logo

trugen jacn

كۇچا خانىقاتام ساقچى خادىمى: «يېزىمىزدىن 5 مىڭچە كىشى لاگېردا، تېخى بىرسىمۇ قويۇپ بېرىلمىدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىزنىڭ لاگېرلار ھەققىدە كۇچا ناھىيىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا كۇچانىڭ خانىقاتام يېزىلىق ساقچى خادىمى بۇ يېزىدا يىغىۋېلىشقا ئادەم ئاپىرىشنىڭ بىر ئايدىن بېرى توختىغانلىقى، ئەمما لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن 5 مىڭچە كىشىدىن تېخى بىرسىنىڭمۇ قويۇۋېتىلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بىز ئۇيغۇر رايوندىكى لاگېرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، بولۇپمۇ لاگېردىن چىققان ياكى چىقىۋاتقانلارنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كۇچا ناھىيىسىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىملىرى لاگېرلار ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن ئىزچىل تۈردە ئۆزىنى قاچۇردى. كۇچا ناھىيە 7-رايون، يەنى خانىقاتام ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى يېزىدا يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە لاگېرغا ئادەم ئاپىرىشنىڭ ئاساسەن ئاستىلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما ئۇ بۇ ئاستىلاش ياكى توختاشقا ئېنىق نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئۇ پەقەت يۇقىرىنىڭ سىياسىتىدە ياخشىلىنىش بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى پەرىزىنىلا ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ خادىم يەنە لاگېردا ھازىرغا قەدەر مەزكۇر يېزىدىن 5000 بىلەن 6000 ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ «تەربىيە» لىنىۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ ئالدى بىر يېرىم يىل، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ 2 يىلدىن بۇيان سولاقلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، لاگېردىكىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى يەنىلا ئېنىقسىز ئىكەن.

خانىقىتام يېزىسىدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىمۇ ئۆز كەنتىدىن 200 چە كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى، بۇلاردىن بىرمۇ كىشىنىڭ تېخى قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى، باشقا كەنتلەردىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر ئاڭلىمىغانلىقىنى بايان قىلدى. خانىقاتام ساقچىخانىسىدىكى مەزكۇر ساقچى خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئاھالىلەر لاگېردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى كۆرۈشكە تەشنا بولماقتا ۋە كۆرۈشۈشكە ئىلتىماس سۇنۇش ئۈچۈن يېزىلىق ساقچىخانا ئالدىدا ھەر كۈنى ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرماقتا ئىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا كۇچانىڭ خانىقىتام يېزىسىدا لاگېرغا ئادەم ئاپىرىشنىڭ بىر ئايدىن بېرى ئاستىلىغانلىقى، ئەمما لاگېرغا ئەكىتىلگەنلەردىن بىرمۇ كىشىنىڭ تېخى قويۇۋېتىلمىگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/kuchadiki-lagerlar-08022018231755.html

Share
1241 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.