logo

trugen jacn

قاغىلىق ھويلا كەنتتىكى 4 ھاجىم ۋە بىر خاتىپ دۇكىنىدا ھاراق قويۇشقا مەجبۇر بولغان

199f3541-963f-44f6-bb62-6c62652507f1

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇم بولۇشىچە ھاراق-تاماكا سېتىشنى مەجبۇرلاش تۈزۈمى قاغىلىق ناھىيىسىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ۋە قاتتىق شەكىلدە يولغا قويۇلغان؛ ھەتتا يېمەك ئىچمەك دۇكىنى ئاچقان دىنىي زاتلارمۇ بۇ تۈزۈمگە ئەمەل قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ قاغىلىق ناھىيە سايباغ يېزا ھويلا كەنت مەسئۇللىرىدىن ئىگىلىشىچە ھويلا كەنت مەسچىتىنىڭ خاتىپى تۇرسۇنمەمەتمۇ تىرىكچىلىك ئۈچۈن ئاچقان يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىغا ھاراق-تاماكا سېلىشتىن قاچۇرالمىغان؛ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھېمىت ھاجى، مەمەت نىياز ھاجى قاتارلىق يېقىنقى يىللاردا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىپ كەلگەن 4 نەپەر ھاجىممۇ ئامالسىز ھالدا دۇكانلىرىغا ھاراق-تاماكا سالغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بۇ كىشىلەر نۆۋەتتە ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر تۈزۈمگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئەمەس، ھەتتا سوئال سوراشمۇ ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئىككى كەنت مەسئۇلى ، يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە دۇكانلاردا ھاراق-تاماكا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/hajim-haraq-06042015153739.html

Share
1884 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.