logo

trugen jacn

قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدا پىدائىيلارنى قورشاپ تۇتۇش ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭ ئامما مەجبۇرىي ھەرىكەتلەندۈرۈلگەن

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

25-ماي سەھەردە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا يېزىسىدا 6 نەپەر پىدائىينىڭ خىتاي چارلىغۇچى ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋەزىيەت جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن.

شۇ كۈنى سەھەردىن باشلاپ قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم ۋە زاۋا يېزىلىق پارتكومنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەرقايسى كەنت سېكرېتارلىرى زاۋا يېزىسىدىكى پۈتۈن ئاممىنى مەجبۇرىي سەپەرۋەر قىلغان. دائىرىلەر شۇنچە كۆپ ئامما ۋە ھەربىي-ساقچىلارنى ئىشقا سېلىپ، 25-مايدىكى ھۇجۇم ۋەقەسىدە ھايات قالغان ۋە تېخىچە يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن 4 نەپەر پىدائىينى قورشاپ تۇتۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بارغان.

يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ رادىئومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق قورشاپ تۇتۇش ئوپېراتسىيەسىگە زاۋا يېزىسىدىكى 60 مىڭغا يېقىن ئامما ھەرىكەتلەندۈرۈلگەن. قورشاپ تۇتۇش ھەرىكىتىگە ئاغرىق كىشىلەر، ياشانغانلار ۋە ئايال-بالىلاردىن باشقا، 18 ياشتىن يۇقىرى 60 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلغان.

بۇ قېتىملىق «قورشاپ تۇتۇش» ئوپېراتسىيەسى زاۋا يېزىسى تەۋەسىدە ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى دېھقانلارنىڭ ھويلا-ئاراملىرى، باغ ۋە ئورمانلىرى، ئېتىز-ئېرىقلىرى شۇنداقلا بۇغدايلىق ۋە قوناقلىقلىرى ئاختۇرۇلغان. نەچچە ئون مىڭلىغان ئاممىنىڭ ئىز بېسىپ ئىزدىشى جەريانىدا يېزا تەۋەسىدىكى زىرائەتلەر ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. ئېتىز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان دېھقانلار ھەپتىلەپ ئۆيلىرىگە قايتالمىغان. ئۇلارغا ھېچقانداق تۆلەم ۋە ھەق بېرىلمىگەن. ئىزدەپ تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشتىن باش تارتقان كىشىلەر «گۇمانلىق»، «سىياسىي مەسىلىسى بار» ياكى «تېررورچىلار بىلەن تىلى بىر» دېگەندەك قالپاقلار بىلەن ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شۇ يەرلىك بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4 نەپەر پىدائىينىڭ ئائىلىسى جايلاشقان ئىگىزئېرىق، باشاقچى ۋە توغىيا كەنتلىرىدىكى زىرائەتلەر ئىزدەپ تۇتۇش داۋامىدا پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. پىدائىيلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلغاچقا ساقچىخانىغا سولاپ قويۇلغان.

يەرلىك دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر بۇ 4 نەپەر پىدائىينىڭ تۇتۇلغان ياكى تۇتۇلمىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھاياتلىقى ياكى ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارمىغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن.

مەلۇمكى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى كەنتىدە ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. ۋەقەدىن كېيىن، يەنى شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى دائىرىلەر 30 مىڭ دېھقاننى مەجبۇرىي سەپەرۋەر قىلىپ پۇرچاقچى كەنتىدە يوشۇرۇنۇپ ياتقان پىدائىيلارنى قورشاپ تۇتۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئارىدىن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ قاراقاش زاۋادىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى تۇتۇش ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭ ئاممىنى مەجبۇرىي سەپەرۋەر قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurda-hujum-06022015135833.html

Share
1548 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.