logo

trugen jacn

كۆزەتكۈچىلەر: ۋىلايەتلەرنى بىكار قىلىش، ئۇيغۇرلارنى ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنىڭ قەدەم باسقۇچى

image

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي بۇلتۇر ئاپرېلدا تۇرپان ۋىلايىتىنى، بۇ يىل يانۋاردا يەنە قۇمۇل ۋىلايىتىنى بىكار قىلىپ، ئىچكىرى خىتايدىكى ئۆلكىلەردىكى تۈزۈملەرنى يولغا قويۇشقا باشلىغاندىن كېيىن ئالدىمىزدا يەنە، خوتەن ۋىلايىتىنى بىكار قىلىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلىش پىلانىنى ئاشكارىلىدى. خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋىلايەتلەرنى بۇ خىل مەمۇرىي جەھەتتىن ئۆزگەرتىش پىلانىنى مۇقىملىققا پايدىلىق ئىستراتېگىيە دەپ ئاشكارا ئېيتماقتا. يېقىنقى يىللاردا خىتايچە مۇنازىرە تورلىرىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نى بىكار قىلىپ ئۇنى ئىككى ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ رايونلارغا بۆلۈپ باشقۇرۇشقا ئوخشاش تەسەۋۋۇرلار مەيدانغا كەلگەن ۋە بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ۋىلايەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىۋاتقانلىقى خىتاينىڭ دەل بۇ خىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى بۆلۈپ باشقۇرۇش تەسەۋۋۇرىنى پەيدىن-پەي رېئاللىققا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بۇ ھەقتە كۆزەتكۈچىلەردىن ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات يۇرۇڭقاش ۋە ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى خەررىي ۋۇ ئەپەندىلەر ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر يېقىن كەلگۈسىدە خوتەن ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئورنىغا ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلىنسا، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ چىقىدىكەن. خىتاي بۇنىڭ بىلەن تۇرپان ۋە قۇمۇلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان 3-چوڭ ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولىدىكەن.

خىتاي بۇ ئۈچ ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرنى تەسىس قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەمۇرىي جەھەتتىن ئۈرۈمچى ۋە قاراماي دىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، 5 ۋىلايەت، 5 ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق 4 ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىدا كۆرسىتىشىچە، « ۋىلايەتنى بىكار قىلىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلىش رايوندا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى زۆرۈر ئىستراتېگىيە.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسلىدىكى مەمۇرىي رايونلىرىنى قايتا ئۆزگەرتىش ئىشلىرى داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋىلايەتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شەھەر مەمۇرىيىتى تەسىس قىلىش ئىشلىرى داۋام قىلماقتا، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيە بويىچە ‹ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر› تەسىس قىلىش پىلانىنىڭ 2012-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تاماملىنىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ جەرياندا دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ «يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ھەرىكەت پىلانى» بويىچە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر جايلاشتۇرۇلۇشى ۋە كۆلەم قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ ئۈرۈمچى، كورلا، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، بىر تۈركۈم رايون مەركىزىي شەھەرلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش؛ ھازىرقى ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى پائال قېزىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ شەھەر-بازارلارغا ماكانلىشىشىنى قوللاش، يۆتكەلمە نوپۇسىنى تەدرىجىي شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدىكەن.

دائىرىلەر ئاپتونوم رايوننىڭ ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشىنى « مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي پىلانى ۋە شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى مۇقەررەر تەلىپى» دەپ ئاشكارا تەشۋىق قىلماقتا.

ئامېرىكىدىكى خىتاي كۈزەتكۈچىلىرىدىن لاۋگەي فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى خەررىي ۋۇ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ۋىلايەتلەرنى بىكار قىلىشى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇشىدا ئۆزگەرتىش ياسايدىغان بىر تەدبىرلا بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيەلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق تۇتۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەركەزلىك ئىدارە قىلىشىنى كۈچەيتىدىغان بىر سىياسي تەدبىر شۇنداقلا بۇ، خىتاينىڭ باشقا ئۆزىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ۋىلايەتلەرنى بىكار قىلىشى بىلەن تامامەن پەرقلىق بولغان، ئۇيغۇرلار سەل قاراشقا بولمايدىغان ئالاھىدە بىر خەتەرلىك سىياسەت.

ۋىلايەتلەرنى قەدەممۇ ‏-قەدەم ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىى يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا يەنە تىبەتتىمۇ ئوخشاش يولغا قويۇلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«كارۋان » تورىدا 17-فېۋرال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدىمۇ شەننەن ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر شەننەن شەھىرىنى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىغانلىقىنى، ھازىرغىچە شىزاڭدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر كۆپىيىپ بەشكە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

خەررىي ۋۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مىللي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خاس ئاپپاراتى بولغان ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىشى قارىماققا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا ئەسلى ھەربىي ۋە سىياسي ئىستراتېگىيىلىك مەقسەت بار. خىتاي مۇقىمسىز بىر ھالەتتە تۇرماقتا. خۇددى ئىلگىرىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش سىياسي، ئىقتىسادىي داۋالغۇچ دەۋرىگە كىردى، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا خىتايدا چوڭ بىر سىياسي ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن بىشارەتلەر كۆرۈلمەكتە، ئەگەر بىر كۈنى سوۋېتنىڭ تەقدىرى خىتايدا قايتىلانغاندا بىرىنچى بولۇپ پارچىلىنىدىغانلار دەل ئاپتونوم رايونلار. خۇددى ئەڭ ئاۋۋال سوۋېت ئىتتىپاقىدا رېسپۇبلىكىلار مۇستەقىل بولغاندەك، بۇ جايلار پارچىلىنىپ چىقىدۇ. مەيلى بۇ رايونلاردا ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئوخشىمايدىغان مىللەت ۋە دىنلار بولۇشىغا قارىماي، ئىلگىرى بۇ جايلار مۇستەقىل بولۇپ باققان، مۆرىتى كەلسە يەنە بەرىبىر خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىش ئۈچۈن بىرلىشەلەيدۇ. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى
تېگى ‏-تەكتىدىن ئېيتساق، كەلگۈسدىن ئەندىشە قىلماقتا.

گېرمانىيىدىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ تەشۋىقات ۋە مەتبۇئات كومىتېتى رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋىلايەتلەرنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر تەسىس قىلىشى دەل ئىلگىرى خىتايچە مەتبۇئاتلاردا ئاتالمىش خىتاي سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر ئوتتۇرىغا چىقارغان «شىنجاڭنى شىمالىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭ دەپ ئىككى ئۆلكىگە ۋەياكى بىر قانچە ئۆلكىگە پارچىلاپ باشقۇرۇش» تىن ئىبارەت تەسەۋۋۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە پەيدىن‏-پەي ئەمەلىيلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. خىتاينىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىش بىلەن تەڭ، جايلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەمۇرىي فۇنكسىيەسىدە پۈتۈنلەي ئۆزگىرىش ياساش بولىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/wilayet-bikar-qilish-03142016150834.html

Share
1424 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.