نيۇيورك ۋاقت گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ قەشقەردە كۆرگەنلىرى

ئىككىنچى كۈنى، ئابدۇلۋاھىد ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ساياھەت يېتەكچىسى بىزنى باشلاپ قەشقەرنى ئايلاندۇردى. بىز ئالدى بىلەن شەھەر سىرتىدىكى ئۈستى ئوچۇق مال بازىرىغا كەلدۇق. 1999- يىلى قەشقەرگە تۇنجى قېتىم زىيارەتكە كەلگەن ۋاقتىمدا بۇ بازار شەھەر مەركىزىدە ئىدى. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە تاجىك چارۋىچىلار بۇ بازاردا ئات، ئېشەك، قوي ۋە تۆگە سودىسى قىلىشاتتى.

يۈسۈپ ۋە باشقا بىر نەچچە ساقچى ئىزچىل بىزگە ئەگىشىۋاتاتتى. بىز بىر يەردە ئولتۇرۇپ لەغمەن يېدۇق.

«بۇ يەردە سودا بەك قىززىيدۇ، بۇرۇنقى جايغا قارىغاندا ياخشى» دېدى ئاشخانا خوجايىنى كېرەم ھاجى، ئۇ 62 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 34 يىلى مۇشۇ بازاردا ئۆتكەن.

قەشقەر كونا شەھەر رايونىدا بىر ئۇيغۇر ئەر قوي كاللىسىنى ئۈكلىمەكتە. نيۇيورك ۋاقت گېزىتىدىن ئېلىندى.

ئۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىز 15- ئەسىردە سېلىنغان ھېيتگاھ جامەسىگە كىردۇق. 2014- يىلى بىر نەچچە ياش مەسچىت ئىمامىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بىز مېتال تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن ئۆتتۈق. جامە ھويلىسىدا يول ئۈستىگە ئورنىتىلغان كۆزىتىش كامېرالىرى دىققىتىمنى تارتتى. كونا شەھەر رايونىدا بۇنداق كامېرالارنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

جامە ئالدىدىكى بازاردا بىر كۆچمە ساقچى پونكىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەن ساقچىلارنى كۆردۈم. بىر ساقچى بىزگە قاراپ كەلدى ۋە ئابدۇلۋاھىدتىن كىنىشكىسىنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى. ئابدۇلۋاھىد بىز بىر نەچچە چەتئەللىكنى ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ساقچى ئۆرۈلگىنىچە ئۇزۇن بىر سەپ بولۇپ كەتكەن ئۇيغۇر ئەرلەرگە قاراپ ماڭدى. ئۇ توختىتىپ قويۇلغان بۇ كىشىلەرنى تىزىملاتقىلى ئېلىپ كەتتى.

بىز كۆرۈۋاتقان بۇ ئەھۋال شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – ت)نىڭ ھەممە يېرىدە ئومۇملاشقان ئىدى. جېيمېس لېيبولد(James Leibold) ۋە ئادرىئان زېنز(Adrian Zenz) تەرىپىدىن ئۆتكەن يىلى 12- ئايدا«تاشقى ئىشلار»( Foreign Affairs) ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىگە ئاساسلانغاندا، 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يەرلىك دائىرىلەر مىڭلىغان كۆچمە ساقچى پونكىتى قۇرغان ۋە 10 مىڭلىغان يېڭى ساقچىنى خىزمەتكە قوبۇل قىلغان. ئەينى ۋاقتتا، شىنجاڭنىڭ پارتىيە سېكرىتارى چېن چۈەنگو تىبەتتە قىلغىنىغا ئوخشاش زىچ ساقچى تورى قۇرۇپ چىقىۋاتاتتى.

مېھمانخانىغا قايتقاندىن كېيىن ساياھەت يېتەكچىسى بىلەن خوشلاشتۇق. مەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەن بىر ئامېرىكىلىق دىپلومات مېھمانخانىغا تىزىملىتىۋاتاتتى.

ئۇ كۈنى كەچ، مەن ئاخىرقى قېتىم سىرتقا چىقىپ ئايلاندىم. مەن ئۇيغۇر ياش ئابدۇلۋاھابنىڭ دادىسى ئاچقان بىر گىلەم دۇكىنىغا كەلدىم. ئابدۇلۋاھاب بېيجىڭغا گىلەم ساتقىلى بارغاندا تونۇشقان ئىدىم. ئۇ خىتاينىڭ شەرقىدە بولۇپ، توي قىلىش ئۈچۈن قەشقەرگە قايتىۋاتقان ئىكەن، لېكىن ئۇنىڭ ئايروپىلانى تۇمان سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلمىدۇق.

ئابدۇلۋاھابنىڭ دادىسى ئەخمەت بىزگە گىلەملەرنى كۆرسىتىۋاتقاندا يۈسۈپ دۇكانغا كىردى. باشقا بىر نەچچە ساقچى سىرتتا ئايلىنىپ يۈرەتتى. ئەخمەت بىر نەچچە پارچە گىلەمنى ئاچتى. بەزىلىرىدە يەرلىك كىلاسسىك ئانار نۇسخسى بار ئىدى. مەن بىر گىلەم ئۈچۈن سودىلىشىشقا باشلىدىم.

«مېنىڭچە ئاۋۇ ياخشى» دېدى يۈسۈپ مېنىڭ كۆزۈم چۈشكەن بىر گىلەمنى كۆرسىتىپ، لېكىن ئۇ باھاسىنى كۆرگەندىن كېيىن بېشىنى چايقىدى.

بىز ئايرىلغاندا يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئىزىمىزغا چۈشتى. بىز بىر ئاشخانىغا كىرىپ كاۋاپ يېدۇق. ئۇلار بىزگە ئەگىشىپ كىرمىدى. ئۇ كېچىنىڭ قالغان قىسمىدا ئۇلارنى قايتا كۆرۈپ باقمىدىم.

(تۈگىدى)

مەنبە: نيۇيورك ۋاقت گېزىتى(The New York Times)