئۇچۇر يوللىغان» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، مۇددەتلىك 4 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 22 ياشلىق ئەخمەتجان ئابدۇراخمان بۇ يىل 2 – ئاي كىرىشى بىلەن «قانۇنسىز دىنىي تەبلىغ ئاڭلىغان» دېگەن گۇمان بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئىز – دېرىكى بولمىغان.

بىز كەلپىندىكى ساقچىخانىلاردىن يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما كەلپىن يورچى ساقچىخانىسى، ئاچال ساقچىخانىسى، گەزلىك يېزا ساقچىخانىسى قاتارلىقلارنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچى خادىملىرى تېلېفون زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كەلپىندىكى ساقچى دائىرىلىرى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۇتقۇن قىلىشنى رەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، قۇرۇلتاي ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردا ئاقسۇنىڭ كەلپىن، كۇچار ناھىيىلىرىدە بۇلتۇر يازدا بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «قانۇنسىز دىنىي ئۇچۇرلارنى يوللىغان»، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان» دېگەن باھانىلەردە كەڭ – كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان ئەھۋاللار ئاشكارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە بۇ خىل تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلەردىمۇ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇماتلارنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/diniy-tebligh-02182016233208.html

Share
1753 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.