logo

trugen jacn

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاينىڭ تېررورلۇق قانۇنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ

594792e8-a5fa-482b-a75f-0d7bc1f724c6

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىدە زور بوشلۇق بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا دەرھال تۈزۈش كىرگۈزۈشكە چاقىردى. ئەگەر ئۇنىڭغا زور تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا ماسلاشتۇرۇلمىسا، ئۇ خىتاينىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 20‏-يانۋار ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «گۇماندارلار قانۇنى ھىمايىگە ئېرىشەلمەيدىغان، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلار يۈز بەرگەن ئەھۋالدا، بۇ قانۇن لايىھە خىتايدىكى مەۋجۇت كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بۇ خىل بۇزغۇنچىلىقنىڭ پۈتكۈل خىتايدا، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەۋجۇتلۇقى ھەممىگە ئايان. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرى، سىياسىي زوراۋانلىقلارنىڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچرىغان رايون بولۇپ قالدى.»

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنى قوغداش، ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپىسى بولسىمۇ، بىراق «بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ ھازىرقى ھالىتى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا يېشىل چىراغ ياققانلىق. بۇ قانۇن لايىھىسى پۈتۈنلەي كۆزدىن كەچۈرۈشكە، خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرىگە ماسلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014‏-يىلى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش لايىھىسى»نى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنغان. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى شۇ يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنى كۆرۈپ چىقىشقا باشلىغان. مەزكۇر قانۇن لايىھە دەرھال خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

بىراق گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئېھتىياجلىق نەرسە تېررورلۇق قانۇنى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى قانداق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ھەل قىلىش.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلئىئۇس مۇنداق دېدى: «بىزنىڭچە مەسىلە قانۇن ئەمەس. بىز خىتايدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق، ئاتالمىش تېخىمۇ كۆپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنغا ئېھتىياجلىق ئەمەس. بىز مەسىلىنى كۆزىتىشكە، كىشىلەر نېمىشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى زوراۋانلىق ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە ھېچقانداق ئۈمىد بولمىسىمۇ، بىراق يەنىلا بۇ يولنى تاللايدۇ، دېگەن مەسىلىنى تېخىمۇ كۆپ ئانالىز قىلىشقا ئېھتىياجلىق. قىسقىسى، كونكرېت تەدبىرلەر ئارقىلىق زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ، زوراۋانلىقنى توختىتىش ئورنىغا، نوقۇل بىخەتەرلىك، قانۇن، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ۋە قوراللىق كۈچلەرنى كۆپەيتىش ھەققىدىلا سۆز قىلىش توغرا يول ئەمەس. ئۇ پەقەت زوراۋانلىقنى كۈچەيتىشكىلا يارايدۇ، خالاس.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تەدبىر ئېلىش، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەقتىكى قارارلىرىغا جاۋابەن چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن.

بىراق كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىدا ئوخشاشلا يەنە دۆلەتلەرنىڭ «تېررورلۇققا قارشى ھەرقانداق تەدبىرى، ئۇنىڭ خەلقئارا قانۇنلاردا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى، بولۇپمۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق، مۇساپىرلار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك»، دەپ قەيت قىلىنغان. دەپ كۆرسەتتى

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىدە بۇنىڭغا ئەمەل قىلىنمىغان. قانۇن لايىھىسىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى «قانۇنغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىش»، «كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش» تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، بىراق قانۇن لايىھىسىدە يەنە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنىغا زور ھوقۇق بېرىلىپ، تېررورلۇق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە كەڭ ئىزاھات بېرىلگەن.

نەتىجىدە، بۇ تىنچ ئۆكتىچىلەرنى ياكى ھۆكۈمەت ۋە پارتىيىنىڭ مىللىي، دىنىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دىگىتال كۆزىتىش ئورگىنىغا مۇتلەق ھوقۇق بېرىلىپ، قانۇننىڭ كونترول سىرتىدا قالغان.

ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى قەيت قىلسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز تېررورلۇققا پەرقلىق نۇقتىلاردىن تەبىر بېرىشىمىز كېرەك. بىز ۋە خەلقئارا جەمئىيەت رادىكال ئىسلام، سىياسىي ئىسلام ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. بىز بۇنى خەلقئارا تېررورلۇق، دەپ قارايمىز. بىز ئەل-قائىدە مەغرىب، ئەل-قائىدە ۋە ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تېررورلۇق، دەپ تەرىپلەيمىز. مانا بۇ خەلقئارا تېررورلۇق مەسىلىسى. بىراق بىز نېگىرىيە ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردە شۇنداقلا خىتايدا كۆرگەن ۋەقەلەر تامامەن پەرقلىق ھادىسىلەر. بىز رايوندا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلساقمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.»

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 20‏-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. مەزكۇر ئورگان ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردا سىياسىي، مەدەنىيەت، دىنىي ھەقلىرىنىڭ رەت قىلىنىپ، تەن جازاسى، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىش، چەكلىمە، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى كەمسىتىشكە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھۆججەتلەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى ھەرگىز ئاقلاشقا بولمىسىمۇ، بىراق كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل قەبىھ زوراۋانلىقنى توختاتقىلى بولمايدۇ.

شۇڭا، قوراللىق قارشىلىق ۋە سىياسىي غەرەزلىك زوراۋانلىقلارنى ئازايتىش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال ئىپادە ئەركىنلىكى، دىنىي ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى دەرھال بىكار قىلىپ، ئەدلىيە مۇستەقىللىقىنى كۈچەيتىشى، تەن جازاسى ۋە گۇماندارلارغا قوپال مۇئامىلە قىلىشقا خاتىمە بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشى كېرەك

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/kishilik-hoquq-01212015163949.html

Share
805 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.