logo

trugen jacn

كۆزەتكۈچىلەر : «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئۆلىملارنى باستۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەنلىك»

Chinese paramilitary police trucks drive down a main street in downtown Urumqi, in China's farwest Xinjiang region, on July 9, 2009.  Riot police and soldiers kept a strong presence in China's Urumqi city on July 9 after days of bloodshed, as taxis hit the streets and some businesses re-opened in tentative signs of normality. AFP PHOTO/Peter PARKS (Photo credit should read PETER PARKS/AFP/Getty Images)

Chinese paramilitary police trucks drive down a main street in downtown Urumqi, in China’s farwest Xinjiang region, on July 9, 2009. Riot police and soldiers kept a strong presence in China’s Urumqi city on July 9 after days of bloodshed, as taxis hit the streets and some businesses re-opened in tentative signs of normality. AFP PHOTO/Peter PARKS (Photo credit should read PETER PARKS/AFP/Getty Images)

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە 2015 – يىلىدا ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سالغان، زوراۋان تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللانغان 1084 قېتىملىق دېلو ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، 1419 كىشىنى جازالىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ ساننىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن تەڭ، خىتاي بۇ يىلدىن باشلاپ يولغا قويغان «تېررورلۇققا قارشى قانۇنى»، بولۇپمۇ «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مىزانى» نى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە يېقىنقى يىللاردا ئەل ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر، مۇسۇلمان ئاممىسىنى يېتەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە دىنىي زات، دىنىي زىيالىي ۋە ئۆلىمالارنىڭ قاتتىق زەربە بېرىش، جازالاش ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقى ئالاھىدە دىققەت تارتماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىنكاسلار ۋە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن ئۇيغۇر ئېلىدا 2014 – يىلىدىن باشلاپ كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش، دىننى سۇسلاشتۇرۇش» نامىدىكى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئاساسەن دىنىي زات ۋە ئۆلىمالارنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېرورلۇقنى تەرغىپ قىلىشتەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تەقىپكە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسى 2014 يىلى23 – ئىيۇن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاپتونوم رايون 23 – ماي زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، بىر ئاي ئىچىدە ج خ ئورگانلىرى جەمئىي 32 زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىىسىنى بىت – چىت قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىغا چېتىشلىق 380 دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا چېتىشلىق 65 قاچقۇن جىنايەتچىنى تۇتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

يېقىندا خىتاي 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنىدا سوت ۋە تەپتىش خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەرگەن خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ 2015 – يىلى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سالغان ۋە تېررورلۇق شۇغۇللىنىش جىنايىتى تۈپەيلى جازاغا ھۆكۈم قىلىنلارنىڭ 1419 كىشىگە يېتىشى«خىتاي سوتىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن بىرگە دۆلەتنى پارچىلاش ۋە تېررور بىلەن شۇغۇللىنىشقا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، يېقىندا ئىخلاسمەنلىرىمىز تەرىپىدىن رادىيومىزغا يوللانغان مەكتۇپتا پەيشەنبەبازار مەسچىتىنىڭ ئىمامى 47 ياشلىق دىنىي زات ئېزىز ئەمەتنىڭ بالا ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن 9 يىللىق كېسىلگەنلىكى يېزىلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ پەيشەنبەبازار كەنت دائىرىلىرىدىن ۋە ئاممىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىن ئەسلىدە، ئېزىز ئەمەت مەكتەپ ئاچقان ئەمەس، پەقەت بالىلىرىغا ئايەت ئۆگىتىشنى تەلەپ قىلغان قولۇم – قوشنىلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالماي پەقەت 5 ۋاق نامازغا كېرەكلىك ئايەتلەرنى يادلاتقۇزۇلغانلىق سەۋەبىدىن ئۇنى «ئەسەبىيلىككە قارشى ھەرىكەتكە ماسلاشماسلىق» ۋە «قانۇنسىز دىنىي تەربىيە ئېلىپ باردى» دەپ ئەيىبلەپ، 9 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى يولغا قويۇپ، ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مىزانى» نى تۈزمەكچى بولغانلىقى ۋە تىغ ئۇچىنى دىنىي زاتلارغا قارىتىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى خىتاي ئۆكتىچىلەردىن، ئامېرىكىدىكى لاۋگەي فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى خەررىي ۋۇ ئەپەندىنىڭ دىققىتىنى تاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا مەسچىت ئىماملىرى، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي زاتلارنىڭ باستۇرۇش ئوبېكتىغا ئايلىنىپ نۇرغۇنلىرىنىڭ قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. بۇلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولغا قويغان «تېررورلۇققا قارشى قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

خەررىي ۋۇ ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تېررور ۋە دىنىي رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تىغ ئۇچىنى ئەمەلىيەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر مەسچىت ئىماملىرى، دىنىي زاتلارغا قارىتىشىنىڭ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلدىغانلىقىغا ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەرلەردىن ئېشىپ ناھىيە، يېزا، كەنتلەرگىچە پارتىيە،گۇرۇھلارنى قۇرۇپ، ھەر مەھەللىدە ئىش باشقۇرۇش پۇنكىتلىرىنى قۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ كادىرلىرىنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلالمايۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بەرىبىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ياكى پارتىيىنىڭ گېپىدىن بەكرەك مەسچىت ئىماملىرىنىڭ، خەلق ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلغان دىنىي زاتلارنىڭ ئارقىدىن ئەگىشىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھاكىميىتى ئۆزى ئىماملارنى تەيىنلەپ باقتى، بۇمۇ ئاقمىدى، ئەمدىلىكتە ئاشكارا دۆلەت سىياسي ۋە ھەربىي كۈچى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەت دىنىي زاتلىرىغا چېقىلماقتا. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بەك چوڭ بىر خاتالىق سادىر قىلىۋاتىدۇ، بۇ خۇددى ئوت بىلەن ئويناشقاندەكلا ئاقىۋىتى بەك ئېغىر خەتەرلىك بىر تەدبىر، چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تاللىۋالغان ئىمام، ئۆلۈملارغا چېقىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگكەنلىك بىلەن باراۋەر.»

ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر تەرەپتىن دىنىي ئولىما ۋە دىنىي زاتلارغا بولغان تەقىپلەشنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپشتىن ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجرىتىپ، «دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نوتۇق مۇسابىقىسى»، « دىنىي زاتلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئېيتىش مۇسابىقىسى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىگەندىن باشقا، دىنىي زاتلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تەرەققىي قىلغان جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ «بەشتە ياخشى دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى» ۋە «بەشتە ياخشى دىنىي زات» لارغا نام بېرىش، تەقدىرلەش يىغىنلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى ئېتىقادچى ئاممىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا،ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىشقا سالماقتا.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ماھىيەتتە،خىتاينىڭ ھەقىقىي ھۆرمەتكە سازاۋەر، ساپالىق دىندارلارنى بىر تەرەپتىن جازالىسا يەنە بىر قىسىملىرىنى مۇكاپاتلاش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ئېتىبارىنى چۈشۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئۇنى پەرق ئېتىش كۈچىنى يوقاتمىغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن نەشرىياتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلىدا، دىنىي زاتلار ئەسەبىيلىك قالپىقى بىلەن باستۇرۇلماقتا. دىنىي ئەركىنلىكتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمىغان شارائىتتا خىتاي تەرغىپ قىلىۋاتقان دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىدا داۋام قىلدۇرۇۋاتقان دىننى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ دىنىدىن ۋاز كەچمەسلىك، ۋىجدانىنى يوقاتماسلىق ئۈچۈن قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: «قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت يوق خىتايدا، شەرقىي تۈركستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتاينىڭ دىنىي تەقىبىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز، ئۇيغۇرلار نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنى قىلالمايدۇ، ئوقۇتقۇچىلار، ئىشچى، خىزمەتچىلەر، 18 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ۋە روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن، دىنىي تەلىم – تەربىيىگە ئىجازەت يوق، دىن ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەر بىردەك قولغا ئېلىنىدۇ. خىتاي داۋاملىق ھەر خىل قانۇن، تۈزۈملەر ئارقىلىق دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكىنى قانۇنلاشتۇرماقتا. بۇ ئۇيغۇرلاردا يەنىمۇ كەسكىن قارشىلىقنى مەيدانغا چىقىرىدۇ.»

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى مەخسۇس ھەرىكەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى «زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ يىلتىزى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئىدىيەۋىي ئاساسى دىنىي ئەسەبىيلىك» دەپ ئېنىق كۆرسىتىپ،« دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇش نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىمىز. ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىشىمىز كېرەك» دەپ جاكارلىغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/diniy-basturush-03212016224348.html

Share
1556 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.